- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8513
- نادىر
- 0
- يازما
- 784
ئۆسۈش
  70.26%
|
ا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاشقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-18 17:31
murat47 يوللىغان ۋاقتى 2015-12-18 15:28 
ئىختىساد كۆپۇنچە قوش بىسلىق بولىدۇ. بازاردىكى پۇلنى ت ...
نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن چۈشىشىگە سەۋەبچى بولغان دۆلەت روسىيە.بىرىنچى سەۋەبى،روسىيە ئوپېككا ئەزا بولمىغاچقا،ئوپېك ئەللىرى نېفىت باھاسىنى كونتىرول قىلىمىز دەپ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى مىقدارىنى كېمەيتكەنسىرى،روسىيە چەكلىمىگە ئۇچرىمىغانلىقتىن،ئەكسىچە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ،زور پايدىغا ئېرىشتى.ئەلۋەتتە،ئوپېك دۆلەتلىرى روسىيىنىڭ بۇنداق پۇرسەتپەرەسلىكىدىن غەزەپلەنمەي تۇرالمايدۇ.ئىككىنچى سەۋەب،روسىيە قىرىمنى يۇتۇۋېلىپ غەرب دۇنياسىنىڭ غەزىۋىنى قوزغىدى.نەتىجىدە،غەرب دۇنياسى بىلەن ئوپېك دۆلەتلىرى روسىيىنى جازالاش ئۈچۈن،نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ،روسىيىگە ئەجەللىك زەربە بەردى.
ئەمدى تاشقى پېرۋوت زاپىسىغا كەلسەك. تاشقى پېرۋوتنىڭ كۆپ بولۇشى قارىماققا پايدىلىق ئىشتەك كۆرۈنگەن بىلەن،ماھىيەتتە،خەلقنىڭ قان تەرى بەدىلىگە كەلگەن تىرلىيونلاپ دوللار تېخىچە خەقنىڭ يانچۇقىدا دېگەن سۆز.شۇ پۇل قاچان مال ياكى تېخنىكىغا ئايلىنىپ،دۆلەت چېگرىسىدىن كىرگەندىن كېيىن،ئاندىن جۇڭگو خەلقىگە مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ.بولمىسا،ئامېرىكىدەك دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ تاشقى پېرۋوتىنى خەجلەپ،جۇڭگوغا قارشى ئۇرۇش قىلىدىغان كۈنمۇ كېلىشى مۈمكىن.ئىمپورت بىلەن ئېكىسپورتنىڭ يەنىلا نىسبەتەن بولسىمۇ تەڭپۇڭراق بولغىنى ياخشى. |
|