ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
شىنجاڭدا پەمىدۇر قىيامىنىڭ ئېكسپورت مىقدارى تۆۋەنلىدى
يوللىغان ۋاقىت:2010-11-14 00:35:02  يازغۇچى:نەزەر  كىلىش مەنبەسى:ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

شىنجاڭدا پەمىدۇر قىيامىنىڭ ئېكسپورت مىقدارى تۆۋەنلىدى

      جۇڭگو پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشتا دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، شىنجاڭ بولسا بۇ جەھەتتە مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ پەمىدۇر قىيامى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكسپورت مىقدارى سەل تۆۋەنلەشكە قاراپ ماڭدى.
      شىنجاڭ ئىمپورت - ئېكسپورت كارانتىن ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمنىڭ 2010 - يىلى 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىكى تونۇشتۇرۇشىچە، 2009 - يىلى شىنجاڭنىڭ پەمىدۇر قىيامى ئېكسپورت مىقدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن بولۇپ، يىللىق ئېكسپورت مىقدارى ئاران 440 مىڭ توننا بولغان.
      مەزكۇر خادىمنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، شىنجاڭ پەمىدۇر قىيامى ئېكسپورت مىقدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، نۆۋەتتە دۇنيا بازىرى پەمىدۇر قىيامىغا تويۇنغان، شۇنداقلا مەملىكىتىمىزدىكى باشقا ئۆلكە رايونلاردا پەپىدۇر قىيامى مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشقان بولۇپ، بۇ شىنجاڭنىڭ پەمىدۇر قىيامى مەھسۇلاتىنى ئېكسپورت قىلىشقا بېسىم ئېلىپ كەلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كەسكىن رىقابەت ئېكسپورت پايدىسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
      شىنجاڭنىڭ پەمىدۇر قىيامى مەھسۇلاتى ئاساسەن ياۋروپا بازارلىرىغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا ھەر يىلى شىنجاڭدىن تىيەنجىنگە توشۇلۇپ، تىيەنجىن ئارقىلىق ياۋروپا بازارلىرىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. شىنجاڭدىكى پەمىدۇر قىيامى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنىڭ بىر مەسئۇل خادىمى مۇنداق دېدى: ترانسپورت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتساق، پەمىدۇر قىيامىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ياۋروپا بازارلىرىغا ئېكسپورت قىلىشنىڭ تەننەرخى شىنجاڭدىن ئېكسپورت قىلىشقا قارىغاندا خېلى تۆۋەن، مال يەتكۈزۈش ۋاقتىمۇ قىسقا.
      مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 2009 - يىلى شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان پەمىدۇر قىيامىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بىر مىليون توننىلىق رىكورتنى ياراتقان بولۇپ، بۇنىڭ 870 مىڭ توننىسى ئېكسپورت قىلىشقا ئىشلەپچىقىرىلغان، لېكىن ئەمەلىيەتتە بولسا بۇنىڭ يېرىمى يەنى 440 مىڭ توننىسىلا (قىممىتى 425 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) ئېكسپورت قىلىنغان بولۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئاران %43.4 ىنى ئىگىلىگەن.
      شۇنىڭ ئۈچۈن 2010 - يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى بىرقىسىم كارخانىلار پەمىدۇر قىيامىنى ئېكسپورت قىلىشتا نەزىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە قارىتىشقا باشلىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا يېمەكلىك تەتقىقات ئورنىدىكى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرى ئاساسەن كىچىك ئورالمىلىق پەمىدۇر قىيامىغا ئېھتىياجلىق ئىكەن.


      زەينەپگۈل ئاۋۇت خەنزۇچە «ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى» ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلدى

باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!
ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2010/1114/article_10473.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
تۈركىيەدىكى ھەيدەر پاشا پويىز بېكىتىگە ئوت كەتتى
تۈركىيەدىكى ھەيدەر پاشا پويىز بېكىتىگە ئوت كەتتى
كىيىم مودىلىنىڭ جىنىس ئايرىمىسى تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى
كىيىم مودىلىنىڭ جىنىس ئايرىمىسى تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى
شىياڭگاڭدا بىر مېتر ئۇزۇنلۇقتىكى كەسلەنچۈك تۇتىۋېلىندى
شىياڭگاڭدا بىر مېتر ئۇزۇنلۇقتىكى كەسلەنچۈك تۇتىۋېلىندى
چاۋشيەن ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەيىبلىدى
چاۋشيەن ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈز...
ليۇ دېخۇا ئۆز قولى بىلەن چىچىنى چۈشۈرۋەتتى
ليۇ دېخۇا ئۆز قولى بىلەن چىچىنى چۈشۈرۋەتتى
مىسىردىكى خىرىستىيان ناسارالار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
مىسىردىكى خىرىستىيان ناسارالار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش ...
ئىران ئەمەلدارى تاش بوران جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئايال كەچۈرۈمگە ئېرىشىشى مۇمكىن دېدى
ئىران ئەمەلدارى تاش بوران جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئايال كەچۈرۈمگ...
سىچۈەن ۋېييۈەن كۆمۈر كېنىدىكى 29 كان ئىشچىسىنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇۋېلىندى
سىچۈەن ۋېييۈەن كۆمۈر كېنىدىكى 29 كان ئىشچىسىنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇۋې...
 
 
تور ئۇيۇنلىرى
رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ