- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4540
- نادىر
- 0
- يازما
- 293
ئۆسۈش
  84.67%
|
باشقا تۇركى مىللەت بۇرۇنقى تىلىنى ھەرگىز ئۆزى خالاپ ئۆزگەرتكەن ئەمەس ، تۇركيە مۇستاپا كامالنىڭ رەھپەرلىكىدە يىزىق ئالماشتۇرغان بولسا ، قالغان تۇركى مىللەتلەر روسىيەنىڭ تەسىرىدە سىلاۋيانچە يىزىقنى قوبۇل ئىشلەتتى ،
سوۋىت پارچىلانغاندىن كىيىن ئۆز بىكىستان يا لانتىنچە ئەمەس يا سىلاۋيانچە ئەمەس بىر خىل يىزىقنى قوللىنىۋاتىدۇ ،قازاقىستان قىرغىزىستان قاتارلىقلار بولسا تىخىچە سىلاۋيانچە يىزىقنى قوللىنىدۇ . ھەرگىز لاتىنچە ئەمەس .. شۇڭا تۇركى مىللەت يىزىقىنى ئالماشتۇرغانلىقى ئۇچۇنلا ئۇيغۇرلارنىڭ يىزىق ئالماشتۇرۇشى زۆرۇر ئەمەس . ھەم باشقىلار دەۋاتقان يىزىق ئالماشتۇرش تەرەپتارىنىڭ قارىشىچە : ئورتاق لاتىن يىزىقىنى قوللانساق بارچە تۇركى مىللەتلەر بىلەن نورمال ئالاقە قىلالايدىكەنمىز ،يەنە بەزى تورداشلارنىڭ قارىشىچە لاتىنچە يىزىقنى قوللانساق بىزنىڭ تەرەققىيات سۇرئىتىمىز ئىشىپ كىتىدىكەن .دۇنيادىكى يىڭى بىلىمنى تىز قوبۇل قىلالايدىكەنمىز ،يەنە بەزى تورداشلىرىمىزنىڭ قارىشىچە بىزنىڭ يىزىقىمىز بىزنى ئەرەپلەرگە باغلاپ قويىدىكەن . مۇشۇ قاراشلارنى دەۋاتقان تورداشلىرىمىز پايدا زىيانى ئۆلچەپ بىقىپ ئويلاپ باقسىدى بۇنداق دىمەس بولغىيتى .
ئالدى بىلەن يىزىقنى ئۆزگەرتىمىز دەۋاتقان تورداشلارغا دەيدىغىنىم بىزنىڭ 2000دىن كىيىن تۇغۇلغانلار ئارسىدا ئۇيغۇر يىزىقىغا پىششىقلار قانچىلىك نىسبەتتە ؟ قانچىلىكلىرى بىزنىڭ ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى خالاپ ئوقۇيدۇ؟ يەنە قانچىلىكلىرى مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە كىرىدۇ ؟ يەنە قانچىلىكلىرى بىزنىڭ تارىخىمىزنى مەدەنىيتىمىزنى يۇزەكى بولسىمۇ بىلىدۇ ؟ دىگەنلەرنى ئوبدان ئويلىۋىتىپ ئاندىن مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلسىكەن دەيمەن .
بىز ناۋادا راستىنلا ئۇيغۇر يىزىقىمىزنى لاتىنچىگە كۆچسەك بىزنىڭ لاتىنچە يىزىقىمىزنى بىزنىڭ كەلگۇسى ئەۋلادلىرىمىز بىلىپ ماڭا ؟ بۇ ئوچۇقلا ئۇيغۇر يىزىقىنى ئۇنتۇپ دۆلەت يىزىقىنىلا قوللان دىگىنىغۇ ؟
بەزەن تورداشلار تۇركى مىللەتلەر لارىنچىگە كۆچسە بىزمۇ لاتىنچىگە كۆچسەك تۇرۇك مىللەتلىرى بىلەن نورمال ئالاقە قىلالايمىز دەيدىكەن . ماقۇل نورمال ئالاقە قىلدۇق دەيلى نورمال ئالاقە قىلساق نىمە بولماقچى ؟بىزگە قانچىلىك پايدىسى بار . تۇركى مىللەتلەر بولۇپمۇ ئوتتىرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر مۇستەقىل دۆلەتلەر ، ئۇلار يىزىق ئالماشتۇرسا قايتىدىن يىڭى يىزىقنى ئۇمۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارى بار ، بىزنىڭچۇ ؟ بىزنىڭ يىڭى لاتىن يىزىقىنى ئۇمۇملاشتۇرۇش ئىقتىدارىمىز بارمۇ يىڭى يىزىقنى قوللىنىمىز دەپ يىڭىسىنىمۇ بىلمەي كونىسىنىمۇ بىلمەي مەدەنىيەت ئۇزۇكچىلىكى پەيدا بولماسمۇ ؟ ئەجەبا سىلەر بىزنىڭ يىزىقسىز مىللەت قاتارىغا چىقىرىۋىتىپ ئاندىن خوش بولماقچىمۇ ؟
ئۇيغۇرلار لاتىن ھەرپىنى قوللانسا دۇنيادىكى يىڭى بىلىملەردىن تىز خەۋەردار بولغىلى بولىدۇ دەپسىلەر ،سىەرچە لاتىن يىزىقىنى قوللانسىلا ئىنگىلىزچىنى ئاسانلا ئۇقۇپ كىتەرما ؟ ئۇيغۇرلار لاتىن يىزىقىنى قوللاندى دىمەك ئۇيغۇر تىلىنى لاتىن يىزىقى بىلەن ئىپادىلىدى خالاس ، ئىنگىلىز تىلىنىمىڭمۇ ئۆز ئالدىغا گىرامماتكىسى بار ، ئۆز ئالدىغا سۆزنى ئىپادىلەش شەكلى بار . ھەرگىزمۇ لاتىن ھەرپىنى قوللانغانلىق بىلەنلا ئىنگىلىز تىلىنى ئۇگۇنۇش ئاسان بولۇپ قالمايدۇ ، مۇشۇ يىزىقتا تۇرۇپمۇ ئىنگىلىز تىلىنى راۋان ئۇگەنگىلى بولىۋىرىدۇ . يەنە بىرسى يىزىق بىلەن بىر مىللەت يەنە بىر مىللەتكە باغلىنىپ قالمايدۇ ، ناۋادا ئۇيغۇرلارنى ئەرەپكە باغلىنىپ قالدى دىيىشكە توغرا كەلسە بۇ يىزىق ئەمەس بەلكى دىن ئورتاقلىقى . بەزى تورداشلارنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇرلار لاتىن ھەرپىنى قوللانسىلا ئەرەپلەرنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالايدىكەنمىش .
ئۇيغۇرلار بىلەن ئەرەپلەر ئوخشاش مۇسۇلمانلا بولىدىكەن لاتىن ھەرپىنىلا ئەمەس يەنە باشقا يىزىقنى قوللانسىمۇ بىكا .شۇڭا ئۇيغۇر يىزىقىنى ئۆزگەرتىمىز دەپ چوقان سىلىۋاتقانلار ئۆزىمىزنىڭ ھازىرقى شارائىتىنى ئوبدان ئويلۇشۇپ ئاندىن بىر نەرسە دىسەڭلارمۇ بولىدۇ . ياكى بولمىسا خەنزۇچىغا پۇختا بولۇپ خەنچىدىن پەن تىخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى تەرجىمە قىلسىمۇ بولىدۇ چۇنكى خەنزۇلارنىڭ كىتاپنى تەرجىمە قىلىش سۇرئىتى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ .بەزىڭلارنىڭ قابىلىيتى بولسا بىۋاستە ئىنگىلىز تىلىدىكى ياپون تىلىدىكى گىرمان تىلىدىكى كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىپ ئاندىن ئۇگەنسە بولىدۇ ، ياكى خەنزۇچىنى ئوبدان ئۇگۇنۇپ بىۋاستە خەنچە ماتىريالدىن پايدىلانسا بولىدۇ چوقۇم يىزىق ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز .
يىزىق ئۆزگەرتىش بىزنى مەدەنىيەت ئۇزۇكچىلىكىگە باشلايدۇ |
|