ھەم قۇرۇقلۇقتا، ھەم سۇدا ماڭالايدىغان ئاپتوبۇس سىناقتىن ئۆتتى

27 2009-03-30 12:41:50   ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى   ئەقىدە
T|T:خەت رەزمىرى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوندون، 29-مارت تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: دۇنيادىكى تۇنجى ھەم قۇرۇقلۇقتا، ھەم سۇدا ماڭالايدىغان ئاپتوبۇس ماكودونىيىدە سىناقتىن ئۆتتى، بۇ ئاپتوبۇسقا سەلەركە يېقىلغۇ قىلىنىدىكەن، ھەربىرىنىڭ باھاسى 280مىڭ فوندستېرلىڭ ئىكەن.


   خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: بۇ ئاپتوبۇس سۇغا دۇچ كەلگەندە پەقەت بىر كۇنۇپكىنى بېسىپ قويسىلا، ئاپتوبۇس چاقى ئاپتوبۇس گەۋدىسىگە كىرىپ كىتىپ، ھاۋانى كونترول قىلىدىغان كلاپان ئېچىلىدىكەن ھەمدە ئۇنىڭ سۇدىكى ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدىكەن. ئۇ ھەرقانداق سۇدا بىمالال ماڭالايدىكەن، 50 ئورۇندۇق بار بۇ ئاپتوۇسنىڭ سۈرئىتى ئادەتتىكى ئاپتوبۇسلارنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، قۇرۇقلۇقتا سائىتىگە 70 ئىنگىلىز چاقىرىم يول يۈرەلەيدىكەن.

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博