تاجىكىستاندا يانفون ئىشلىتىش چەكلەندى
يېقىندا جاكارلانغان زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى بويىچە تاجىكىستاندا يانفون ئىشلىتىش چەكلەندى. تاجىكىستان ئەركىنلىك رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە كۆچمە خەۋەرلىشىش تىجارەتچىلىرىنىڭ ئېلان تاختىلىرى ئېلىۋېتىلىشكە باشلىغان بولۇپ، تېلېۋىزورلاردا يانفون ئىشلىتىشنىڭ ساغلاملىققا زىيانلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى نومۇرلار قويۇلۇۋېتىپتۇ. تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمانوۋ مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: تاجىكىستان ئاھالىلىرىنىڭ كۆچمە خەۋىرلىشىش جەھەتتە خەجلىگەن پۇلى، ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاش 80 ئامېرىكا دوللىرى بولغان ئەھۋالدا، ھەر ئايدا سۆزلىشىش ئۈچۈنلا كېتىۋاتقان چىقىم تەخمىنەن 10 ئامېرىكا دوللىرى بولۇۋاتىدۇ. بۇندىن ئىلگىرى، راخمانوۋ «ئىقتىسادىي مۇددىئادىن چىقىش قىلغان ھالدا» مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش تانسا كېچىلىكى، ھەشەمەتلىك توي - نەزىرلەرنى ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە ئىقتىسادىي كرىزىسنى نەزەردە تۇتۇپ، كىشىلەرگە ئىككى يىلغا يەتكۈدەك يېمەكلىك غەملەشنى تەكلىپ قىلغانىدى.
باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!