يېقىندا بېيجىڭ تەيۋە قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن مېتئورېت تاش مۇتەخسىسلىرى ۋە ھەۋاسكارلىرى ئالتاي شەھرىنىڭ قىران جىلغىسىدا بايقالغان تاشنى نەق مەيداندا كۆزىتىپ تەكشۇرۈپ مېتئورىت تاش ئىكەنلىكنى جەزىملەشتۈردى .بۇ مېتئورىت تاشنىڭ يەريۈزىدىكى قىسمىنىڭ كەڭلىكى 1.25مېتىر كېلىدىكەن .دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ،يەر يۈزىدىكى قىسىمنىڭ ئېغىرلىقى ئاز بولغاندىمۇ 25توننا كېلىدىكەن .