ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىشنى كېڭەيتىش باش پونكىتى ئېلان قىلغان "شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى بازار ئۇچۇرى"غا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل 75 مىڭ دانە يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىغا ئېھتىياجلىق بولىدىكەن، ئىشلەپچىقىرىش پىلانى بولسا 40 مىڭ دانە ئىكەن. بۇ خەۋەر مۇراسىمغا قاتناشقان ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى، سىرتىدىكى كارخانىلار ئارىسىدا غۇلغۇلا قوزغىدى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ ئىدارى پات ئارىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كارخانىلىرىنى تەشكىللەپ بىر قېتىملىق ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى بويىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىغا بولغان ئېھتىياجغا ئاساسەن كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى تەڭشىشىگە ياردەم قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم پۇلى ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، مال بىلەن دەل ۋاقتىدا تەمىنلەش، سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتنىڭ مۇكەممەل بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا قارىتا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىدارىسى كارخانىلارنىڭ مال مەنبەسىنى ئاكتىپ تەشكىللىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.