شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سېئول، 26 – ماي تېلېگراممىسى. كورىيە دىپلوماتىيە – سودا مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى 26 – ماي كورىيىنىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ ‹‹قىرغىنچىلىقى زور قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىك تەشەببۇسى››غا رەسمىي قاتناشقانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ باياناتچى مۇنداق دېدى: كورىيىنىڭ ‹‹قىرغىنچىلىقى زور قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىك تەشەببۇسى››غا رەسمىي قاتنىشىشتىكى مەقسىتى ‹‹قىرغىنچىلىقى زور قوراللار ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشنىڭ دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە پەيدا قىلىدىغان ئېغىر خەۋپىگە تاقابىل تۇرۇش››.