
ئامېرىكا كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقى، ھوللىۋودنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى شىۋاشىنگىرنىڭ ئايال غوجىدار بىلەن بىر بالىلىق بولغان سەتچىلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ نىكاھ تۇرمۇشى چاك-چېكىدىن يېرىلىشقا باشلىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شىۋاشىنگىر ھازىر ئايالى بىلەن ئاجرىشىش كېلىشىمى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىشنى باشلىغان،ئۇ بۇ ئىشنىڭ ئادىل ۋە تىنىچ يول بىلەن ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ بۇ ئىش تۈپەيلى ئازارلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن.
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى: ئەگەر ئۇلار راستتىنلا ئاجرىشىپ كەتسە، شىۋاشىنگىرغا زور چىقىم بولىدۇ،ئۇ قارشى تەرەپكە 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق ئاجرىشىش تۆلىمى بېرىدۇ، دەپ خەۋەر بەرگەن.