رۇسىيە بىلەن تۈركمەنىستان ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى

0 2011-07-29 17:10:59   ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ تۈركمەنىستاننىڭ غەربىدىكى تۈركمەنباش شەھىرىنى زىيارەت قىلغاندا تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى. سۆھبەت جەريانىدا بۇ ئىككى زۇڭتۇڭ رۇسىيە بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ھەمكارلىق مەسىلىسى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى. مېدۋېدېۋ مۇنداق دەپ بىلدۈردى: »ئېنېرگىيە ساھەسى جەھەتتىكى ھەمكارلىق رۇسىيە بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ ھەمكارلىق ئىشلىرىكى مۇھىم تەركىب. ئىككى دۆلەت كەلگۈسىنى نەزەردە تۇتۇشى كېرەك. ھازىر پۈتۈن دۇنيا ئېنېرگىيە مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بەرمەكتە، ئېنېرگىيەنى تېجەش ئۈچۈن تىرىشماقتا. ئېنېرگىيە بايلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى ئېچىش رۇسىيە بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ بۇندىن كېيىنكى ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىشىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ قالغۇسى«. سۆھبەتتە مېدۋېدېۋ بىلەن بەردىمۇھەممەدوۋ 2012 - يىلى يېڭىلىق يارىتىش مەسىلىسى ئۈستىدە قايتا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بېكىتتى.
      مېدۋېدېۋ يەنە »رۇسىيە تۈركمەنىستاننىڭ بىتەرەپ بولۇش نۇقتىئىنەزىرىدە تۇرۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى رايونلارنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا قاتنىشىش مەيدانىنى تەرىپلەيدۇ«، دېدى. ئۇن يەنە: رۇسىيە بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە، دېدى. بەردىمۇھەممەدوۋ مېدۋېدېۋنىڭ سۆزىنى قوللاپ مۇنداق دېدى: تۈركمەنىستان رۇسىيەنى ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى دەپ قارايدۇ، رۇسىيە بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ مۇناسىۋىتى مۇقىم، نۇرغۇنلىغان پىرىنسىپلىق مەسىلىلەردە بىردەك كۆز قاراشقا ئىگە. رۇسىيە تۈركمەنىستاننىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك شېرىكى، تۈركمەنىستان ھازىرقى ئاساستا رۇسىيەگە تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.
      بەردىمۇھەممەدوۋ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۈركمەنىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى ئېنىق. مەڭگۈلۈك بىتەرەپ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركمەنىستان ئۆز رايونىدا مۇقىم بىخەتەرلىك تۈزۈلمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، كۆپ تەرەپلىك پايدىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر