- تىزىملاتقان
- 2015-1-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1856
- نادىر
- 0
- يازما
- 97
ئۆسۈش
  85.6%
|
qahqakqi يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 19:09 
ئۇنداق بولسا يېڭى ئىدىيە دىگەن نىمە؟ئىسلاھاتنى ئۇيغۇ ...
بۇرادەر، بەكلا سەزگۈر بولۇپ كىتىپ بارامسىز قانداق ؟ باشقىلارنىمۇ ئۆز پىكىرلىرىنى بايان قىلغىلى قويۇڭ، دۇنيا مۇشۇنداق كۆپ خىل يۆلىنىشتە تەرەققى قىلىدۇ، ھەممىنى سىزنىڭ ئۆلچىمىڭىز بويچە قىلىپ كەتكىلى بولمايدۇدە. ئاممىۋە خارەكتىرلىك ئىسلاھات بىلەن ھۆكۈمەت باشچىلىقىدىكى ئىسلاھاتنى ئانچە پەرقلەندۈرەلمەيدىغاندەك قىلىسىز. ھۆكۈمەت رەھبەركلدىكى ئىسلاھات قانۇن، سىياسەتلەتلەر بىلەن ئىلىپ بىرىلىدۇ، مەجبۇرلاش خارەقتىرى بولىدۇ، ئاممىۋى ئىسلاھات جامائەتنىڭ ئاكتىپچانلىقى، قىزغىنلىقى بىلەن ئىلىپ بىرىلىدۇ. بىز مەجبۇرلىسا قىلىدىغان، بولمىسا قىلمايدىغان ھالەتكە ئۆزىمىزنى تاشلاپ يۈرگنىمىزدىن ئانچە-مۇنچە ئاكتىپچانلىقىمىز بىلەن ئىلىپ بارساق ياخشى ئەمەسمۇ؟ ئىلىم چىيى يەنە بىرنىمە چىيى دىگەنلەرنىمۇ بىرەر ئىدارىنىڭ رەھبىرى بۇيرۇق قىلىپ ئىلىپ بارغىنى يوق، شۇمۇ ئاممىۋە خارەكتىرلىك ھەركەت. تىما ئىگىسىنىڭ كىتاب ھەققىدىكى ئويلىغانلىرىنىمۇ مەجبۇرلاش ئارقىلىق ئىلىپ بارغىلى بولمايدۇ، ھەممىسى جاماھەتنىڭ ئاكتىپچانلىقى بىلەن بولىدۇ. بۇنداق سەزگۈر بوپ كەتمەڭ، ئىسلاھاتنىڭ گىپىنى قىلغان ئادەمنىڭ ھەممىىسى دىنغا قارشى چىقمايدۇ. ئىسلام ئەللىرىنىڭ يىقىنقى زامان تارىخىنى ئوقۇپ باقسىڭىز بولىدۇ، تاھازىرغىچە ئىسلام ئىددىيسى ۋە جەمىيتىدە ئىسلاھات توختاپ قالغىنى يوق. |
|