ئۈرۈمچى شەھىرى تۈنۈگۈن داۋانچېڭ رايونىدا "باھار شامىلى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش" باش تېما قىلىنغان دېھقان ئىشلەمچىلەرنى مەخسۇس تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورۇنلىرى بىلەن تەمىنلىدى.
دېھقان ئىشلەمچىلەرنى مەخسۇس تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىدە، نەچچە يۈز دېھقان ئىشلەمچى ئادەم ئىشلىتىدىغان ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش نوقتىلىرىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، ئۇچۇر ئىگىلىدى، مەسلىھەت سورىدى، تېزىملىتىش جەدۋىلىرىنى تولدۇردى. داۋانچېڭ رايونىنىڭ شىگۇ يېزىسى 8 - ئەترىتىدىن كەلگەن دېھقان ما شيۇفا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم كەنتتىن 40 نەچچە دېھقان كەلدۇق، بىز قۇربىتىمىز يېتىدىغان ئىشنى تاپماقچى بولۇۋاتىمىز، ئالايلۇق: توقۇمىچىلىق قاتارلىق، مەن بىر رەخت توقۇش زاۋۇدىنى كۆرۈپ قويدۇم، مېنىڭچە بولىدىكەن، مەنمۇ بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن yanfunچىقالايدىكەنمەن. دېھقان ما چىڭلۇڭ ئىلگىرى ئىچكىرى ئۆلكىدە بىر خىمىيە سانائىتى كارخانىسىدا ئادەتتىكى ئىشچى ئىدى، پۇل - مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى تۈپەيلى، چاغاندىن بۇرۇن ئىشسىز قېلىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلگەنىدى، بۇ قېتىمقى خادىم تەكلىك قىلىش پائالىيىتىدە، ئۇ ئۈرۈمچىدىكى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى بىر كارخانا بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆيۈمگە يېقىن جايدىلا خىزمەت تېپىشىمنى ئويلاپ باقمىغانىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەرنىڭ تەمىناتىمۇ ياخشىكەن، مەن ھېلىلا ئۇ ئورۇننىڭ بىر جەدۋىلىنى تولدۇردۇم، ئەتە بېرىپ كۆرۈپ باقىمەن.
بۇ قېتىمقى خادىم تەكلىپ قىلىش پائالىيىتىگە ئۈرۈمچىدىكى ئادەم ئىشلىتىدىغان 30 تىن كۆپرەك ئورۇن قاتناشتى ھەمدە 817 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، بۇنىڭدا، يىمەك - ئىچمەك، ياتاق مۇلازىملىقى، ئامانلىق قوغداش، ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىملىقى قاتارلىق ئوقۇش تارىخى ۋە تېخنىكا ماھارەتكە يۇقىرى تەلەپ قويۇلمايدىغان ئىش ئورۇنلىرى كۆپ سالماقنى ئىگىلىدى، ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچېڭ رايونلۇق كادىرلار، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ بىڭ مۇنداق دېدى: ئادەم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلاشقاندا، رايونىمىزدىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى تەلىپى، ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلاشتۇق، ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلىگەندە، ئاۋۋال ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئەمگەكچىلەرنىڭ ياتاق، تاماقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى، ئاندىن ئايلىق ئىش ھەققىنى دېيىشتۇق، ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىنكى تۇرمۇش مەسىلىسى ھەل قىلىش ئەمگەكچىلەرنىڭ ئۇزاق مۇددەت، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پايدىلىق.