تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا قان تومۇردا سۇ كۆپىيىپ تومۇر دىۋارىنىڭ بېسىمى ئېشىپ، ئاخىرىدا قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇز يۈرەك بىلەن بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان بولغاچقا، يۈرەك - مېڭە قان تومۇرى كېسەللىرىنىڭ سەۋەبچىسى ھېسابلىنىدۇ. قان تومۇرىنىڭ ئىچكى بېسىمى ئۆرلەپ كەتكەچكە، يۈرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ، ئۇزاققا سوزۇلغانسېرى يۈرەك چوڭىيىش، يۈرەك زەئىپلىشىش، بۆرەك فۇنكسىيەسىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈش ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئېلىمىز ئاھالىسىنىڭ تۇز ئىستېمال مىقدارى %50 ئازايسا، ھەر يىلى مەملىكەت بويىچە مېڭە سەكتىسى، يۈرەك كېسىلى ۋە سوزۇلما بۆرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغانلاردىن 500 مىڭى ئازىيىدىكەن. شۇڭا، تۇزغا چەك قويۇش يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئىقتىسادچىل تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.
ھەمبەھىرلىنىڭ