رۇسىيە جۇڭگونىڭ ئوق قازان تۇرۇبىسىدىن قارشى تۆكمە بېجى ئالىدۇ
2010 - يىلى 5 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، رۇسىيە زۇڭلىسى پۇتىن 3 يىلغىچە جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇقى شۇنداقلا شياڭگاڭ، ئاۋمىن ئالاھىدە رايونلىرى ۋە تەيۋەن رايونلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئوق قازان تۇرۇبىسىدىن %19.4 قارشى تۆكمە بېجى ئېلىشتىن ئىبارەت ھۆكۈمەت پەرمانىنى ئىمزالىدى. بۇ قېتىم بېكىتىلگەن باج نىسبىتى سانائەت ۋە سودا مىنىستىرلىقى كۆرسىتىپ بەرگەن باج نىسبىتىدىن 10 پىرسەنت پوئىنتى تۆۋەن.
رۇسىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئوق قازان تۇرۇبىسى ئىمپورتىدىن ئېلىنىدىغان ئالاھىدە باج 2010 -يىلى 6 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان زور مىقداردىكى ئوق قازان تۇرۇبىسى رۇسىيىدىكى مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارنىلارغا زور ئېغىر زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى ئۈزلۈكسىز ناچارلاشتۇرىۋەتكەن. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىكى جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان ئوق قازان تۇرۇبىسى رۇسىيىدىكى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىنى ئۆز دۆلىتى بازىرىدىن سىقىپ چىقاردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، رۇسىيە سانائەت ۋە سودا مىنىستىرلىقى ئىمپورت تامۇژنا بېجىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، جۇڭگو مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىلىشىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى قوغداشنى تەۋسىيە قىلدى.
باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!