• يىگىتلەر بىلىشكە تىگىشلىك 16قائىدە.

    ۋاقىت:2008年10月22日 | تۈرى:

    يىگىتلەر بىلىشكە تىگىشلىك 16قائىدە.1.      جەميەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇچقاندەك  تەرەققى قىلىشىغا  ئەگىشىپ.كىيىم كىچەكمۇ يىگىتلەرنىڭ سولەت سىمىۋولى بۇپ قالدى ،ئۇنداقتا كىينم تاللىغانغا كىيىنگەندە چۇقۇم قارا رەڭلىكنى تاللاڭ .چۇقۇم  سالاپەتلىك كۈرنىسىز.2.      2-كەستىئوم بورۇلكىسى قېنىق كۈل رەڭلىك كۈل رەڭگە ئىنچىكە سىزىق چۈشكەن كوك رەڭىگە ئىنچىكە سىزىق چۈشكەن ياكى قېنىق كۈك رەڭگە ئىنچىكە سىزىق چۈشكەن بۇلۇشى كىرەك .3.      ئىنچىكە سىزىق ۋە چاقماق قانچىكى سۇس بولسا شۇنچە ياخشى  شۇنڭا سىنچىلاپ قارىغاندا ئاندىن كورەلى بۇلىدىغان سىزىق ياكى چاقماق رەختنى تاللاش كىرەك .4.      ياقىسىدا تۈگمىسى بار كوڭلەكنى ھەرگىز قوش قاتار تۈگمىسى بار كەستىئوم بىلەن  كەيمەڭ 5.      ئايىغىڭىزغا ھە ۋاقىت چاڭ تۇزاڭ قونمىسۇن .پارقىراپ تۇرسۇن .چۈنكى ئاياق  ئەرلەرنىڭ ئەڭ سالاپىتىنى بەلگىلەيدىان نەرسە .(مەنغۇ ئۇنداق قىپمۇ كەتمەيمەن)6.      200سوملۇق ئاياق بىلەن 50 سوملۇق ئاياقنى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭ ،چۇقۇم 200سوملۇق ئاياق ياىشى چىقىدۇ ھەم ئۇزۇنراق كىيىسىز .(مەنغۇ 80سومدىن ئارتۇق ئاياق كەيمەيمەن ) لېكىن ئاياق ئالغاندا پۇلنىڭ كۈزىگە قارىماڭ .7.      يەنە بىر ئىش ھەر قانچە قىممەت ئايىغىڭىز بولسىمۇ 3كۈندىن ئارتۇق كەيمەڭ .ئالماشتۇرۇپ كىيىڭ .(بىرلا ئايىقىڭىز يوقتۇ ).بىر خىللا رەڭدە ئاياق تاللىۋالماڭ .باشقىلار سىزنى بىرلا ئايىقى بار دەپ قالمىسۇن .8.      بەزىلىرىمىز پاىتا رەختكە ئامراق كىلىمىز لركىن ئۇنى دەزماللاشقا تازا باپ ئەمەس ھەم ئۇزۇن مەزگىل ھسۈپەتلىك تۇرمايدۇ .9.      ئەگر سىز گالاستۇك تاقىمىسىڭىز كوڭلەكنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى تۈگمىنى ھەر گىز ئەتمەڭ . سەت تۇرۇدۇ . يۇقۇردىكى تۈگمىنى ئەتمەي قۇيۇڭ 10. سولەتلىك سالاپەتلىكلەرنىڭ سولىتى.ھەر ۋاقىت پۇتتا ،شۇڭا يارىشىملىق ئاياق ھەم كەستىئوم بورۇلكا كىيىڭ .(مەنغۇ ئانچە دىققەت قىپمۇ كەتمەيمەن )لېكىن ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.تېخىمۇ سالاپەتلىك بۇلۇش ئۈچۈن  چۇقۇم بۇغۇچلۇق ئاياق كىيىڭ 11. ئەگەر سىز گالاستۇك تاقىسىڭىز .گالاستۇكنىڭ ئۇزۇنلىقى بەلۋاغدىن ئېشىپ كەتمىسۇن.ھەم  بەك يۇقۇرىمۇ بۇپ كەتمىسۇن .12. ھەرگىزمۇ  سۈنئى تالالىق پايپاق كىيمەڭ ،ئەڭ ياخشىسى يۇڭ يىپەك ياكى يۇڭ يىپەك ئارلاشما پايپاق كىيىڭ 13. ئەگەر سىز24 ياشتىن ئاشقان بولسىڭىز، ھەرگىزمۇ ئاق پايپاق كەيمەڭ كىيىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ ئاق پايپاق سىزنى خۇددى ئۇقۇغۇچىدەك كورسىتىپ قۇيۇدۇ .خالاس .14. قانداق بۇلۇشىدىن قەتئى  نەزەر گۈللۈك پايپاق ئەرلەرنىڭ كىيىشىگە ماس كەلمەيدۇ كوك ،كۈل رەڭ پايپاق ئەرلەرگە ماس كىلىدۇ ..15. ئەڭ مۇھىم بولغىنى چىش چوتكىلاشنى ئۇنتۇپ قالماڭ .مەيلى سىز خىزمەتچى بۇلۇڭ .دېھقان بۇلۇڭ ،ياكى كەسىپدار بۇلۇڭ .چىش چوتكىلاشنى ئادەت قىلىڭ، ھەم ئائىلىڭىزدىكىلەرگە شۇنداق قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈڭ 16. بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىمەن دەپ كوپ چىقىمدار بولماڭ .كىيىمنى كوپ كىيىپ ئىسراپچىلىق قىلسىڭىز ،ئۇ  دۇنياغا بارغاندا ھىساپ بىرىپ بولالمايسىز  

     





    بەت ئارىسى ئېلانى