15 - نۆۋەتلىك نوۋوسىبىرىسك خەلقئارا پىۋا كۆرگەزمىسى
كۆرگەزمە بۇيۇملىرى دائىرىسى: ئارپا ئۈندۈرمىسى پىۋىسى، قارا پىۋا، غەيرى ئەنئەنىۋى تىپتىكى تەركىبىدە ئىسپىرت بولمىغان رۇسىيە قارا ئارپا بولكىسى پىۋىسى، يۇمشاق ئىچىملىك ۋە تۆۋەن ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەر؛ ھاراق ئىشلەپچىقىرىش خام ماتېرىياللىرى، ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېخنىكىلىرى؛ كىچىك تىپتىكى پىۋا زاۋۇتىنىڭ ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرى؛ سوۋۇتۇش ۋە بوتۇلكىغا قاچىلاش ئۈسكۈنىلىرى؛ سۇنى ماگنىتلاشتۇرغان ۋە تۇزسىزلاشتۇرغاندا ئىشلىتىلىدىغان سۈزگۈچ ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەر.
كۆرگەزمە ۋاقتى: 2011 - يىلى 4 - ئاينىڭ 21-19 - كۈنلىرى
كۆرگەزمە ئورنى: رۇسىيەنىڭ نوۋوسىبىرىسك شەھىرى
16 - نۆۋەتلىك رۇسىيە خەلقئارا تىرانسپورت ۋە ئەشيا ئوبوروت كۆرگەزمىسى
كۆرگەزمە بۇيۇملىرى دائىرىسى: تىرانسپورت ۋە ئەشيا ئوبوروت سىستېمىسى؛ تاشيول مال تىرانسپورت سىستېمىسى؛ تاشيول مال تىرانسپورتى، ئاۋىئاتسىيە مال تىرانسپورتى، تۆمۈريول مال تىرانسپورتى، دېڭىز مال تىرانسپورتى؛ ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتى؛ تېز يەتكۈزۈش، مەخسۇس يەتكۈزۈش، تاموژنا مۇلازىمىتى؛ تەقسىملەپ ئەۋەتىش سىستېمىسى؛ ئامباردا ساقلاش ۋە تىرانسپورت سىستېمىسى؛ پورت ۋە مال تىرانسپورت پىرىستانى؛ ئىسكىلات ۋە يۈك مەيدانى مۇلازىمىتى؛ سۇغۇرتا ۋە ئىجارىگە بېرىش؛ قاتناش تىرانسپورت ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كەسپى؛ پاراۋۇز ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرى؛ كونتېينېر ۋە ۋاگونسىمان يۈك ئاپتوموبىلى؛ يۈكلەش ۋە ئامباردا ساقلاش ئۈسكۈنىلىرى؛ يۈك ئاپتوموبىللىرى؛ ئۇچۇر ئالاقە ۋە IT مۇلازىمىتى؛ ھالقىلارنى ئاپتوماتلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش لايىھەسى؛ توشۇش ۋە ئامباردا ساقلاش ئەشيا ئوبوروت باشقۇرۇش سىستېمىسى؛ يول باشلاش ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسى؛ مەشغۇلات ۋە خەۋەرلىشىش سىستېمىسى؛ سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش، كودلاشتۇرۇش ۋە پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى.
كۆرگەزمە ۋاقتى: 2011 - يىلى 4 - ئاينىڭ 29-26 - كۈنلىرى
كۆرگەزمە ئورنى: رۇسىيەنىڭ موسكۋا شەھىرى
10- نۆۋەتلىك كاسپىي دېڭىزى رايونى تېلېگراف كۆرگەزمە يىغىنى
كۆرگەزمە يىغىنى ئاساسىي تېمىلىرى: كاسپىي دېڭىزى رايونى ۋە تۈركىيە تېلېگراف بازىرىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ھەم ئەركىنلەشتۈرۈش؛ كاسپىي دېڭىزى ۋە قارا دېڭىز رايونلىرىنىڭ تېلېگراف ساھەسىگە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى؛ تۈركىيە، رۇسىيە، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى رايونى ھەم كاسپىي دېڭىزى قىرغىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە مۇقىم تېلېفون ئالاقىسى مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى؛ تېلېگراف كەسپى گۇۋاھنامەسىنى تارقىتىش ئۆلچىمى ۋە بەلگىلىمىرى.
كۆرگەزمە ۋاقتى: 2011 - يىلى 4 - ئاينىڭ 29-28- كۈنلىرى
كۆرگەزمە ئورنى: تۈركىيە ئىستانبۇل شەھىرى خىلتون مېھمانسارىيى
16 - نۆۋەتلىك ئۆزبېكىستان خەلقئارا تېببىي كۆرگەزمىسى
16 - نۆۋەتلىك ئۆزبېكىستان خەلقئارا تېببىي كۆرگەزمىسى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم تېببىي كۆرگەزمىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تېبابەتچىلىك ساھەسىدىكى كەسپىي ئەربابلار، ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار، دوختۇرلار ۋە باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سودا ئالاقىسى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى سۇپا ھازىرلايدۇ.
كۆرگەزمە بۇيۇملىرى دائىرىسى: داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، تەجرىبىخانا ئۈسكۈنىلىرى، دىئاگنوز قويۇش ئۈسكۈنىلىرى، ئوپېراتسىيە ئۈسكۈنىلىرى، ئوپتىكا ئۈسكۈنىلىرى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرى؛ تېببىي داۋالاش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تارماقلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سانلىق مەلۇمات باشقۇرۇش سىستېمىسى؛ ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ئېندوسكوپ، داۋالاش كىيىمى، ھۆسن تۈزەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى؛ ئادەتتىكى دورا ۋە تەڭشەپ ياسالغان دورىلار؛ جۇڭيى دورىلىرى، ۋىتامىنلار، ئوزۇقلاندۇرۇپ داۋالاش مەھسۇلاتلىرى؛ تەرتىپ بويىچە دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى؛ تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ئىشلىتىلىدىغان تەڭشەپ ياسالغان دورىلار؛ ھامىلدار ئاياللار ۋە بوۋاقلار مەھسۇلاتلىرى؛ دورا ياساش ئۈسكۈنىلىرى؛ سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىلىرى؛ دورا ياساپ ئوراپ - قاچىلاش ئۈسكۈنىلىرى؛ تېبابەتچىلىك دورىسى خام ماتېرىياللىرى.
كۆرگەزمە ۋاقتى:2011- يىلى 4 - ئاينىڭ30-27 - كۈنلىرى
كۆرگەزمە ئورنى: ئۆزبېكىستان تاشكەنت شەھىرى خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى
18 - نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا تېلېگراف ۋە كومپيۇتېر تېخنىكىسى كۆرگەزمىسى
18 - نۆۋەتلىك ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقئارا تېلېگراف ۋە كومپيۇتېر تېخنىكىسى كۆرگەزمىسى 1994 - يىلى باشلانغان بولۇپ، قازاقىستان رايونىدىكى UFI گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكەن تۇنجى كۆرگەزمىدۇر. ئۇ يەنە قازاقىستاندىكى ئەڭ چوڭ تېلېگراف ۋە IT كەسپى كۆرگەزمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يۇمشاق ماتېرىيال (ئاپتوماتلاشتۇرۇشمۇ بۇنىڭ ئىچىدە)، سىمسىز خەۋەرلىشىش ۋە كەڭ بەلۋاغ (كۆرۈنمە چاستوتا، سىمسىز تېلېگراف ئارقىلىق خەۋەرلىشىش، سۈنئىي ھەمراھ، كەڭ بەلۋاغ تېخنىكىسى)، بانكا پەن - تېخنىكىسى قاتارلىق بىرقانچە قىسىمدىن تەركىب تاپقان.
كۆرگەزمە بۇيۇملىرى دائىرىسى: تېلېگراف مەھسۇلاتلىرى، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى، ئىنتېرنېت تورى، ئوپتىك كابېل، سۈنئىي ھەمراھ خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى، كەڭ بەلۋاغ، كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، ئىش بېجىرىش تېخنىكىسى؛ كۆزەتكۈچ ۋە كۆرسەتكۈچ؛ سۇيۇق كىرىستال ۋە تەڭ ئىئون قاتارلىقلار؛ كومپيۇتېر ئەتراپى مەھسۇلاتلىرى ۋە زاپچاسلار، يانفون قاتارلىقلار؛ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئارقىلىق تارقىتىش: كەسپىي كۆرۈنمە چاستوتا ۋە ئاۋاز چاستوتىسى ئۈسكۈنىلىرى، سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى تېلېۋىزور، رەقەملىك تېلېۋىزور، كۆچمە تېلېۋىزور قاتارلىقلار؛ يۇمشاق ماتېرىيال ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش؛ بانكا ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمىتى.