- تىزىملاتقان
- 2015-10-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3086
- نادىر
- 0
- يازما
- 287
ئۆسۈش
36.2%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا murat47 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-18 16:12
tadlax يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 14:00
ئىختىساد كۆپۇنچە قوش بىسلىق بولىدۇ. بازاردىكى پۇلنى ...
ئىختىساد كۆپۇنچە قوش بىسلىق بولىدۇ. بازاردىكى پۇلنى تارىتسا، ئىھتىياج قىسىلىدۇ.
ئۆسۈم ئۆستۈرۈش پۇل قىسقانلىق، بۇ توغرا، نەتىجىسى سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئازىيىشى، ئىشسىزلىقنىڭ ئېشىشى، ۋە مال باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئىقتىسادنىڭ پىرنىسىپىغا مەلۇم جەھەتتىن ئۇيغۇن. ئەمما ھازىر خەلىقئارا بازارغا قارىسىڭىز، نىفىتنىڭ باھا ئۆسۈشى ھەرگىز دوللارنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. سەئۇدى قاتارلىق دۆلەتلەر ئېھتىياجدىن ئاشۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى. ئادەتتە بىر باك نىفتنىنىڭ بۇرغىلاپ چىقىرىش تەننەرخى ھەر قايسى دۆلەتتە ئوخشىمايدىغان بۇلۇپ، سەئۇدىدا بىر باكنىڭ بۇرغىلاپ چىقىرىش تەننەرخى 10 دوللار، قاتاردا سەل يۇقىرى، رۇسىيەدە بولسا تەخمىنەن 30 دوللار ئەتراپىدا. سەئۇدى دەيدۇ:« نىفىتنى تېخىمۇ كۆپ بۇرغىلايمىز، باھاسى 20 دوللارغا چۈشۈپ قالسىمۇ بىز پايدا ئېلىۋېرىمىز»، ئەمما روسىيەنىڭ نىفىت ساھەسى يېتىپ قالىدۇ. بۇرۇنقى باھاسى 140 دوللارلىق نىفىت 30 دوللارغا چۈشۈپ قالسىمۇ سەئۇدىغا ئوخشاش نۇرغۇن دۆلەتلەر يەنە پايدا ئېلىۋېرىدۇ. ئامرېكا نىفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقتارىنى ئازايتىشنى ئىلتىماس قىلدى، ئەمما رەت قىلىندى، نەتىجىدە ئامرېكا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش تەدبىرىنى قوللاندى. بەلكى ئىككسىى بىۋاستە سەۋەپ نەتىجە مۇناسىتى يوق.
بىراق دوللار ئۆسسە، خەلىق پۇلىىغا ئەكىس تەسىرمۇ بىرىدۇ. ئەكىردىغان مالنىڭ باھاسى ئۆرلەيدۇ.
ئەكىردىغان مالنىڭ باھاسىنىڭ نىسبى ئۆرلىشى ئىمپورتنى ئازايتىدۇ. جۇڭگودىن ئالىدىغان مالنىڭ (جۇڭگو ئىكىسپورت قىلىدىغان مالنىڭ ) باھاسى نىسبى چۈشىدۇ، چەتئەلدىن جوڭگوغا كېلىپ مال سېتىۋالدىغانلار كۆپىيدۇ،نەتىجىدە جۇڭگونىڭ ئىكىسپورت ئاشىدۇ، مەبلەغ سېلىش، ئىشقا ئۇرۇنلىشىش ئاشىدۇ، ئىقتىساد ئىلگىرى سۈرىلىدۇ. ھازىر جۇڭگو دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنىڭ بىرى ئىكىسپورت مىقتارىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى. توغرا ، ئىكىسپورت زىيادە ھەم ئۈزلىكسىز ئېشىۋەتسە دۆلەت ئىچىدىكى تاشقى پروۋېت زاپىسى كۆپىيىپ مەركەز بانكىغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ، ئەمما قىسقا مۇددەتتە يەنىلا دۆلەت ئىقتىسادىغا پايدىلىق. دوللار تۈپەيلى يۈز بېرىدىغان پايدىسىز ئامىللارغا جۇڭگو مەركەز بانكىسىنىڭ تاقابىل تۇرۇش، تەڭشەش چارىسى ناھايتى كۆپ، ئەنسىرەش ھاجەتسىز.
سىزنىڭ دەسلەپتىكى ئىنكاستا دېگەنلىرىڭىز سەل چۈشىنىكسىز بۇلۇپ قاپتۇ، شۇڭا چۈشەنچە ئىزاھلاشنى لايىق كۆردۈم. مۇنازىرە ئۈچۈن رەھمەت
|
|