ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، بالىلارغا ئۇخلاشتىن ئىلگىرى بىر قوشۇق ھەسەل ئىچكۈزسە، ئۇلاردىكى يۆتەلنى پەسەيتىپلا قالماستىن، يەنە ئۇيقۇسىنىمۇ ياخشىلايدىكەن.
تەتقىقاتچىلار پېنسىلۋانىيە شتاتىدىكى دوختۇرخانىدىن نەپەس يولى يۇقۇملانغان 105 بالىنى تاللاپ تەجرىبە ئوبيېكتى قىلغاندىن كېيىن، ھەربىر بالىنىڭ ئاتا - ئانىسىغا بىردىن قەغەز بولاق بەرگەن. بۇ بولاقلارنىڭ بەزىلىرىگە ھېچنېمە قاچىلانمىغان؛ بەزىلىرىگە بالىلارنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان مىقداردىكى، تەركىبىدە دېكىسترومېتورفان بولغان يۆتەل دورىسى قاچىلانغان؛ بەزىلىرىگە ئوخشاش مىقداردىكى ھەسەل قاچىلانغان.
بالىلارغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇ ئۈچ خىل »داۋالاش« ئۇسۇلى قوللىنىلغاندىن كېيىن، ئاتا - ئانىلار تەتقىقاتچىلار تەمىنلىگەن 7 دەرىجە ئۆلچىمى بويىچە، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بالىلارنىڭ ئۇخلاش ئەھۋالى ۋە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى - كېيىنكى يۆتىلىش ئەھۋالىغا نومۇر قويغان.
تەجرىبە نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەسەل ئىچكۈزۈش ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلىغا ئەڭ يۇقىرى نومۇر قويۇلغان بولۇپ، يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالىغاندا يۆتەل دورىسى ئىشلەتكەن ياكى ھېچقانداق داۋالاش تەدبىرىنى قوللانمىغانغا قارىغاندا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەسەلنىڭ بۇنداق »ئالاھىدە ئۈنۈم« گە ئىگە بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇ قىزىرىپ ئىششىغان يۇتقۇنچاقنى سىيپاپ ئۆتكەندە ياللۇغلىنىش ئەھۋالىنى يېنىكلىتىشى مۇمكىنكەن.
بالىلار دوختۇرلىرى مەزكۇر تەتقىقات تۈرىنى قىزغىنلىق بىلەن قوللايدىغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن ئاتا - ئانىلارغا ھەسەل ئىچكۈزۈپ داۋالاش ئۇسۇلىنى سىناپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار يەنە ھەسەل ئىچكۈزۈپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ بىر ياشقا توشمىغان بالىلارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تولۇق يېتىلىپ بولمىغاچقا، ئاز ئۇچرايدىغان، شۇنداقلا ئەجەللىك باتۇلىزىم تاياقچە باكتېرىيەسىدىن زەھەرلىنىش خەۋپىنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ھەمبەھىرلىنىڭ