كورىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى«خاتىرجەم ئۆلۈش»كە يول قويدى

87 2009-05-22 11:53:13   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سېئۇل، 21 - ماي تېلېگراممىسى:كورىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى بۈگۈن ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ئاغرىقلارنى داۋالاشنى توختىتىپ، ئۇلارنى سۈنئىي نەپەسلەندۈرمەسلىك تەكلىپىنى تەستىقلىدى، بۇنىڭ بىلەن «خاتىرجەم ئۆلۈش» نى قانۇنلاشتۇرۇشقا يول ئېچىلدى.


   ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سودىيىسى مۇنداق دېدى: ئۆسۈملۈك ئادەم ئۆلۈم باسقۇچىغا كىرىپ قالغان بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا داۋاملىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا ھاياتنىڭ قەدىر-قىممىتىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق بولىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博