ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈم نىسپىتىنىڭ ئۆسىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
قەيسەر مىجىت
"ئاخۇنۇم قاپ بەلدىن" دەپ مەن قاپ بەلدىن چۇشۇپلا سىزدىن سوراپ باقاي:
مۇبادا نورمال تاۋارنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتسە، سىز شۇ تاۋارنى داۋاملىق ئالامسىز ياكى ئازايتامسىز؟
بۇنىڭ جاۋابىنى سىز بىلىسىز. چۈنكى سىز ئەقىلغە باي بايبوللۇقسىز.
پۇل ئالماشتۇرۇشنىڭ ۋاستىسى. يەنى بىز ئۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزگە كىرەكلىك تاۋار ۋە مۇلازىمەتلەرنى سىتىۋالىمىز. قولىڭىزدىكى پۇلنىڭ قىممىتىنىڭ مال باھاسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىغى ئىنىق. مۇبادا ئىقتىسادتا ئايلىنىپ يۈرگەن پۇل كۆپ بولسا، تاۋار ۋە مۇلازىمەت تۇراقلىق بولغان ئەھۋالدا، قولىڭىزدىكى پۇلنىڭ سىتىۋىلىش كۈچى تۆۋەن بولىدۇ. بىزدە "ئاز ئۇچرىغان قىممەت بولىدۇ" دىگەن گەپ بار. مۇبادا قوللىرىمىزغا پۇللار غاچ-غۇچچىدە كىرىپ شالاق ۋالاققىدە چىقىپ كەتسە، دىمەك بۇ پۇلنىڭ پاخال بولىۋاتقانلىغىنىڭ بىشارىتى.
بانكىنىڭ قانداق پۇل تاپىدىغانلىغىنى بىلىسىز چوقۇم. بانكا - سىزگە ئوخشاش مىللىيونلىغان ئادەملەرنىڭ ئامانەت پۇلىنى قوبۇل قىلىپ ماڭا ئوخشاش پۇلى يوق ھاجەتمەنلەرگە قەرز بىرىش ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ. سىز بانكىغا پۇلنى بىكارغا بەرمەيمىز. ئامانەت قويغىنىڭز ئۇچۇن بانكا سىزگە "پايدا" بىرىدۇ.
بانكا پۇلنى ماڭا بىكارغا بەرمەيدۇ. مەن ئۇنىڭ ئۇچۇن "پايدا" بىرىمەن. لىكىن بۇ يەردىكى بانكىنىڭ سىزگە بىرىدىغان پايدىسى مىنىڭ بانكىغا بىرىدىغان پايدامدىن ئاز ياكى كىچىك بولىدۇ. بۇ يەردىكى "پايدا" نى بىز ئۆسۈم دەپ ئاتايمىز. دىمەك ئۆسۈم- بانكىنىڭ سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئىشلەتكەنلىگى ئۈچۈن تۆلەيدىغان باھا بولسا، ئۇ مەن ئۈچۈن بانكىدىن ئالغان پۇلنى ئىشلەتكەنلىگىم ئۈچۈن تۆلەيدىغان يەنە بىر باھادۇر.
دىمەك، ئۆسۈم نىسبىتى ئۆستى دىگەن گەپ، پۇلنى ئىشلىتىپ تۇرۇشنىڭ باھاسى ئۆستى دىگەن گەپ. ئامانەت قويغۇچى يەنى پۇل بىلەن تەمىنلىگۈچى بولۇش سۇپىتىڭىز بىلەن مۇبادا ئۆسۈم ئۆسسە سىزنىڭ بانكىغا پۇل قويغىڭىز كىلەمدۇ ياكى خەجلىگىڭىز كىلەمدۇ؟ ئۆسۈم ئۆسسە، مەن قەرز ئالىدىغان پۇلنىڭ باھاسى ئۆسكەن بولىدۇ دە مەن قەرز ئىلىش نىيىتىمدىن يانىمەن ياكى ئاز قەرز ئالىمەن. بۇ خۇددى نورمال شارىتتا مەلۇم توۋارنىڭ باھاسى ئۆسكەنسىرى شۇ توۋارنى تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئۇنى ئىشلەپچىقارغۇسى كەلگەندەك، ئۇنى سىتىۋالغۇچىلارنىڭ ئۇنى تېخىمۇ كۆپ سىتىۋىلىشتىن رايى يانغاندەك بىر ئىش.
ئۇنداقتا بۇ يەردىكى ئامىرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشى قانداق گەپ؟
ئالدى بىلەن ئامىرىكىنىڭ پۇل-مۇئامىلە سيستىمىسىنى قىسقىچە چۈشۈنىشىمىز زۆرۈر. (مەن بۇ ھەقتە بايبول بايلىق بۇلىغى ۋە گو تەي ئاكسىيە سۇپىسىدا سيستىمىلىق ھەم نىسبەتەن تولۇق چۈشەنچە بەرگەنمەن، شۇڭا بۇ يەردە تەكرارلىمايمەن)
بۇ يەردىكى ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشى - ئامىرىكا مەركىز بانكىسى بىكىتكەن بانكىلار ئۆزئارا بىر-بىرىگە قەرز بىرىپ تۇرغاندا تۆلەيدىغان باھا يەنى ئۆسۈم نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇنى تۆۋەندە مۇنداق مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.
بايبولنىڭ قۇرغان بايبول بانكىسى بار دەيلى. كىشىلەر بانكىمىزغا 100 مىليون دوللار پۇل ئامانەت قويسۇن. ئەگەر بىز بۇ پۇلغا چىقىلماي بانكىمىزدىلا تۇرغۇزساق، بىز ۋەيران بوپ كىتىمىز. ئۇنداقتا قانداق قىلىمىز؟ پۇلغا ئىھتىياجلىق شەخس (ئوقۇش، ئۆي سىتىۋىلىش، ماشىنا سىتىۋىلىش ئىھتىياجىدىكى دىگەندەك) ياكى كارخانىچىلارغا (زاۋۇت قۇرۇش، تۈرگە مەبلەغ سىلىش، ئىشلەپچىقىرىشنى كىڭەيتىش ئىھتىياجىدىكى...) قەرز بىرىمىز. بىز سىز ئۈچۈن 2% ئۆسۈم تۆلەيمىز، بىزدىن قەرز ئالغانلار بىزگە 5% ئۆسۈم تولەيدۇ. دىمەك بىز ھەممە پۇلنى قەرز بەرسەك بايبول بانكىسىنىڭ بۇ سودىدىن كىرگەن يىللىق ساپ كىرىمى 3 مىلليون دوللار بولىدۇ دىگەن گەپ. يەنى بىز مۇشۇ پۇلنىڭ ھەممىنى قەرز بىرەلىگەن شەرت ئاستىدا.... لىكىن مەركىزى بانكا، بىزدەك پايدا ئىلىش خاراكتىرلىق بانكىلارنىڭ بىزگە ئامانەت قويۇلغان بارلىق پۇللارنى قەرز بىرىشىمىزنى خالىمايدۇ. مۇبادا بىز ئامانەت پۇلىنى قويغان ئادەملەرنىڭ كۆپى بىرلا ۋاقىتتا ئامانەت پۇلىنى ئالىمىز دەپ قالسا، بىز ئاللىقاچان بۇ 100 مىللىيوننى قەرز بىرىۋەتكەن تۇرساق، قانداق قىلىمىز؟ باشقا بىرەرىنىڭ ياردىمى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بانكىمىز ۋەيران بولىدۇ. بۇنى بىزمۇ، مەرگىزى بانكىمۇ كۆرۈشنى خالىمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەرگىزى بانكا، ھەر قايسى پايدا ئىلىش خاراكتىرلىق بانكىلارغا مۇنداق تەلەپ قويىدۇ:
سەن چوقۇم ئامانەتكە قويغان پۇلنىڭ مەلۇم قىسمىنى بىزدە يەنى مەركىزى بانكىدا ساقلايسەن. بۇ نىسبەت ئادەتتە 10% ئەتراپىدا بولىدۇ. يەنى بايبول بانكىسى چوقۇم 10 مىليون دوللار پۇلنى مەرگىزى بانكىدا ساقلىشىمىز، 90 مىليوننىلا قەرز بىرىشىمىز كىرەك. لىكىن بۇ 90 مىللىيون پۇل ئوخشىمىغان مۇددەتتە باشقىلارغا قەرز بىرىلگىنى ئۈچۇن، مۇبادا ئامانەت قويغۇچىلار كۆپ مىقداردىكى پۇللىرىنى ئىلىۋالماقچى بولسا، بايبول بانكىسى ۋەيران بوپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن، ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ.
بىرسى، مەركىزى بانكىدىن قەرز ئالىدۇ، يەنە بىرسى باشقا بانكىلارنىڭ مەركىزى بانكىغا قويغان پۇلىنى قەرز ئالىدۇ يەنى بايبول بانكىسى، يەنە بىر بانكا-تەرەققىيات بانكىسىدىن قەرز ئالىدۇ دىگەن گەپ. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشى دەل بايبول بانكىسىغا ئوخشاش بانكىلارنىڭ تەرەققىيات بانكىسىغا ئوخشاش بانكىلاردىن قىسقا مۇددەتلىك ئالغان قەرزى ئۈچۈن تۆلەيدىغان ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشىدۇر. دىمەك بۇ نىسبەتنى مەرگىزى بانكا بەلگىلەيدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە نىمە بولىدۇ؟ ئۇنىڭ ئىقتىسادقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قانداق بولىدۇ؟
(بەك ئۇزۇن بوپ كەتسە ئوقۇماي قالمىسۇن دەپ قەشقەرنىڭ چارەك لەغمىنىدەك بىرىپ قويدۇم. شۇنداق بولسا تەمى بولىداااا....داۋامى بار)
|