• VCD,DVD ئاپىراتلىرىنىڭ ئۆلچەملىك فىلىم فورماتى

    ۋاقىت:2009年01月02日 | تۈرى:

     

    ئائىلە سىن قويۇش ئۈسكۈنىلىرى قوللايدىغان ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنىڭ
     فورماتى ھەققىدە قىسقىچە بايان

     

    _______مۇھەممەدجان ئابدۇكېرىم _________  

       (قەشقەر كوناشەھەر ناھىيە زەمىن يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن )

     

    كىرىش سۆز


    نۆۋەتتە ئائىلىلەردىكى ئەنئەنىۋى ئۈن-سىن قويۇش ئۈسكۈنىلىرى بولغان سىنئالغۇ ،ئۈنئالغۇ قاتارلىق ماگىنىتلىق تەقلىدى قويۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى ساقلىنىدىغان ماگىنىتلىق لېنتىلارنىڭ ئورنىنى ھازىرقى VCD, SVCD, DVD قويغۇچ قاتارلىق رەقەم -ئۈزەكلىك ، كومپىيۇتېر بىلەن بىۋاستە ماسلىشالايدىغان زامانىۋى ئائىلە كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىرى ۋە ئۇنىڭ ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى ساقلىنىدىغان لازىر نۇرلۇق ئوپتىك دىسكىلار پۈتۈنلەي ئىگەللەپ بولدى .
    مەن بىر يىلدىن بېرى، كونا ماگىنتلىق سىنئالغۇ لېنتىلىرىدىكى تەقلىدى سېگىناللارنى كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈش ، تەقلىدى تېلىكامىرا ، DV ئۇلىنىش ئېغىزى بار بولغان يېرىم سىفىرلىق تېلىكامىرا ( IEEE 1394 كۆرۈنۈش يىغىش كارتىسىنى قوللايدىغان ) ، بىۋاستە قاتتىق دىسكىغا خاتىرلەيدىغان تولۇق سىفىرلىق ،ھەمدە USB ئېغىزلىق تېلىكامىرالاردىكى ۆرۈنىش سىگىناللىرىنى كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈش ، ئۇلارنى فىلىم تەھرىرلەش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ ياردىمىدە تەھرىرلەپ ، ئۆلچەملىك mpg فورماتىغا ئايلاندۇرۇش ، ئائىلىلەردىكى ھازىرقى VCD, SVCD, DVD قويغۇچ قاتارلىق رەقەم -ئۈزەكلىك ، كومپىيۇتېر بىلەن بىۋاستە ماسلىشالايدىغان زامانىۋى ئائىلە كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىرى قوللايدىغان ھالەتتە لازىرلىق ئوپتىك دىسكىلارغا ئويۇش جەھەتتە بىر قاتار ئەمەلىي مەشغۇلاتلارنى بىۋاستە باشتىن كەچۈردۈم ، توردىن  جەنزۇچە ماتېرىياللارنى  كۆردۈم ، توپلىدىم ، مۇناسىۋەتلىك  خەنزۇچە  ماتېرىياللارنى  ئوقۇپ  چىقتىم .

      شۇنداق قىلىپ  ، بۇ  جەرياندا فىلىم كىرىشتۈرۈش ،  توي فىلىم ئىشلەش جەريانىدىكى بىرقىسىم نەزەرىيىۋى ئاساسقىمۇ ئىگە بولۇپ  قالدىم .

    تۆۋەندە بۇ نەزەرىۋى ئاساسلارنى كومپىيۇتېردا فىلىم كىرىشتۈرۈشكە يېڭىدىن كىرىشكەن ھەۋەسكارلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ، شۇنداقلا كومپىيۇتېر تېخنىكىسىدا بۇ جەھەتتە كەسپىي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇستازلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر بېرىشى ئۈچۈن مۇنبەر ئەھلىگە سۇندۇم .
     

    MPEG فورماتى دىگەن نىمە ؟


    ئۇنداقتا بىز مۇشۇmpeg فورماتى ھەققىدە تەپسىلى ۋە ئەڭ كونكىرىت چۈشەنچە ھاسىل قىلايلى .
    كومپىيۇتېردىكى ئۈن-سىن قويغۇچلار ياكى تور بەتلەرنىڭ كىنو قويۇش پىروگىراممىلىرى بىۋاستە قوللايدىغان ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنىڭ تۈرى 100 نەچچە خلغا يەتسىمۇ ، بىراق ئائىلىلەردىكى ھازىرقى VCD, SVCD, DVD قويغۇچ لار قوللايدىغان فىلىم ھۆججەت شەكلى پەقەت 3~4 خلدىن ئىبارەت .
    شۇنىسى ئېنىقكى ، كومپىيۇتېر ۋە كومپىيۇتېر تورىدا نورمال قويۇلغان فىلىم ھۆججەتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئائىلىلەردىكى ھازىرقى VCD, SVCD, DVD قويغۇچ لار ئوقۇيالمايدۇ .
    ئائىلىلەردىكى ھازىرقى VCD, SVCD, DVD قويغۇچ قاتارلىق رەقەم -ئۈزەكلىك ، كومپىيۇتېر بىلەن بىۋاستە ماسلىشالايدىغان زامانىۋى ئائىلە كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىرى قوللايدىغان ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنىڭ ئورتاق شەكلى mpeg فورماتىدىن ئىبارەت .
    mpeg فورماتى __ ئادەتتە ئۈن-سىن ھۆججەتلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى قىلىنغاندا ، قىسقارتىلىپ mpg دەپ بەلگىلىنىدۇ .
    MPEG فورماتى دىگەن نىمە ؟
    mpeg بولسا ____
    Moving Picture Expert Group دىگەن ئاتالغۇنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ ، مەنىسى __ «ھەركەتچان سۈرەت( فىلىم )ۋە رەسىم ئۆلچىمىنى بېكىتىش مۇتەخەسىسىلىرى گۇرۇپپىسى» دىگەن سۆزنىڭ قىسقاتىلمىسى بولۇپ ، 1993-يىلى ئۈن-سىن ئۈسكۈنىلىرىنى ياسايدىغان SONY قاتارلىق بىر قىسىم باشلامچى كارخانىلار بىلەن يۇمشاق دېتال ياسايدىغان دۇنيادىكى داڭلىق شىركەتلەر بىرلىشىپ ، ئۈن -سىن ماتېرىياللىرىنىڭ كومپىيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىنىشتىكى دۇنياۋى ئۆلچىمىنى ۋە پىرىسلنىش ئۆلچىمىنى بېكىتكەن ئىدى .
    شۇنىڭ بىلەن ئائىلە كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن كومپىيۇتېر ئارىسىدا ئۆز-ئار ماسلىشالايدىغان ئورتاق ئۆلچەم بېكىتىلىپ ، نۆۆۋەتتە كومپىيۇتېر بىلەن ئائىلە كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆز-ئارا ماسلىشىىشغا زور تۈرتكىلىك رول ئويناپ كەلدى .
    MPEG فورماتىغا ئايلاندۇرغاندىكى سېگىنال خوراش مەسىلىسى MPEG فورماتى ___ پەقەت ئۈن -سىن ھۆججەتلىرىنىڭ دۇنياۋى پىرىسلىنىش ئۆلچىمى بولغاچقا ، تېلىكامىرا ئارقىلىق ئېلىنغان ئەسلىدىكى رەسىم ۋە ئاۋازسېگناللىرىنى DVD,VCD ئۈسكۈنىلىرى ئوقۇيالايدىغان ھۆججەت شەكلىگە ئاۇلاندۇرۇشتا ، ئەسلىدىكى ئاۋاز ۋە كۆرۈنۈش سېگىناللىرىنىڭ سۈپەت جەھەتتىن خوراپ كېتىشىدىن بەرىبىر ساقلانغىلى بولمايدۇ ، شۇڭا پىرىسلىنشتىن بۇرۇنقى ئەسلىدىكى ئۈن -سىن ماتېرىيالى كومپىيۇتېرغا AVI ياكى WAV شەكلىدە ساقلىنىپ ، ئاندىن پىرىسلانسا ، MPEG فورماتىدا ئەسلى سېگىنال خوراش نىسبىتىنى ئىمكان قەدەر كىچىكلەتكىلى بولىدۇ .


    MPEG ئۆلچىمىنىڭ رايون تەۋەلىكى


    MPEG ئۆلچىمى گەرچە ئۈن-سىن پىرىسلاشنىڭ دۇنياۋى ئۆلچىمى بولسىمۇ، ئۇ ئۆز ئىچىدىن يەنە ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ :
    بىرى ، NTSC شەكلىدىكى MPEG فورماتى ___ بۇ ئامېرىكا ، ياپونىيە ، كانادا قاتارلىق رايونلارنىڭ تېلىۋىزىيە ۋە ئۈن-سىن قويۇش ئۈسكۈنلىرى قوللايدىغان ھۆججەت شەكلى .
    يەنە بىرى PAL شەكلىدىكى MPEG فورماتى _____ بۇ بولسا ياۋروپا رايونى ۋە جۇڭگو قاتارلىق رايونلارنىڭ تېلىۋىزىيە ۋە ئۈن -سىن ئۈسكۈنىلىرى قوللايدىغان ھۆججەت شەكلى .
    مەن تۆۋەندە توختىلىپ ئۆتمەكچى بولغان MPEG فورماتى ___ ئەلۋەتتە ،
    PAL شەكلىدىكى MPEG فورماتىدىن ئبارەت .
    ______________________________________
    MPEG فورماتىنىڭ ئوخشىمىغان قويۇش ئۈسكۈنىلىرىگە نىسبەتەن پرىسلىنىش پىرىنسىپلىرى
    MPEG فورماتىنىڭ نۆۋەتتە پەقەت MPEG-1, MPEG2, MPEG-4,MPEG-7,MPEG-21 قاتارلىق 5 خىل دۇنياۋى ئۆلچىمى بار بولۇپ ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە :
    ( ئەسكەرتىش : توربەتلەردىكى بەزى يازمىلاردا ياكى شەھەر كوچىلاردا تۆكمە قىلىنىپ سېتىلىدىغان قانۇنسىز DVD پىلاستىكىلىرىغا ,MPEG-6, MPEG-9 ,MPEG-5 دەپ يېزىلغان خەتلەر ئۇچرايدىغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان)


    بىرىنچى شەكىل : MPEG-1 ئۆلچىمى

    MPEG-1 ئۆلچىمى ( ,NTSC,PAL شەكلىدىكى mpg ھۆججىتى ) 1992 -يىلى بارلىققا كەلگەن بولۇپ ، دۇنياۋى ئۆلچەم نومۇرى : ISO/IEC11172
    مەن بۇ يەردە دۆلىتىمىزدە ئىشلەپ چىقىرىلغان VCD ئاپىراتى قوللايدىغان ھۆججىتىنىڭ پارامېتىرلىرىنى تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ چىقماقچى :

    VCD ئاپىراتلىرىدا قويۇشقا بولىدىغان فىلىم ھۆججىتىنىڭ شەكلى
    بۇ خىل شەكىلدىكى ھۆججەت _____ ئائىلىلەردىكى VCD ئوقۇيالايدىغان DAT شەكلىدە كۆرۈنىدىغان ھۆججەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتى بولۇپ ، بۇنىڭدا ، ئېكران ئېنىقلىق ئۆلچىمى 352 *288 بولۇپ ، سانلىق مەلۇمات شەكلى ___ رەسىم +ئاۋاز شەكلىدە ، ھەر سېكىنۇتتا قويۇلىدىغان فىرامى ( كۆرۈنۈش ) سانى 25 ، كۆرۈنمە چاستوتا يەتكۈزۈلۈش تېزلىكى ھەر سېكىنۇتتا 1150kbit ، ھەر سېكىنۇتتىكى ئاۋاز چاستوتا يەتكۈزۈلۈش تېزلىكى 224kbit ، ئاۋاز چاستوتىسى 44.1 Khz بولۇپ ، يۇقىرىدىكى پارامېتىرلارنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ___ ئۆلچەم ئادەتتە « VCD2.0 » دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ خىلدىكى ھۆججەتلەرنى Nero قاتارلىق ئوپتىك دىسكا ئويۇش يۇمشاق دېتاللىرىدىكى «  VCD ھۆججەتلىرىنى ياساش» دىگەن ئىقتىدارنى قوزغىتىپ ئويساق ، ھەرقانداق VCD ئاپىراتى ئوقويالايدىغان ، ئۆلچەملىك سىن تەخسىسى ياسىغان بولىمىز .
    نەتىجىدە بىز ئويغان ئوپتىك دىسكا ئىچىدە EXT,MPEGAV,SEGMENT,VCD قاتارلىق ھۆججەت قىسقۇچلار ئاپتوماتىك شەكىللىنىدىغان بولۇپ ، بىزنىڭ MPEG-1 فورماتى ( PAL شەكلىدىكى mpg ھۆججىتى ) دىكى سىن ھۆججەتلىرىمىز ___ MPEGAV ھۆججەت قسىقۇچ ئىچىدىكى avseq *.dat شەكلىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ دەل ئۆزى شۇ .

    VCD ئاپىراتى ___ VCD ئۆلچىمىدىكى ھۆججەتلەرنى ئوقۇيالايدۇ ، DVD ، SVCD ئۆلچىمىدىكى ھۆججەتلەرنى ئوقۇيالمايدۇ .
    VCD,DVD,MP3 قويۇش ئۈسكۈنىلىردە قويغىلى بولىدىغان ئاۋاز ھۆججىتى
    بىز ئادەەتە ئاڭلاۋاتقان MP3 ئاۋاز ھۆججەتلىرىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى ____ Moving Picture Experts Group Audio Layer III بولۇپ ، ئۇنىڭ خاراكتىرى ___ MPEG ئۆلچىمىدە پىرىسلانغان سىفىرلاشقان ئاۋاز ھۆججەتلىرى فورماتى بولۇپ ، ئۇ يەنىلا سۈپەت جەھەتتىن بۇزۇلغان ئاۋاز ھۆججىتىگە تەۋە .

    MP3 ئاۋاز ھۆججەتلىرىنىڭ ئاۋاز چاستوتىسى 44.1 Khz بولۇپ ، بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇ ھەركەتچان رەسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان MPEG_1 دائىرىسىگە يېقىنلىشىدۇ ، بىراق كود يېشىش ئۆلچىمى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، ئۇنى MPEG-1 ئۆلچىمىگە تەۋە دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ .

    ئەسلىدىكى سۈپىتى بۇزۇلمىغان سىفىرلاشقان ئۆلچەملىك ئاۋاز ھۆججىتى ___ Track شەكلىدىكى , CD پىلاستىنىكىسى قويۇش ئاپىراتىغا لاھىيىلەنگەن ئاۋاز ھۆججەتلىرى بولۇپ ، ئۇنىڭ يەتكۈزۈلۈش تېزلىكى سېكۇنىتىغا 1411.2 Kbit بولۇپ ،ئېنىقلىق دەرىجىسى ، سېترولوق ئۈنۈمى ھەقىقەتەن كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ .

    بىراق ،ئادەتتىكى MP3 ئۆلچىمىدە پىرىسلىغاندا پىرىسلىنىش نىسبىتى 1:11 بولىدۇ ، يەنى ئەسلىدىكى ئۆلچەملىك ئاۋاز سۈپىتىنى 11 ھەسسە قىسىۋەتكەنگە تەڭ ، ئاۋاز چاستوتىسى 44.1 Khz ، سانلىق مەلۇمات يەتكۈزۈلۈش تېزلىكى سېكىنۇتىغا 112~~~128 kbit ئۆلچىمىدە بولىدۇ .


    ئىككىنچى شەكىل : MPEG-2 ئۆلچىمى


    MPEG-2 ئۆلچىمى ( ,NTSC,PAL شەكلىدىكى mpg ھۆججىتى ) 1992 -يىلى بارلىققا كەلگەن بولۇپ،
    بۇخىل ھۆججەت فورماتى ئۆز ئىچىدىن يەنە ئىككى خىلغا بۆلۈنىدىغان بولۇپ ، بىرى SVCD ئاپىراتلىرى ئوقۇيدىغان ھۆججەت شەكلى، يەنە بىرى بولسا DVD ئاپىراتلىرى ئوقۇيدىغان ھۆججەت شەكلىدىن ئىبارەت .

    SVCD پىلاستىكا قويۇش ئاپىراتى ئوقۇيالايدىغان ھۆججەت شەكلى
    بۇنىڭدا ، ئېكران ئېنىقلىق ئۆلچىمى 576 *480 بولۇپ ، سانلىق مەلۇمات شەكلى ___ رەسىم +ئاۋاز شەكلىدە ، ھەر سېكىنۇتتا قويۇلىدىغان فىرامى ( كۆرۈنۈش ) سانى 25 ، كۆرۈنمە چاستوتا يەتكۈزۈلۈش تېزلىكى ھەر سېكىنۇتتا ئۆزگىرىشچان ھالەتتىكى 2375kbit ، ھەر سېكىنۇتتىكى ئاۋاز چاستوتا يەتكۈزۈلۈش تېزلىكى 224kbit , ئاۋاز چاستوتىسى 44.1 Khz بولۇپ ، يۇقىرىدىكى پارامېتىرلارنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئۆلچەم ئادەتتە « SVCD ئۆلچىمىدىكى پىرىسلانما فىلىم ھۆججىتى » دەپ ئاتىلىدۇ .

    SVCD دىگەن سۆز ___ ئېنگىلىزچە Super VCD دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ ، بىردانە CD-R پىلاستىنكىسىغا ، SVCD ئاپىراتى ئوقۇيالايدىغان فورماتتا پىرىسلانغان 60 مىنۇتلۇق mpg ھۆججىتى سىغىدۇ ، بۇ خىل ھۆججەتنىڭ ئېنىقلىقى VCD ھۆججىتىنىڭ 2.7ھەسسىسى دەرىجىدە سۈزۈك ، DVD ھۆججىتىنىڭ 3 تىن 2 قىسمى دەرىجىسدە ناچار .

    SVCD ئاپىراتى ___ SVCD , VCD ئۆلچىمىدىكى ھۆججەتلەرنى ئوقۇيالايدۇ ، DVD ئۆلچىمىدىكى ھۆججەتلەرنى ئوقۇيالمايدۇ .

    DVDپىلاستىكا قويۇش ئاپىراتى ئوقۇيالايدىغان ھۆججەت شەكلى

    بۇ خىل شەكىلدىكى ھۆججەت _____ ئائىلىلەردىكى DVD ئوقۇيالايدىغان VOB شەكلىدە كۆرۈنىدىغان ھۆججەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتى بولۇپ ، بۇنىڭدا ، ئېكران ئېنىقلىق ئۆلچىمى 576 *720 بولۇپ ، سانلىق مەلۇمات شەكلى ___ رەسىم +ئاۋاز شەكلىدە ، ھەر سېكىنۇتتا قويۇلىدىغان فىرامى ( كۆرۈنۈش ) سانى 25 ، كۆرۈنمە چاستوتا يەتكۈزۈلۈش تېزلىكى ھەر سېكىنۇتتا 6000~~~~9000 Kbit ، ھەر سېكىنۇتتىكى ئاۋاز چاستوتا يەتكۈزۈلۈش تېزلىكى 224kbit ، ئاۋاز چاستوتىسى 48 Khz بولۇپ ، يۇقىرىدىكى پارامېتىرلارنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆججىتىدۇر . بۇ ___ ئۆلچەم ئادەتتە « ئۆلچەملىك DVD ئاپىراتلىرى ئوقۇيدىغان ھۆججەت » دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ خىلدىكى ھۆججەتلەرنى ئاۋال TMPGEnc DVD Author قاتارلىق DVD-Video ياسايدىغان يۇمشاق دېتاللاردا ، ئۆلچەملىك VOB ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇرۇۋېلىپ ، ئاندىن AHead Nero قاتارلىق ئوپتىك دىسكا ئويۇش يۇمشاق دېتاللىرىدىكى «  DVD_Video ھۆججەتلىرىنى ياساش» دىگەن ئىقتىدارنى قوزغىتىپ ئويساق ، مەيلى بۇرۇن ئىشلەنگەن ياكى ھازىرقى زامانىۋى تېخنىكا بىرلەشتۈرۈلۈپ ياسالغان ئاپىرات بولىشىدىن قەتئى نەزەر ، ھەرقانداق DVD ئاپىراتى ئوقويالايدىغان ، ئۆلچەملىك سىن تەخسىسى ياسىغان بولىمىز .
    نەتىجىدە بىز ئويغان DVD ئوپتىك دىسكا ئىچىدە Audio-TS, Video-TSقاتارلىق ھۆججەت قىسقۇچلار ۋە Video_TS قىسقۇچ ئىچىدە IFO,BUP,VOB قاتارلىق ھۆججەتلەر ئاپتوماتىك شەكىللىنىدىغان بولۇپ ، بىزنىڭ MPEG-2 فورماتى ( PAL شەكلىدىكى mpg ھۆججىتى ) دىكى سىن ھۆججەتلىرىمىز ___ Video-TS ھۆججەت قسىقۇچ ئىچىدىكى *.vob شەكلىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ دەل ئۆزى شۇ 

    ئۈچىنچى شەكىل : MPEG-4 ئۆلچىمى   

     گەرچە DVD ئۆلچىمىدىكى MPEG-2 فورماتىدا پىرىسلانغان mpg فىلىم ھۆججەتلىرىنىڭ ئېنىقلىقى ۋە سۈپىتى ئىنتايىن ياخشى بولسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭ ئىگەللەيدىغان سىغىمى يەنىلا چوڭ بولۇپ ، 4.7 GB سىغىمدىكى DVD پىلستىنكىسىغا پەقەت ئىككى سائەتلىك فىلىم ھۆججىتى سىغدۇرغىلى بولىدۇ ، بۇنىڭدىن قارىغاندا بۇنداق چوڭ سىغىمدىكى ھۆججەتلەرنى توردا يوللاش ۋە باشقا ساقلاش ئۈسكۈنىرىگە خاتىرىلەش نىسبەتەن ئاۋارىچىلىق بولغاچقا ، Moving Picture Expert Group تەرىپىدىن 1998-يىلى 11- ئاۇدا يېڭىدىدىن بارلىققا كەلگەن فىلىم پىرىسلاش ئۆلچىمى ھېساپلىنىدۇ ، دۇنياۋى ئۆلچەم نومۇرى: ISO/IEC14496

    MPEG-4 ئۆلچىمىدە پىرىسلاشنىڭ پىرىسلاش نىسبىتى 1:200 بولۇپ ،ھازىر ھەتتا 1:4000 ھەسسە پىرىسلاش تېخنىكىسى ،ەيدانغا كەلدى ، ئەسلى رەسىم كۆرۈنىشىنى سۈپەت جەھەتتىن ئانچە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتمىغان ئاساستا ، سىغىمنى كىچىكلىتىدىغان ئۇسۇلدۇر ، ئۇنىڭ MPEG-1 , MPEG ئۆلچىمىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىگى شۇكى ___ ئەسلىدىكى ھۆججەتنىڭ فورمات شەكلىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ ، سۈپىتىنى ساقلاشنى ئاساس ، سىغىمىنى كىچىكلىتىشنى مەقسەت قىلىشتۇر. شۇڭا بىز ئادەەتە MPEG-4 ئۆلچىمىدە پىرىسلانغان ھۆججەتلەرنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىغا AVI دەپ يېزىلغانلىقىنى بىلەلەيمىز .

    MPEG-4 ئۆلچىمىدە پىرىسلانغان ھۆججەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇملىشىشى تېز بولۇپ ، بىر تال DVD پىلاستىنكىسىغا 10 نەچچە دانە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى فىلىم ھۆججەتلىرىنى قاچىلاشقا ، توردا تارقىتىشقا بولىدۇ . ھەتتا تېلىفۇن، MP4 قويغۇچ ئۈسكۈنىسى قوللايدىغان دەرجىدە پىرىسلاشقىمۇ بولىدۇ .

    كەمچىللىكى شۇكى ، VCD ئاپىراتى ۋە بۇرۇن ئىشلەنگەن كونا DVD ئاپىراتى ئوقۇيالمايدۇ , ھەتتا كومپىيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسى تەمىنلىگەن Windows Media Player نىڭ قوللىشى ياخشى ئەمەس .

    بىراق ، كومپىيۇتېرغا MPEG-4 كودىنى يېشىش پىروگىرfمىلىرى ياكى DIVX قاتارلىق ئالاھىدە كود يېشىش دېتاللىرى ، ياكى ئۇنۋېرسال سىن ھۆججەتلىرىنى قويۇش ئىقتىدارىغا ئىگە Media Player Cassic , Strom Player ... قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاش ئارقىلىق قويغىلى بولىدۇ .

    ئەگەر مۇشۇ بىر -ئىككى يىلدىن بېرى ئىشلىنىپ بازارغا سېلىنىۋاتقان DVD ئاپىراتلىرىدا قويسىڭىز نورمال قويۇلىدۇ ، چۈنكى MPEG_4 ئۆلچىمىدە پىرىسلانغان سىن ھۆججەتلىرىنى قويۇش ئىقتىدارىغا ئىگە DVD ئاپىراتلىرىغا ئېنىق قىلىپ ، « MPEG-4 , DIVX لارنى قوللايدۇ» دەپ يېزىپ قويۇلغان بولىدۇ .


    تۆتىچى شەكىل : MPEG-7 ئۆلچىمى



    ئەمەلىيەتتە MPEG-7 پىرىسلاش ئۆلچىمى يوق بولۇپ ، بۇ پەقەت MPEG_1, MPEG-2, MPEG-4 لەردىكى 1+2+4=7 نىڭ قىممىتىدىن كەلگەن ئومۇملاشتۇرۇپ ئاتاش ئۆلچىمى بولۇپ ، Moving Picture Experts Group تەرەپىدىن بېكىتىلگەن فىلىم پىرىسلاشنىڭ ھازىرغىچە بارلىققا كەلگەن بارلىق ئۆلچەملىك نامىنى كۆرسىتىشى مۈمكۈن .



    بەشىنچى شەكىل : MPEG-21 ئۆلچىمى

    بۇ   ئۆلچەم      Moving Picture Experts Group     تەرىپىدىن 1999- يىلى 12 -ئايدا بېكىتىلگەن بىر خىل ئۆلچەم نامى بولۇپ ، ئومۇمى نامى : « كۆپ ۋاستە رامكىسى» دەپ ئاتالدى ، بۇ خۇددى Microsoft شىركىتى Visual Studio.net يۈرۈشلەشمە مۇھىتىدا خىزمەت قىلىدىغان VC#2003/2005.net, VB2003/2005.net, VC++2003/2005.net قاتارلىق دېتاللىرىنى netرامكىسدا خىزمەت قىلىدىغان ئۆلچەمنى بېكىتىپ چىققاندەك ئىش .

    بۇ يالغۇز فىلىم فورماتى بولماستىن ، بەلكى ھەرقانداق رەقەملىك ئۇچۇر ماتېرىياالىرىنى ئۆز ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئۆلچەم بولۇپ قالدى ، MPEG -21 نىڭ مەقسىدى بولسا ، Moving Picture Experts Group تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئۆلچەملىەر بىلەن بۇندىن كېيىن مەيدانغا كېلىدىغان ن يېڭى تېخنىكىلارنى ماسلاشتۇرۇش ۋە دۇنياۋى ئۆلچەمنى ساقلاپ قېلىپ ، كۆپ ۋاستە ئۇچۇرلىرىنىڭ ئۆلچىمىنى ھىرقانداق تېخنىكا بىلەن ماسلاشتۇرۇش ، شۇنداقلا MPEG دۇنياۋى ئۆلچىمنى ماس ھالدا تەرەققى قىلدۇرۇش.

        فىلىم قويۇش پىلاستىنكىلىرىنىڭ تىپلىرى

       ئادەتتە VCD , SVCD ئاپىراتلىرىدا قويۇلىدىغان پىلاستىنكىلار ئۈچۈن ، CD_R پىلاستىنكىسى تاللىنىدۇ ، ئادەتتە بىر دانە CD-R پىلاستىنكىسىنىڭ سىغىمى 650، 700،750  مېگابايت بولىدۇ .

    بۇنداق پىلاستىكىلارغا VCD فىلىم ھۆججەتلىرىدىن 70~80 مىنۇتلۇق كۆرۈنۈش ساقلىغىلى بولىدۇ .

    بۇنداق پىلاستىكىلارغا SVCD فىلىم ھۆججەتلىرىدىن پەقەت 60 مىنۇتلۇق كۆرۈنۈش ساقلىغىلى بولىدۇ .

    DVD ئاپىراتلىرىدا قويۇشقا تەييارلانغان DVD-Video فىلىم ھۆجقەتلىرىنى چوقۇم DVD پىلاستىنكىسىغا ئويۇش كېرەك ، ئادەتتە بىردانە 4.7 GB سىغىمدىكى  (بىز ئادەتتە  -5 DVD  پىلاستىنكىسىنى  كۆپرەك  ئىشلىتىۋاتىمىز    )        DVD-5 پىلاستىكىسىغا ، DVD ئاپىراتلىرىدا قويۇشقا تەييارلانغان DVD-Video فىلىم ھۆججەتلىرىدىن پەقەت 120 مىنۇتلۇق كۆرۈنۈش ساقلىغىلى بولىدۇ ، ئەگەر Divx شەكلىدە پىرىسلانغان MPEG-4 فىلىملىرى بولسا 7~~10 سائەتلىك كۆرۈنۈش سىغىش مۈمكۈن .

    نۆۋەەتتە ،DVD پىلاستىنكىسىنىڭ سىغىملىرى ھەتتا 45~~~ 50 GB غا يەتكەن بولسىمۇ ، بىراق كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن ئاساسەن تۆت خىلى بار ، بۇلار تۆۋەندىكىچە :

    DVD-5 بولسا __ ھازىرقى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىۋاتقان DVD بولۇپ ، بۇنىڭ تېخنىكىسى تولۇق پىشىپ يېتىلگەن ، تاق قەۋەت ، تاق يۈزلۈك بولۇپ سىغىمى 4.7 GB كېلىدۇ .

    DVD_10 تاق قەۋەت ، قوش يۈزلۈك بولۇپ، سىغىمى 9.4 GB كېلىدۇ .

    DVD-9 قوش قەۋەت ، تاق يۈزلۈك بولۇپ ، سىغىمى 8.5 GB كېلىدۇ .

    DVD-18 قوش قەۋەت ، قوش يۈزلۈك بولۇپ، سىغىمى 17 GB كېلىدۇ .
    مەنبە: باھادىر تورى .دىن مەرىپەت ئەپەندىم





    بەت ئارىسى ئېلانى

    评论

  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، مۆھتەرەم بلوگ باشقۇرغۇچىسى ،سىزگە بلوگلىرىمىزدىن ئالىي سالام ، كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئۇيغۇرچە بلوگلارنى تېخىمۇ تونۇتۇش ۋە ئۇلارنىڭ قولايلىق ھالدا ھەرقايسى بلوگلىرىمىزنى تېپىۋېلىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بلوگلىرىمىز بلوگى سىتاستىكىسىدىكى بلوگلار قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 138 گە يەتتى ، بۇ ناھايىتى خوشال قىلارلىق ھالەت ، بلوگلىرىمىز بلوگى ئۇيغۇرچە بلوگلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇشنى ئىزدەيدۇ ، ۋە بارلىق بلوگدىن كىرگەن ئېلان كىرىمىنى باشقا يەرلەردە بلوگلىرىمىزنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ ،بلوگ كودى باشقۇرۇشقا قولايلىق ۋە زىيارەت قىلىش سۈرئىتى تېز بولۇشى ئۈچۈن ئاھىيدە ئېنىقلىقتىكى كودلاردا رەتلىك يېزىلدى . بلوگلىرىمىز يېڭى قۇرۇلغاچقا تەشۋىقات يېتەرلىك بولۇپ بولالمىدى، سىزنىڭ بلوگلىرىمىزنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىق سۈپىتىڭىز بىلەن بلوگلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشىڭىزنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز ، سەمىمىي تەكلىپ – پىكىرىڭىزگە ھەرۋاقىت ئىتىزارمەن ، كامالىي ئېھتىرام بىلەن :
    بارلىق ئۇيغۇرچە بلوگلىرىمىز سىتاستىكىسى
    بلوگلىرىمىز بلوگى
    بلوگ ئادرېسى : http://bloglirimiz.blogspot.com
    بلوگ تۇغى ئادرېسى : http://www.shineblog.com/UploadFiles/2009-1/16214501.jpg
    كىيۇ كىيۇ توپى : 34296971
    ulanmilar@163.com
    bahadirbbs回复بلوگلىرىمىز说:
    بارلىق بىلوگىنىڭ يېڭى قىياپىتى مىنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈردى .ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىغا تىلەكداشمەن
    2009-01-11 23:11:58
  • ئەسسالا مۇئەلەيكۇم.....ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى....ئالدى بىلەن بلوگىڭىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى سەرخىل بلوگلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن !!بىلوگىڭز نى تولىمۇ چىرايلىق بىزىۋاپسىز..مەزمۇنلىرىمىۇ بەك سەرخىل ئىكەن...بۇندىن كېيىنمۇ ئەشۇنداق سەرخىل تىمىلارنى يېزىپ بىزنى مول بىلىم بىلەن تەمىنلەپ تۇرغايسىز .....مەن پەقەت بىر بلوگ ھەۋەسكارى ....ئېغىر كۆرمەي مېنىمۇ ئۇلىنىش قىلىۋالسىڭىز...مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ تورىمنى سىز نىڭ تورىڭىزنىڭ بىر بۇرجىكىدە كۆرەلىسەم سىزدىن تولىمۇ خۇرسەن بولار ئىدىم.....رەھمەت مالال قىلىدىغان بولدۇم .....قول قولىنى يۇيسا قول يۈزنى يۇيار دەپتىكەن ...ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئالغا.........http://iplas.blogbus.com.....
    ablat1985@126.com
    bahadirbbs回复ھاڭۋاقتى说:
    بىلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىدىن تۇلىمۇ خۇشالمەن . ئۇيغۇر تورچىلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ،بىرلىكتە ھەمكارلىق ئونىتىپ تەڭ ئۈگۈنەيلى ،بىلوگىڭىزنى ئۇلىنىش قىلۋالدىم ،خالىسىڭىز سىزمۇ بىلوگىڭىزغا مىنىڭ بىلوگىمنى ئۇلاپ قۇيارسىز .مەن باھادىر تورىنىڭ قۇرغۇچىسىز ۋاقتىڭىز بولسا قەدەم تەشرىپ قىلارسىز .www.bahadirbbs.cn
    2009-01-08 23:28:52
  • پىكىر بېرىڭ:
    بلوگلاردا ئىشلىتىۋاتقان NiceFont يېڭى نۇسخىسى چىقماقچى. شۇڭلاشقا يېڭى نۇسخىغا تورداشلاردىن پىكىر ئېلىنىۋاتىدۇ. مالال كۆرمەي پىكىر بېرىڭ. پىكىر بېرىش ئادرېسى:
    http://baliq.blogspot.com/2009/01/nicefont-30.html
    bahadirbbs回复تەكلىماكان说:
    qiraylik qikiptu .uyghur tor ixliriga tohpa kuxayli . harmanglar .oglanlar
    2009-01-06 09:08:46