
مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىۋاتقان قۇدۇق ئەتراپىدىكى يېڭى نېفىت تىزگىنلەش قاپقىقىنىڭ 10–ئىيۇل تارتىلغان سۈرىتى
شىنخۇا تورى ، 11–ئىيۇل تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى 10–ئىيۇل مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىۋاتقان قۇدۇقنىڭ نېفىت تىزگىنلەش قاپقىقىنى چۈشۈرۈۋېتىپ، يېڭى قاپقاق ئورنىتىشقا تەييارلاندى.
ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ چارلاش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل مۇئاۋىن لېدىرى كېنتېي ۋىلىس چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: يېڭى نېفىت توسۇش قاپقىقىنى ئورنىتىشقا تۆت كۈندىن يەتتە كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدۇ، ‹‹ھازىرچە مەن پەقەت بارلىق ئىشلارنىڭ پىلان بويىچە يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنىلا ئېيتالايمەن››.
ئامېرىكا مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش باش قوماندانى سادې ئاللېن 9 - ئىيۇل مۇنداق دېدى: يېڭى نېفىت تىزگىنلەش قاپقىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورنىتىلسىلا، ئېقىۋاتقان خام نېفىتنىڭ 12 - ئىيۇل ‹‹پۈتۈنلەي تىزگىنلىنىشى›› دىن ئۈمىد بار.
بىراق ۋىلىسنىڭ گېپىدىن قارىغاندا، ئورنىتىشقا خېلى كۆپ ۋاقىت كېتىدىكەن. كۈتۈلمىگەن ھادىسە يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى يەنە بىر زاپاس نېفىت تىزگىنلەش قاپقىقى تەييارلىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى يېڭىدىن ئەۋەتكەن ئېقىپ كەتكەن نېفىتنى يىغىۋېلىش پاراخوتى ــــ ‹‹ۋېنتا ياسىغۇچى›› نېفىت ئېقىۋاتقان رايونغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بارغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى سىناق خىزمەتنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، 11 - ئىيۇل ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. ‹‹ۋېنتا ياسىغۇچى›› كۈنىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 25 مىڭ تۇڭ ئېقىپ كەتكەن خام نېفىتنى يىغىۋالالايدىكەن.
ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى ئىلگىرى ئەگەر يېڭى نېفىت تىزگىنلەش قاپقىقى بىلەن ‹‹ۋېنتا ياسىغۇچى›› نورمال خىزمەت قىلسا، ئېقىپ كەتكەن نېفىتنى يىغىۋېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، خام نېفىتنىڭ ئېقىشىنى ‹‹پۈتۈنلەي تىزگىنلىگىلى›› بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.