
تۇرپان ئايرودرومىدا، يولۇچىلار ئايروپىلاندىن چۈشمەكتە

يۈەن لېي، ۋاڭ شيادۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 – ئىيۇل سائەت 10 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو ‹‹جەنۇب›› ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ‹‹بوئىئېڭ 737 – 700›› تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى يېڭىدىن قۇرۇلغان تۇرپان ئايرودۇرۇمىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قوندى. بۇنىڭ بىلەن تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئايرودۇرۇم بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى.
تۇنجى تۈركۈمدىكى يولۇچىلار ئايروپىلان شوتىسىدىن چۈشكەندە، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئامما داپ – دۇمباق چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ يولۇچىلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. چۈنچە شەكلىدە سېلىنغان تۇرپان ئايرودۇرۇمى بىناسى قۇياش نۇرىدا قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ نامايان قىلىپ تۇراتتى.
ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ھەربىي رايونى، بېڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن ئەسقەت كەرىمباي، سۇڭ ئەيرۇڭ، نەيىم ياسىن، ۋەن زۇڭلىن، شۆھرەت زاكىر، قوراللىق قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ گاۋيى، ھاۋا ئارمىيە ئۈرۈمچى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى شېن لۇڭجۇ قاتارلىقلار ئايروپىلان قاتناش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم لېنتا كەستى.
سۇڭ ئەيرۇڭ ئايروپىلان قاتناش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ پۈتۈپ، ئايروپىلان قاتناشقا باشلىغانلىقى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ‹‹تۆمۈر يول، تاشيول، ئايرودۇرۇم›› ئىستېرېئولۇق قاتناش تورىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. تۇرپان ۋىلايىتى رايون، ساياھەت ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ ئوبدان جارىقىلدۇرۇپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى يۇقىرى پەللىدىن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
تۇرپان ئايرودۇرۇمى تۇرپان شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالى تەرىپىدىكى شەھەرگە ئون كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان بولۇپ، 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرى قۇرۇلغان، 70 – يىللىرىنىڭ ئاخىرى ئايروپىلان قاتناش توختىتىلغان. يېڭىدىن سېلىنغان تۇرپان ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن بولغان تۈز سىزىق ئارىلىقى 165 كىلومېتىر، دۈنخۇاڭ بىلەن بولغان تۈز سىزىق ئارىلىقى 571 كىلومېتىر. تۇرپان ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان قاتنىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا تاشيولدا ئىككى سائەتتە بارغىلى بولىدىغان مۇساپىگە ئايروپىلاندا 30 مىنۇتتىلا بارغىلى بولىدۇ.
ئۇقۇشىمىزچە، تۇنجى قاتناش باشلاش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو ‹‹جەنۇب›› ئاۋىئاتسىيە شىركىتى تۇرپانغا قاتنايدىغان ھاۋا لىنىيەسىنى ئاچىدىكەن، تەخمىنەن بۇ يىل 9 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ھەر ھەپتىنىڭ ئالتىسى ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپان ئارىلىقىدا نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىكەن، بېلەت باھاسى 400 يۈەن بولىدىكەن.