- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8513
- نادىر
- 0
- يازما
- 784
ئۆسۈش
  70.26%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاشقىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-20 00:28
payqi يوللىغان ۋاقتى 2015-12-19 19:36 
كۆردۈم ،بۇ تەھلىلنى 2009-يىلى 12-ئايدا يوللاپتىكەن ، لىك ...
مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم،ئامېرىكىنىڭ پاي-بازىرىدا داۋالغۇش بولسا ئۇنىڭدا چوقۇم ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان سەۋەپ بولىدىكەن،لېكىن جۇڭگونىڭ پايچېكىدا داۋالغۇش بولسا،نىمە ئىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى قىلتاقچىلاردىن باشقا ھېچكىم بىلەلمەي قالىدىكەن.بۇ نۇقتىنى مېنىڭچە سىزمۇ ئېتىراپ قىلىسىز،چۈنكى پايچېك مۇتەخەسىسلىرىمۇ نىمە دېيىشىنى بىلەلمەي شۇنداق يەكۈن چىقىرىۋاتقان تۇرسا.
مېنىڭ كۆرگەن بىر ماتىرىيالىمدا بۇنىڭدا دۆلەت بانكىلىرىنىڭ قولى بار،چۈنكى جۇڭگودا پاي بازىرىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتەلىگۈدەك مەبلەغنى پەقەت دۆلەت بانكىلىرى ۋە دۆلەت شىركەتلىرىلا چىقىرالايدۇ،دىمەك،مىليونلىغان پايچىكلار زىيان تارتقان تىرلىيونلاپ خەلق پۇلى بىرەر ھەپتە،ھەتتا بىر ئىككى كۈن ئىچىدىلا ئەشۇلارنىڭ چۆنتىكىگە كىرىپ كېتىدۇ دەپ تەھلىل قىلىنغان.مېنىڭچە،بۇ تەھلىل ئەقىلغا مۇۋاپىق.بىلمىدىم سىز قانداق قارايسىز.
راستىنى ئېيىتسام،مەن پاي چېكى بازىرىغا سىرتتىن دىققەت قىلىپ قويىمەن،لېكىن،پايچېكى ئوينىمايمەن.قارىسام پاي چېكى جەھتتە خېلى چوڭقۇر بىلىمىڭىز بار ئىكەن،مېنىڭ يۇقارقى يۈزەكى قاراشلىرىمدا خاتالىق بولسا تۈزۈتۈش بەرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. |
|