ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> شىنجاڭ خەۋەرلىرى >>
شىنجاڭ پەن–تېخنىكا جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ50يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
يوللىغان ۋاقىت:2010-08-09 10:18:55  يازغۇچى:نادىل  كىلىش مەنبەسى:شىنجاڭ تەڭرىتاغ تورى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

  فاڭ يۈنجىڭ خەۋىرى : ئاپتونوم رايون 8 – ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇھىم سۆز قىلدى. جۇڭگو پەن – تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ پارتگۇرۇپپا شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ 1 – شۇجىسى دېڭ نەن يىغىنغا قاتنىشىپ تەبرىكلىدى ھەم سۆز قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جىڭخەي، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فەن دەيمىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر ‹‹شىنجاڭدىكى ئون مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا خادىمى››، ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹قىشلىق پەن – تېخنىكا›› پائالىيىتى يولغا قويۇلغان 20 يىلدىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر ۋەكىللىرى، ‹‹مەملىكەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، كەنتنى گۈللەندۈرۈش پىلانى›› دىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر ۋەكىللىرىنى مۇكاپاتلىدى.
    ‹‹شىنجاڭدىكى ئون مۇنەۋۋەر پەن – تېخنىكا خادىمى›› نى مۇكاپاتلىغاندا، جاڭ چۈنشيەن گۇۋاھنامىنى ئېلىپ، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئارقا رېتىدىكى 80 ياشتىن ھالقىغان شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ۋاڭ شىجېننىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىرى بويىچە داۋالاش، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات خىزمىتىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان بۇ پېشقەدەم مۇتەخەسسىسكە گۇۋاھنامە بەردى ھەم ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ ئەھۋاللاشتى، بۇ چاغدا مەيداندا گۈلدىراس ئالقىش ياڭرىدى.

جاڭ چۈنشيەن ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن شىنجاڭ پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى! ئاپتونوم رايوندىكى پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى! ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى قۇرۇلغان 50 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ جەمئىيەت فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەشكىللەپ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەن – تېخىكا ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، پەن – تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن، مول، ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشتى.
    جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 – ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بېكىتىلدى. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى، پەن – تېخنىكا، مائارىپنى تايانچ قىلىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ھەم پەن – تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلىرىگە يېڭى تەرەققىيات ماكانى يارىتىپ بەردى، ھەم پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پەن – تېخنىكا جەمئىيەتلىرى بىلەن پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرى تارىخىي مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن – تېخنىكا خىزمىتىنى ئومۇمىيەت، ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ، ئالدىنقىلاردىن ئۆتۈپ كېتىشكە ئىرادە باغلاپ، خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.
    جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پەن – تېخنىكا جەمئىيەتلىرى پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى تەشكىللەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق، ئاچقۇچلۇق، چوڭ – چوڭ تېمىلارنى تەتقىق قىلىپ، تەسىرى كۈچلۈك بىر تۈركۈم يېڭى نەتىجىلەرنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇشى؛ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ پەن، مەدەنىيەت ساپاسىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك.
    جاڭ چۈنشيەن: پارتىيەنىڭ پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. دېڭ نەن تەبرىك سۆزىدە جۇڭگو پەن – تېخنىكا جەمئىيىتىگە ۋاكالىتەن شىنجاڭ پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى! شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان پەن – تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى! ئۇزاقتىن بۇيان پەن – تېخنىكا خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى!
    ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ۋە ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىرىدىن چې جۈن، ياڭ گاڭ، جۇ جىنلىن، فۇ چياڭ، خەن يۇڭ، لى يى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، جاڭ گولياڭ، جىن نو ۋە ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ 13 ئاكادېمىكى، ئىلگىرى ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا جەمئىيىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك پېشقەدەم رەھبەرلەر رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

 

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2010/0809/article_9537.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
شىنجاڭ پەن–تېخنىكا جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ50يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
شىنجاڭ پەن–تېخنىكا جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ50يىللىقىنى تەبرىكل...
ئامېرىكا ئىران قاتارلىق تۆت دۆلەتنى ‹‹ تېرورىزىمنى قوللىغانلار ›› قارا تىزىملىكىگە يەنە كىرگۈزدى
ئامېرىكا ئىران قاتارلىق تۆت دۆلەتنى ‹‹ تېرورىزىمنى قوللىغانلار ›...
سايرام كۆلى نالە قىلماقتا
سايرام كۆلى نالە قىلماقتا
ئامېرىكا ئۆزگۈرۈشچان تىك ئۇچار(helicopter)ياسىدى
ئامېرىكا ئۆزگۈرۈشچان تىك ئۇچار(helicopter)ياسىدى
قۇياش بورىنى بۈگۈن يەر شارىغا ھۇجۇم قىلىدۇ
قۇياش بورىنى بۈگۈن يەر شارىغا ھۇجۇم قىلىدۇ
كورىيە بۈگۈن سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ھەربىي مانىۋېرنى باشلايدۇ
كورىيە بۈگۈن سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ھەربىي مانىۋېرنى باشلايدۇ
<<‹يېزا مەكتەپ پىدائىيلار›>> تەشكىلىگە قانداق كىرىپ قالدىم؟
<<‹يېزا مەكتەپ پىدائىيلار›>> تەشكىلىگە قانداق كىرىپ قالدىم؟
پاكىستاندا 1400 ئادەم كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلدى
پاكىستاندا 1400 ئادەم كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلدى
 
 
ناخشا موزىكىلار ئارامگاھى
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ