-
Adsense ئېلانىغا تىل كودى قوشامدۇق ياكى قوشمامدۇق؟ - [Adsense بىلىملىرى]
2008-05-18
بۇ مەسلە ئۇزۇندىن بۇيان توردا تالاش-تارتىش بولۇپ كەلدى. ھىچقانداق ئورۇندا جاۋبى يوق! مەيلى ئېنگلىزچە تور بېكەتلەرنى ئاقتۇرۇڭ، مەيلى خەنزۇچە بېكەتلەرنى ئىزدەڭ پەقەتلا ئېنىق جاۋاب بېرىلمىگەن. تۆۋەندە بۇ ھەقتىكى سۇئاللارغا جاۋاب بېرىمىز.
1. سۇئال: تور بېكەتتە نىمىشقا ھەقسىز پاراۋانلىق ئېلانى چىقىۋالىدۇ؟
جاۋاب: تور بېكەتنىڭ يېزىقى (تىلى ئەمەس) Adsense ئېلانى قوللايدىغان يېزىقلار دائىرسىدە بولمىغان ئەھۋالدا ھەقسىز پاراۋانلىق ئېلانلىرى چىقىۋالىدۇ. مەسلەن: «بۇش كلىنتون ھاررىكەن كاترىنا فۇندىغا ياردەم قىلامسىز؟» دىگەندەك.
Adsense تۆۋەندىكى تىللارنى قوللايدۇ:
ئەرەب، بۇلغار، خەنزۇ، كروشان، چېخ، دانىيە، گوللاندىيە، ئېنگلىزچە، فىن (فىنلاندىيە)، فرانسۇز، گېرمان، گرىك، ئىبراي (ئىبراھىم ئەلەيھىسالام تىلى ياكى يەھۇدى تىلى)، ھۇنگار ( ۋېنگېرىيە)، ئىتالىيان، ياپونچە، كورىيان، نورۋىگىيان، پولشا، پورتۇگال، رۇم، رۇس، سېرىب، سلوۋاك، ئىسپان، تۈرك، پارىس (ئىران، تاجىكىستان) قاتارلىق يېزىقلار.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىزدەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان Adsense ئېلانى يەنە ۋېيتنام، ھىندونوزىيە ۋە تايلاند يېزىقلىرىنى قوللايدۇ.
دىمەك تور بېكەتنىڭ يېزىقى يۇقىرقى يېزىقلارنىڭ كەم دىگەندە بىرى بىلەن ماس كەلمىسە Adsense ئېلانى بېكەتتە نورمال كۆرۈنمەيدۇ.
2. ئۇنداقتا Adsense ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللامدۇ؟
قوللايدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر يېزىقى پۈتۈنلەي ئەرەب ھەرىپلىرى ئاساسىدىكى يېزىق بولغاچقا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە كۆپۈنچە ھالدا ئەرەبچە ھەم پارىسچە ئېلانلار چىقىدۇ ھەم نورمال كۆرۈنىدۇ. ھىچقانداق تىل كودى قوشۇلمىغان ئەھۋالدا ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە پاراۋانلىق ئېلانلىرىنىڭ چىقىۋېلىشى يالغۇز يېزىقنىڭ ئانچە ماس كەلمەسلىكىدىن بولۇپ قالماي، Adsense ئاپشاركىسىنىڭ بېكەتتىكى مەزمۇنلارنى تولۇق ئىگىلەپ بولالمىغانلىقىدىن بولغان.
دەسلەپ بېكەتكە ئېلاننى قويغان 2 كۈن ئىچىدە ئېلان نورمال كۆرۈنىدۇ، 2 كۈندىن كېين پاراۋانلىق ئېلانى چىقىشقا باشلايدۇ.
3. پاراۋانلىق ئېلانى چىققاندا قانداق قىلىمىز؟
ئەگەر سىزنىڭ تور بېكىتىڭىز ناخشا ياكى كىنو بېكىتى بولۇپ، يېزىقچە مەزمۇن ئاز بولسا بېكىتىڭىزدىكى پارۋانلىق ئېلانى ئۇزۇن مەزگىل ئۆزگەرمەسلىكى مۇمكىن، خەنزۇچە بېكەتلەردىمۇ مۇشۇنداق ئېلان چىقىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنداق ئەھۋالدا مۇۋاپىق تەڭشەش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. تىل كودى ئارقىلىق Adsense ئېلانىنىڭ تىلىنى ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: google_language = 'zh-CN بۇ تىل كودى Google شىركىتى قانۇنلۇق ئىشلىتىشنى يولغا قويغان تىل كودى ئەمەس، ئەگەر مەزكۇر كودنى قوشسىڭىز ئوخشاشلا قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان بولىسىز. ئەمما مەزكۇر كود جۇڭگودىكى بېكەتلەردە Adsense ئېلانىنىڭ نورمال كۆرۈنمەسلىك مەسلىسىنى ھەل قىلغان بولغاچقا ھازىرغىچە ئىناۋەتسىز قىلىۋېتىلمىدى. بۇ بەلكىم Adsense نىڭ جۇڭگودا ئېرىشمەكچى بولغان تەرەققىياتى بىلەن مۇناسۋەتلىكتۇ ياكى باشقىدۇ.
google_language = 'zh-CN دىكى zh-cn جۇڭگو-خەنزۇچە دىگەن مەىنى بىلدۈرىدۇ. سىز بۇنى Ar غا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئېلاننى ئەرەبچە كۆرسىتەلەيسىز، en غا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئېنگلىزچە كۆرسىتەلەيسىز.
ئەمما دىققەت قىلىڭ. تور بېكىتىڭىزدە ئېنگلىزچە ئېلان كۆرۈنۈپ، ئېلان چېكىدىغانلار كۆپۈنچە جۇڭگودىن بولسا سىزنىڭ ھىساباتىڭىز گۇمانلىق ھىساباتلار قاتارىغا كىرىدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ تور بېتىڭىز مەزمۇنى قەرەللىك يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بلوگ بولسا پاراۋانلىق ئېلانى چىقىشتىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز، تەخمىنەن 2 ئايلاردىن كېيىن Google ئىزدەش ئاپشاركىسى بلوگدىكى بارلىق مەزمۇن ۋە ماقالىنى، ھالقىلىق سۆزلەرنى تولۇق ئىگىلەيدۇ. بۇ چاغدا ئۇيغۇرچە بلوگدىمۇ Google ئېلانى ھىچقانداق كود قوشماي تۇرۇپلا نورمال كۆرۈنىدۇ.
ئالايلۇق: http://baliq.blogspot.com تەكلىماكان بلوگدا ھىچقانداق تىل كودى قوشۇلمىدى، ئەمما ئېلان نورمال كۆرۈنمەيدىغان ئەھۋالنى ئاساسەن ئۇچراتمىدىم. دەسلەپ ئېلان قويغاندا بىر نەچچە ئايغىچە ھەقسىز ئېلان چىقىۋالغان ئىدى.
4. تىل كودى قوشقاننىڭ قانداق پايدىسى بار؟
تىل كودى قوشقاننىڭ پەقەت كىنو-ناخشا قاتارلىق مەزمۇن ئاز تور بېكەتلەردىلا ئېلاننىڭ نورمال كۆرۈنۈشى ئۈچۈن پايدىسى بار، ئەگەر مەزمۇنى ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بلوگ، مۇنبەر قاتارلىقلار تىل كودى قوشقاندا پۈتۈنلەي خەنزۇچە ئېلان چىقىدۇ، بۇ ئېلانلار مەيلى بېكەت مەزمۇنى بىلەن ماس كەلسۇن، كەلمىسۇن چوقۇم نورمال كۆرۈنىشى كېرەك. بۇ خۇددى تراكتورنى سۆرۈتۈپ ئوتالدۇرغاندەك ئىش ! بۇ چاغدا ئەڭ ئەرزان باھالىق، ھەتتا بىر چېكىلىشى 0.01 دوللارغىمۇ يەتمەيدىغان ئېلانلار بەك كۆپ چىقىدۇ. بۇنداق ئېلانلارنى سۈزۈپمۇ تۈگىتىپ بولالمايسىز.
5. تىل كودى قوشمىغاننىڭ قانداق پايدىسى بار؟
تىل كودى قوشۇلمىغاندا Adsense ئېلانى تەخمىنەن 2 ئاي ئىچىدە تور بېكەتتىكى بارلىق تەبئى ئاچقۇچلۇق سۆز ۋە ئېلانغا مۇناسىۋەتلىك گەپلەرنى پۇراپ تاپىدۇ ۋە ئېلاننى نورمال كۆرسۈتۈشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدا بلوگدا يۇقىرى باھالىق، بېكەت مەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان، سۈپەتلىك ئېلانلار كۆرۈنىدۇ. ھەر بىر چېكىلىشى مېنىڭچە 0.5 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمەيدۇ، بىر قېتىم كۆرۈلۈشى 20 دوللارلىق سىنلىق ئېلانلارمۇ كۆرۈنۈشى مۇمكىن.
تەكلىماكان بلوگ http://baliq.blogspot.com دىكى ئېلانلارنىڭ چېكىلىش قىممىتى خېلى يۇقىرى، ئەمما تەكلىماكان بلوگ (ئاسىيا) دىكى ئېلانلارنىڭ يەككە چېكىلىش قىممىتى بەكلا تۆۋەن.
خۇلاسە:
بلوگنى ياخشى يېزىڭ، مەزمۇنلۇق يېزىڭ، ماقالىلەر سەرخىل بولسۇن ! شۇنداق بولغاندا Adsense قا ئىككىلەمچى كود قوشۇپ، ئېلاننى مەجبۇرى نورماللاشتۇرۇش ھاجەتسىز، پەقەت بىر نەچچە ئاي ساقلىسىڭىزلا ئېلان نورمال كۆرۈنىدىغان بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر ماقالە
<< ئىمتىھان مەيدانىدىكى ئىشلار | باش بەت | Google Adsense ئارقىلىق يەر تەۋرەش رايونىغا پۇل ئىئانە قىلىش ئۇسۇلى >>
评论
بۇگۇن مەن ئېلانغا ئىلتىماس قىلىپ ھەممە جاينى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزىملىتىپ ئىلتىماس سۇنسام بىردەمدىلا جاۋاب خەت كەلدى. جاۋابىدا تەستىقلىماپتۇ. سەۋەبىنى يا دىمەپتۇ. مەن بلوگگېردىكى بىلوگېمنى ئىلتىماس قىلغىلى بىرەر ئايچە بولغانىدى بىراق 7-8 پارچە ماقالە يېزىپلا ئۇنى 15-2- كۇندىن بۇيان تاشلىۋىتىپتىكەنمەن بۇگۇن ئۇچ پارچە يازدىم ئەتە بىر پارچە، ئوگۇنلۇككە بىر ئىككى پارچە يېزىپ تاكى يەنە بىر مەزگىل داۋاملاشتۇراي يۇلۇققان مەسىلىلەرنى بۇ يەرگە قالدۇراي سىزمۇ چۇشەندۇرۇپ ھارماي تۇرۇڭ بۇرادەر! سىزگە ھازىرچە مۇشۇ يەردە مۇشۇنچىلىكلا رەھمەت دىگەچ تۇرىمەن كېيىنچە پۇرسەت بوپ قالار...
ھازىر سورايدىغىنىم، ئىلتىماسىم بۇ بىلوگدا رەت قىلىندى، باشقا بىلوگ ئېلىشىم كېرەكمۇ ياكى مۇشۇنىڭدا ئىشىمنى داۋام قىلىۋېرەمدىم؟ يەنى بىر قېتىم ئىلتىماسى رەت قىلىنغان بلوگلارنىڭ كېيىنكى قېتىم قايتا ئىلتىماس سۇنغاندا تەستىقلىنىش ئېھتىمالى قانداقراق بولا؟
رەھمەت سىزگە جاۋابىڭىزغا تەققەززامەن!
http://kosan22.blogbus.com/ دەپ بىلوگمۇ ئالدىم ھەم ئۇنىڭغا ئۇنى بۇنى دەپ بىر قانچە پارچە ماقالىمۇ يازدىم. ئوزىڭىز كورۇپ باقسىڭىز ھەمدە ماقالىلەرنىڭ گووگېل ئېلانى ئىلتىماس قىلىشقا مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىنى باھالاپ بەرسىڭىز بۇ سىزنىڭ ماڭا قىلغان تۇنجى ياردىمىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن قانداقراق ماقالە، قانچىلىك يازساق گووگېل ئېلانىنى ئىلتىماس قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە مەسلىھەت بەرسىڭىز مەن دەرھال ئىشقا كىرىشىپ ئاۋال ئېلان ئېلىشقا لايىقلىشاي دىگەنىدىم. ئاندىن قالدى ئىشلاردا يول كورسىتەرسىز...
ياردىمىڭىزگە كوپ تەشەككۇر!
بىزگە ئىشەنگەنلىكىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز!
ئادەتتە Blogbus.com دا ئالغان بلوگ ئارقىلىق Adsense ئېلانى ئىلتىماس قىلغىلى بولمايدۇ. سىزگە بېرىدىغان تەكلىپىمىز تۆۋەندىكىچە.
سىز ئاۋال www.blogger.com غا كىرىپ، بىر بلوگ ئىلتىماس قىلىڭ ھەم ئۇنىڭغا ماقالە يېزىڭ. ھازىرقى بلوگدىكى ماقالىلەرنى كۆچۈرۈپ چاپلىماڭ. قايتىدىن يېزىڭ. بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقت يازغاندىن كېيىن، قارىسىڭىز Blogger.com نىڭ ئارقا سەھنە ئوڭ تەرىپىدە Adsense دەپ بىر خەت بار.
ئارقا سەھنىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە
Adsense
Google Reader
Picasa Web Albums
دىگەندەك خەتلەر بار، سىز شۇنىڭ ئىچىدىكى Adsense دىگەن تۈرنى چېكىش ئارقىلىق، تەلەپ قىلغىنى بويىچە مەشغۇلات قىلىپ، Adsense ھىساباتىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېرىشەلەيسىز.
تەكلىپ، ھەرگىزمۇ بلوگ ئاچقان دەسلەپكى كۈنلەردىلا ئىلتىماس قىلماڭ. بلوگ ئازراق قېرىسۇن. ھەر كۈنى كەم دىگەندە بىر تېما يېزىپ، بلوگنىڭ كۆرۈلۈش ۋە يېڭىلىنىش چاستۇتىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ.
www.blogger.com دىن ئالغان بلوگ ھازىرچە ئېچىلمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن. سىز يېزىۋېرىڭ.
بىر ئايدىن كېيىن Adsense نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلىپ، ئاندىن ئېلان كودىنى blogbus.com دىكى http://kosan22.blogbus.com/ غا قويىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ھېچقانداق ئىنگىلىزچە ھەرىپ قوشماي يازغان ماقالىدە خەنزۇچە ئەرزان ئېلانلار چىقىدىكەن.