ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
قازاقىستان ئاپتوموبىل بازىرىدا داڭلىق ماركىلار ئىنتايىن كۆپ
يوللىغان ۋاقىت:2010-09-24 09:56:09  يازغۇچى:نەزەر  كىلىش مەنبەسى:ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

قازاقىستان ئاپتوموبىل بازىرىدا داڭلىق ماركىلار ئىنتايىن كۆپ

      قازاقىستان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە سودا مىنىستىرلىكىنىڭ بىر ئەمەلدارى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە، بېلورۇسسىيە ۋە قازاقستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن، قازاقىستاننىڭ دۆلەت ئىچى ئاپتوموبىل بازىرىدا داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللار كۆپەيدى.
      »بۈگۈنكى قازاقىستان گېزىتى« بۇ ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنۇلارنى خەۋەر قىلدى: يېقىندا بىر قىسىم قازاقىستان پۇقرالىرىنىڭ قارىشىچە، قازاقستاندا تاموژنا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئاپتوموبىلىدىن ئىنتايىن يۇقىرى ئىمپورت تاموژنا بېجى ئېلىنىدىكەن، شۇڭا كۆپچىلىك بۇندىن كېيىن رۇسىيەنىڭ  VAZ, Volvo تۈرىدىكى ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك پىكاپلىرىنى سېتىۋېلىشى كېرەككەن. بۇ ئەمەلدار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنداق چۈشەنچە توغرا ئەمەس، چۈنكى رۇسىيە ئۆتكەن يىلى ئىشلەپچىقارغان 300 مىڭ دانە ئاپتوموبىل يەنە باشقا كۆپ خىل ئاپتوموبىل تۈرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
      مەزكۇر ئەمەلدار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەمەلىيەتتە، تېجەشچانلىققا ئىگە بولغان كورېيەنىڭ HYUNDAI ئاپتوموبىلىدىن تارتىپ BMW دالا ئاپتوموبىلىغىچە نۇرغۇن ماركىلار بار، قازاقىستان ئاھالىلىرى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن تاللاپ سېتىۋالالايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: »رۇسىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە قۇراشتۇرۇلغان ئاپتوموبىللار قازاقىستان بازىرىغا كىرگەندىن كېيىن، تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا پارچە سېتىلىش باھاسى قازاقىستان تاموژنا بېجى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشتىن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا %10 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ.
      بۇ ئەمەلدارنىڭ ئېيتىشىچە، بىر قىسىم كىشىلەر رۇسىيە ئاپتوموبىللىرىنى كەمسىتىپ »تاشلاندۇق تۆمۈر« دەپ ئاتايدىكەن، بۇ رېئاللىققا تامامەن ئۇيغۇن ئەمەس. قازاقىستان 2009 - يىلى ئىمپورت قىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ %52 ى رۇسىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللاردۇر، بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى رۇسىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ باھا سېلىشتۇرمىسى چوڭلۇقىنى ئىسپاتلايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، 000 5 ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ، چەت ئەللەرنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش ۋاقتى 10 يىلدىن ئاشقان داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللىرىنى سېتىۋالغاندىن كۆرە، بىر دانە يېڭى Lada نى سېتىۋالغان ياخشىكەن.

باس - باس تور بېكىتىنىڭ ئۇچۇر سەھىپىسدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق مەزمۇنى باشقا تور بېكەتلەرنىڭ روخسەتسىز كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشگە بولمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنى جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ ژرونالنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنى كۆرمەكچى بولسىڭىز 13899994307 نومۇرغا تېلېفون قىلىپ مۇشتىرى بۇلۇڭ!
ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2010/0924/article_10019.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
تۈركىيەدىكى ھەيدەر پاشا پويىز بېكىتىگە ئوت كەتتى
تۈركىيەدىكى ھەيدەر پاشا پويىز بېكىتىگە ئوت كەتتى
كىيىم مودىلىنىڭ جىنىس ئايرىمىسى تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى
كىيىم مودىلىنىڭ جىنىس ئايرىمىسى تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى
شىياڭگاڭدا بىر مېتر ئۇزۇنلۇقتىكى كەسلەنچۈك تۇتىۋېلىندى
شىياڭگاڭدا بىر مېتر ئۇزۇنلۇقتىكى كەسلەنچۈك تۇتىۋېلىندى
چاۋشيەن ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەيىبلىدى
چاۋشيەن ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈز...
ليۇ دېخۇا ئۆز قولى بىلەن چىچىنى چۈشۈرۋەتتى
ليۇ دېخۇا ئۆز قولى بىلەن چىچىنى چۈشۈرۋەتتى
مىسىردىكى خىرىستىيان ناسارالار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
مىسىردىكى خىرىستىيان ناسارالار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش ...
ئىران ئەمەلدارى تاش بوران جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئايال كەچۈرۈمگە ئېرىشىشى مۇمكىن دېدى
ئىران ئەمەلدارى تاش بوران جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئايال كەچۈرۈمگ...
سىچۈەن ۋېييۈەن كۆمۈر كېنىدىكى 29 كان ئىشچىسىنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇۋېلىندى
سىچۈەن ۋېييۈەن كۆمۈر كېنىدىكى 29 كان ئىشچىسىنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇۋې...
 
 
رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى
كىنو ئۇچۇرلىرى
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ