23-ئىيۇل كەچ سائەت 6:30ئەتراپىدا خاڭجۇدىن فۇجۇغاماڭغان D3115 پويىزغا چاقماق تەگكەندىن كېيىن ھەركەتچانلىقىنى يوقۇتۇپ شوپۇر پويىزنى توختاتقان،لېكىن كەينىدىن كەلگەن D301 ناملىق پويىز ئالدىدىكى پويىزنى سوققان .بۇ قېتىمقى ۋەقەدە ئالتە ۋاگون رېلىستىن چىقىپ كەتكەن ،تۆت ۋاگون كۆۋرۈكتىن چۈشۈپ كەتكەن .تۆمۈر يول باياناتچىسى ئاخباراتقا ئېلان قىلغىنىدا 35ئادەم ئۆلۈپ 192ئادەم يارلانغان .لېكىن بۇ ئادەم گۇمانلىندىغان سان ئىدى.چۈنكى ۋەقەدىن بۇرۇن ئىككى پويىزدىكى ئادەم سانى 600دىن ئاشاتتى ، قالغان ئادەملەر قېنى ؟ بۇنىڭغا تۆمۈر يول باياناتچىسى ئېنىق جاۋاپ بەرمىگەن. ۋەقەدىن كېيىن تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ ئۈچ مەسئۇل باشلىقىنىڭ ئەمىلى ئېلىپ تاشلاندى .