ساقلىۋېلىش باش بەت قىلىش
نۆۋەتتىكى ئورنى:باش بەت >> شىنجاڭ خەۋەرلىرى >>
شىنجاڭنىڭ يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ يىرىك پىلان خىزمىتى باشلاندى
يوللىغان ۋاقىت:2010-07-10 12:47:45  يازغۇچى:نادىل  كىلىش مەنبەسى:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى  كۆرۈش سانى:  [ توردا ئەسەر يوللاش ]
كىچىك | نورمال | چوڭ             

          لى خۇي خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئىيۇل ئاپتونوم رايون شەھەر پىلانلاش، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ يىرىك پىلانى توغرىسىدا يىغىن ئاچتى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ يىرىك پىلان خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى
   يىغىندا ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيە تەتقىقاتى›› ، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بازارلاشتۇرۇش سىستېمىسى يىرىك پىلانى›› نىڭ تۈزىتىلمىسى ۋە ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەنت قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى››نى تۈزۈش خىزمىتىنىڭ لايىھەسى بېكىتىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر پىلانلاش، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى مۇزاكىرە قىلىنىپ تولۇقلاندى.
   ئۇقۇشۇمچە، ھازىر جۇڭگو شەھەر پىلانلاش، لايىھىلەش تەتقىقات ئورنى شىنجاڭنىڭ يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى تاماملىغان، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى خىزمىتىدە باسقۇچلۇق نەتىجىگە ئېرىشكەن.

نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇش ۋە تەرەققىيات بىلەن مۇھىتنى ئاسراش، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، تەبىئىي بايلىقنى قوغداشنى بىرلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى بىلەن ئۆزگىچە سېھرىي كۈچ ساقلاش ۋە يارىتىشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ رايون ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىڭتۇەن ۋە يەرلىكنىڭ بازارلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە ئويلىشىپ، بىڭتۇەن ۋە يەرلىكنىڭ بىر تۇتاش، ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يىرىك پىلاننىڭ يېتەكلەش ۋە ماسلاشتۇرۇش رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بىلەن تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، بازارلاشتۇرۇشنى ساغلام تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەش لازىم.
 
   نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئالاقىدار تارماقلار ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيە تەتقىقاتى›› خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ تاماملاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە سىياسەت، نەزەرىيە ئاساسىغا ئىگە قىلىشى كېرەك.
   نۇر بەكرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەنت قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنىڭ يېتەكچى پىرىنسىپى›› نى تۈزۈش خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئىككى چوڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش خىزمىتىنىڭ مەزمۇنى. ئالاقىدار تارماقلار يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئون يىل، 20 يىلغىچە كاردىن قالمايدىغان كەنت پىلانلاش قۇرۇلۇش ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، كەنت قۇرۇلۇشى، كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەشكە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدىكى تۇرالغۇ قۇرۇلۇش كۆلىمىنى جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك، بۇ پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەر بىر ئائىلە ئۆيىنىڭ 80 كىۋادرات مېتىردىن كىچىك بولماسلىقى، دېھقانلار ئۆيلىرىنى سېلىشتا ئاشخانا، ھاجەتخانا، تۇرۇبا سۈيى، ئەۋرەز يولى قاتارلىقلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئىقتىدارى ۋە سەپلىمە ئۈسكۈنىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەم يەر تەۋرەشكە چىداملىق، ھەم ئېنېرگىيە تېجەيدىغان بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كەنتلەردىكى يول، سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە پاسكىنا سۇ چىقىرىۋېتىش، توك بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسەلىرى ۋە مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق جامائەت مۇلازىمىتى مۇئەسسەسەلىرىنى سەپلەشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى نۇرلان ئابىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى.


 

ئۇلىنىش مەنزىلى: /article/2010/0710/article_9215.html
   رەسىملىك ئۇچۇرلار
شىنجاڭنىڭ يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ يىرىك پىلان خىزمىتى باشلاندى
شىنجاڭنىڭ يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ يىرىك پىلان خىزمى...
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا قارىتا كەسكىن ئىسلاھات ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا قارىتا كەسكىن ئىسلا...
ئامېرىكا ئۇچالايدىغان ئاپتوموبىلنى رەسمىي بازارغا سالدى
ئامېرىكا ئۇچالايدىغان ئاپتوموبىلنى رەسمىي بازارغا سالدى
گۇاڭجۇدىكى تۇتقۇن قىلىش ئەنزىسى نەخ مەيداندا بىر تەرەپ قىلىندى
گۇاڭجۇدىكى تۇتقۇن قىلىش ئەنزىسى نەخ مەيداندا بىر تەرەپ قىلىندى
خوشۇت ناھىيسىدەيەرتەۋرەپ ئۈرۈمچىدە تەۋرەش سېزىمى بولدى
خوشۇت ناھىيسىدەيەرتەۋرەپ ئۈرۈمچىدە تەۋرەش سېزىمى بولدى
شىنجاڭ ئاسمىنىدا نامەلۇم ئالەم جىسمى كۆرۈلدى
شىنجاڭ ئاسمىنىدا نامەلۇم ئالەم جىسمى كۆرۈلدى
‹‹دۇنيا لوڭقىسى›› پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىرىمى 8 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كېتىدىكەن
‹‹دۇنيا لوڭقىسى›› پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىرىمى 8 مىليارد دوللاردى...
 
 
ناخشا موزىكىلار ئارامگاھى
تور بېكەت ھەققىدە  |  شىركەت ھەققىدە  |  خېرىدارلىرىمىز  ھەمكارلىشىڭ  |  ئېلان بىرىڭ  |  مۇلازىمەتلىرىمىز ئالاقىلىشىڭ  |  پىكىر بىرىڭ