- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4613
- نادىر
- 0
- يازما
- 514
ئۆسۈش
  87.1%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-10 21:42
karimuf يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 21:16 
يازىق مىللەتنىڭ بەلگەسى ئىمەس، نەھاتكى ئېسكى ئۇيغۇر ...
دېگىنىڭىز توغرا. يېزىق ئۆزگەرتسەك لاتىن بولۇپ قالمايمىز. تىلىمىز شۇ پېتىچە قېلىۋېرىدۇ. ئەمما مۇشۇ يېزىقتا يىغىنچاقلىغان نۇرغۇن ئەسەرلەر بار. ياشلار تېزلا بۇ يېزىقنى ئۇنتۇشى بىلەن، ئالدىنقى ئەۋلاتلارنىڭ نېمىسىنى بىلەلەيدۇ؟ م،ەسىلەن ئەڭ ئاسسىيسى ئالتە توملۇق ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، ھەرخىل تارىخىي ئەسەرلەر، ئەدەبىي ئەسەرلەر. پەقەت شەكىل ئۆزگەرتىپلا يېڭى زامانغا ماسلاشقىلى بولماس. ئاساسلىق مەسىلە باشقىلار بىزگە 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ يېزىق ئۆزگەرتىپ بېرىپ تۇرغاچقا مۇشۇنداق بۈگۈنكىدەك چېچىلىپ كەتتۇق. سىز بىلەن مېنىڭ بوۋام بىلگەن چاغاتايچىنى ھازىر بىز بىلمەيمىز. تارىخىنى مۇكەممەل بىلىپ ئەجدادلىرىنى تونۇپ كەلگەن مىللەتلەر يېزىق ئۆزگەرتمىگەن. زادى نىمە زۆرۈريىتى تۇغۇلدى مۇشۇ يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ؟ بۇ سوئالغا مۇشۇ مۇنبەردە مۇشۇ سەپسەتىنى كۆرۈرۈپ چىقىۋاتقان خۇمدان كاللىدىن بىرەرسى جاۋاپ بەرمىدى. زادى نىمە ئۈچۈن ئۆزگەرتمەكچى؟ سىز چۈشەندۈرەلەمسىز؟ |
|