- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8513
- نادىر
- 0
- يازما
- 784
ئۆسۈش
  70.26%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاشقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-17 18:51
نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئوبامانى ھېچ ئىش قىلالمىغان يارىماس دەپ تىللايدۇ.چۈنكى ئۇ ئاتا-بالا بۇشلاردەك ئەسكەر چىقىرىپ باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلمىدى.ئەمىلىيەتتە بولسا،ئوباما ئەسكەر چىقارماي تۇرۇپلا 20-30 يىللىق مۇستەبىتلەردىن نەچچىنى غۇلاتتى.ئامېرىكىنىڭ قولى بولمىغان بولسا مۇبارەك،كادافېي،سالىھ(يەمەن پرېزىدېنتى)،بېرمىدىكى ھەربى ھۆكۈمەت.....لەر غولىمىغان بولاتتى،ئىرانيان يادرو قوراللىرى ياساش ئىرادىسىدىن يانمىغان بولاتتى،روسىيىنىڭ ئىقتىسادىي چېكىنىپ،ئادەتتىكى دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيىسىگە چۈشۈپ قالمىغان بولاتتى.ئاغدۇرالمىغان مۇستەبىتلەرنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ئۆزى بىۋاستە قول تىقماي،دۈشمىنىگە قارشى كۈچلەرنى ئۆزىگە ۋاكالىتەن جەڭگاھقا ئىۋەرتىش تاكتاكىسىنى قوللانماقتا ياكى ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈپ،دۈشمىنىنى ئاجىزلىتىپ،قول سېلىشقا پۇرسەت كۈتمەكتە.ئامېرىكا ئۆزى بولسا،زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىقتىسادىنى ياخشىلىۋالدى.ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشى ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ياخشىلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. |
|