-
جاڭچىيەننىڭ غەربىي يۇرت ساياھىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى - [تارىخ ۋە مەدەنىيەت]
2010-07-24
مىلادىيىدىن بىر ئەسىر ئىلگىرى جاڭچىيەن ئىسىملىك بىر تەۋەككۇلچى كىشى (غەربىي يۇرىت) دەپ ئاتىلىپ كىلۋاتقان يىراق ھەم سىرلىق جايغا قاراپ ساياھەتكە چىقىپ جۇڭگو تارىخىدا ئوچمەس ئىز قالدۇرغان ئىدى.ئۇ قارىماققا ئاددى بىر ساياھەتچىدەك كۆرۈنسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ زىممىسىگە خاننىڭ مەخپى ۋەزىپىسى يۇكلەنگەن.
ھونلار بۇرۇندىنلا ئۇرۇشخۇمار مىللەت بولۇپ خوشنا ئەللەرگە پەقەتلا ئارامچىلىق بەرمەيتتى.چىنشخۇاڭ سەددىچىن سېپىلىنى شۇلارنى پاراكەندىچىلىكىدىن ساقلىنىش ئۇچۇن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى ياساتقان ئىدى.
خەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندىمۇ پادىشاھ خەن ۋۇدى ئۇلارنى پاراكەندە قىلىشىدىن خالى بولالمىدى.ئۇ كۆڭلىدە ھونلارغا يالغۇز تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە بىرەر ئىتتىپاقداش تېپىپ ھونلارغا بىللە تاقابىل تۇرۇشنى ئويلاپ يۈرەتتى.ئۇ ئاخىرى ئەسىرگە ئىلىنغان ھون ئەسكەرلىرىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى( ئۇلۇغ ياۋچىلار) دەپ ئاتىلىدىغان بىر مىللەتنىڭ ھونلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ تەكلىماكاننىڭ غەربىدىكى يىراق بىر جايغا قوغلىۋىتىلگەنلىكىنى ،ئۇلارنىڭ ھونلاردىن ئىنتىقام ئىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ.ئۇ ئۇلۇغ ياۋچىلار بىلەن ئالاقە باغلاپ ھونلارغا بىللە تاقابىل تۇرۇشنى ئويلايدۇ.لېكىن ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ زېمىنغا بېرىش ئۈچۈن ھونلار ئىشغال قىلىۋالغان جايلاردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى.ئۇ بۇ جايغا كىمنى ئەۋەتىشنى بىلەلمەي بېشى قېتىپ تۇرغاندا ئوردا ئەمەلدارى جاڭچىيەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ بۇ خەتەرلىك ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 138-يىلى ئۇ 100كىشىدىن تەشكىللەنگەن ئاتالمىش ساياھەت ئەترىتىنى باشلاپ غەربىي يۇرتقا قاراپ يولغا چىقىدۇ.ئۇلار ھونلار ئىشغالىيىتىدىكى يەرگە كەلگەندە (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسى) ھونلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلگىنى ئۆلۈپ ھايات قالغانلىرى ئەسەرگە چۈشۈپ قالىدۇ .ئۇلار 10 يىل مەھبۇسلۇق ھاياتىنى باشتىن كەچۇرىدۇبۇ جەرياندا ھونلار جاڭچىيەنگە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىپ ئۇنىڭغا بىر خوتۇن ئىلىپ بېرىدۇ.لېكىن ئۇ پۇرسەت تېپىپ قېچىپ چىقىپ خاننىڭ تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش كويىدىلا بولىدۇ .ھونلارنىڭ ئۇلارغا بولغان سەزگۈرلىكى كۈنسىرى بوشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىركۈنى ئۇ ھايات قالغان ئادەملىرىنى باشلاپ قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئۇزاق يول يۈرۈپ ئاخىرى ئۇلۇغ ياۋچىلارنىڭ زېمىنىغا يىتىپ كېلىدۇ.لېكىن ئۇلۇغ ياۋچىلار ھونلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان نۇرغۇن يىللاردىن بىرى قايتىدىن گۈللەپ-ياشناپ ئىنتىقام ئىلىش ،ئار نۇمۇسنى يۇيۇش دېگەنلەرنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويغان ئىدى.جاڭچىيەن ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر يىل تۇرىدۇ .بۇ جەرياندا ئۇ جۇغراپىيە،ئىقتىسات ۋە ھەربىي ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ ئامالنىڭ بارىچە توپلايدۇ.بىر يىلدىن كىيىن ئۇ قايتىش سەپىرىدە يەنە ھونلارغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ.بۇ دەل ھونلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىختىلاپ يۈز بېرىپ ھەر قايسى قەبىلىلەر ئارىسىدا ئۇرۇش -تالاش بولۇۋاتقان چاغ بولغاچقا ئۇ پۇرسەت تېپىپ يەنە قېچىپ كېتىدۇ.ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلغان 13يىلدىن بىرى ئۇنىڭدىن ھېچقانداق خەۋەر بولمىغاچقا باشقىلارنى ئۇنى ئاللىبۇرۇن ياقا يۇرتتا ئۆلدى دەپ ئويلىغان ئىدى.ئۇنىڭ سالامەت قايتىپ كېلىشى باشقىلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ.بۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە سەپەرگە چىققانلاردىن ئۇنىڭدىن باشقا پەقەت بىرلا ئادەم ھايات قايتىپ كەلگەن ئىدى.ئۇ ئىلىپ كەلگەن ئاخپاراتلار ئەينى چاغدىكى بېكىنمە ھالەتتە تۇرىۋاتقان خەن ئوردىسىنى زىلزىلىگە سالىدۇ.خان ئۇ ئىلىپ كەلگەن ئۇچۇرلار ئارقىلىق ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان فەرغانە،سەمەرقەنت،بۇخارا(بۇلار ھازىر سوۋىت ئوتتۇرا ئاسىياغا تەۋە)ۋە بەلخ(ھازىر ئاففانىستانغا تەۋە) قاتارلىق باي-باياشات دۆلەتلەرنىڭ بارلىقىنى يەنەپىرىسېنىڭ،داكچىىن دەپ ئاتىلىدىغان يىراق بىر جاينىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ.(ھازىرقى ئىلىم ئەھلىلىرى كىيىنكى بىرسىنى رىم بولىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشماقتا).ئۇگەرچە ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىيالمىغان بولسىمۇ خان ئۇنىڭ ئىلىپ كەلگەن بۇ ئاخپاراتلىرى ئۇچۇن ئۇنىڭغا كاتتا شان- شەرەپلەرنى بېرىدۇ.ھەم ئوركانبەگلىك ئۇنۋانىنى بېرىدۇ.ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە خانىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىدۇ.ئۇ خەن سۇلالىسى بىلەن رىم ئىمپېرىيىسىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ يىپەك يولىنى ئاچقۇچى ئاۋانگارت بولۇش سۈپىتى بىلەن تا ھازىرغىچە جۇڭگولۇقلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە..ئەنگلىيىلىك يازغۇچى پېتېر خوپكىرىكنىڭ (يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار) ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى-1990يىل نەشرى
تەييارلىغۇچى: بارخان
收藏到:Del.icio.us