تۈركمەنىستان كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈم سىستېمىسىنى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا
تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوۋ 2010 - يىلى 5 - ئاينىڭ 11 - كۈنى يەرلىك ۋاسىتىلەر ئېلان قىلغان »تۈركمەنىستاننىڭ ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسى: خەلققە تايىنىش، ھەممە خەلق ئۈچۈن«، دېگەن تېمىدىكى ماقالىدا تۈركمەنىستاننىڭ كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈم سىستېمىسىنى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.
كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈم سىستېمىسى مەسىلىسى تۈركمەنىستاندا كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان. تۈركمەنىستاننىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى نىيازوۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەنىدى: كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈم دۆلەت سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئاستا - ئاستا بارلىققا كېلىدۇ، لېكىن يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈم پايدىسىز. شۇڭا، نىيازوۋ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىللەردە كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈمنى يولغا قويمىدى. 2010 - يىلى 2 - ئايدا بەردىمۇھەممەدوۋ باشقا پارتىيەلەرنى قۇرۇش مەسىلىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. كۆزەتكۈچىلەر بۇ يىل تۈركمەنىستاندا كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈم يولغا قۇيۇلۇشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.
تۈركمەنىستان قانۇنىدا سىياسىي پارتىيەلەرنى قۇرۇش رۇخسەت قىلىنىدۇ، لېكىن تۈركمەنىستان مۇستەقىل بولغان 19 يىلدىن بۇيان ھېچقانداق بىر سىياسىي پارتىيە قۇرۇلمىدى.
باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!