قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: ziya

"نىيوتۇننىڭ ئالمىسى"ئۆستىدە قايتا ئويلۇنۇش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

1

دوست

8798

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   75.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11972
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 616
تۆھپە : 2240
توردىكى ۋاقتى: 401
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 00:53:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 16:14
نىيوتۇننىڭ 2-قانۇنىغا ئالاقىدار تەجىربە
牛顿第二定律实验

سىلە فىزىكىدا چالا ساۋات ئىكەنلا دىسەم ئاچچىقلىرى كىلىپ كەتتى.
مەن ئالدى بىلەن سىلىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرەي:
سىلە ئەۋەتكەن نىيوتۇننىڭ 2-قانۇنىغا ئائىت تەجىربە تارتىش كۈچى (بۇ يەردە ھەركەتلەندۈرۈش كۈچى دىسەكمۇ بۇلىدۇ) قانچە چوڭ بولغانسىرى جىسىمنىڭ تىزلىنىشى شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ، ماسسا جىسىمنىڭ تىزلىنىشىغا تەتۇر تاناسىپ بۇلىدۇ دىگەندىن ئىبارەت. بۇ تەجىربە قانداقتۇر ئېغىرلىقنى ئۆلچەش تەجىربىسى ئەمەس. خەنچە بىلمىسىلە ئۆگۈتۈپ قوياي، چۈشەندۈرۈشىگە تازا دېققەت قىلىپ ئاڭلا باقسىلا.
uyghuray

5

تېما

1

دوست

8798

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   75.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11972
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 616
تۆھپە : 2240
توردىكى ۋاقتى: 401
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 01:15:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyankarman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-25 01:33  
ziya يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 03:51
ئەپەندىم.بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىلىغۇ، ئۇلارنىڭ نىمىگە ...

بۇ سۇئاللىرىغىمۇ جاۋاپ بىرىۋىتەي:
ئەگەر ماشىنا ياكى ۋاگون قوزغالمىغان ۋاقىتتا جىسىم تۈز سىزىق ھالەتتە يەرگە چۈشىدۇ.
ئەگەر ماشىنا ياكى ۋاگون تەكشى تىزلىك بىلەن تۈز سىزىقلىق ھەركەت قىلسا جىسىم يەنىلا تۈز سىزىق ھالەتتە يەرگە چۈشىدۇ.
ئەگەر ماشىنا ياكى ۋاگون قوزغىلىۋاتقان يەنى فىزىكىدا دىيىلگەن تىزلنىش ھالىتىدە بولسا جىسىمىڭ پەسكە چۈشۈش ھەركىتى پارابولا ھەركەت شەكلىدە بولىدۇ. جىسىمنىڭ ماسسىسى قانچە چوڭ بولسا ئەسلى جايغا چۈشۈش ئارىلىقى شۇنچە كىچىك بۇلىدۇ. ماسسىسى قانچە كىچىك بولسا ئەسلى جايغا چۈشۈش ئارىلىقى شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ. بۇ نىيوتۇننىڭ 2-قانۇنىدا دىيىلگەن. ماسسا تىزلنىشىقا تەتۇر تاناسىپ.
ئەمدى ئاۋۇ ئالما توغرىسىدا گەپ قىلساق:
يەر شارى تەكشى بۇلۇڭلۇق تىزلىك بىلەن ئايلىنىدۇ، ئەلۋەتتە ئالما يەرشارى ئۈستىدە بولغانلىقى ئۈچۈن يەر شارى بىلەن تەڭ تەكشى بۇلۇڭلۇق تىزلىك بىلەن ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئالمىنىڭ يەرگە چۈشۈش ھەركەت ھالىتى تۈز سىزىق ھالىتىدە بۇلىدۇ، يەنى ھەركەت ھالىتى چەمبەرگە تىك ھالەتتە بۇلىدۇ.
سىز ئالمىنىڭ يەرگە چۈشۈش ھەركىتى رەسىمىدە پەقەت يەر شارىنىڭ ئايلىنىش يۆلىنىشىنى سىزىپ قويۇپسىز، لىكىن ئالمىنىڭمۇ يەر شارى بىلەن تەڭ تەكشى بۇلۇڭلۇق تىزلىك بىلەن ئايلىنىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قاپسىز. بۇ ھەركەتلەرنى ئەلۋەتتە ئاددى فىزىكا ساۋادى بار كىشىلەر تەھلىل قىلالايدۇ.

5

تېما

1

دوست

8798

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   75.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11972
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 616
تۆھپە : 2240
توردىكى ۋاقتى: 401
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 01:22:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 18:02
武州四怪物理实验小组:电梯失重与超重

ماۋۇ تەجىربە يەنىلا نىيوتۇننىڭ 2-ھەركەت قانۇنىدا ئېنىق دىيىلگەن. ماسسا تىزلنىشقا تەتۇر تاناسىپ دەپ. فورمىلاسى f=ma يەنى a=f/m  دەل بۇ توغرىسدا ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا دەرسلىكىدە مەشىق ھىساپلاشلىرى بارغۇ دەيمەن. ئەگەردە تىزلنىش مۇقىم بولسا ئاۋۇ تارازىغا قاراپ لېفىتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى تىزلىكىنىمۇ ھىساپلاپ چىققىلى بۇلىدۇ. بۇ قانداقتۇر نىيۇتۇن ئېيتقان تارتىش كۈچى نەزىرىيەسىگە زىت ھادىسە ئەمەس، بۇنى نىيوتۇن ئاللىقاچان چۈشەندۈرۈپ بولغان.

5

تېما

1

دوست

8798

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   75.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11972
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 616
تۆھپە : 2240
توردىكى ۋاقتى: 401
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 02:01:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇئاللىرىغا جاۋاپ بىرىپ بولدۇم، ئەمدى مىنىڭ سۇئالىمغا جاۋاپ بىرىۋەتكەيلا، گەپنى ئەگىتمەي نەق جايىنى دىگەيلا، ئاۋال ئاددى سۇئاللاردىن باشلاي:
1. يەر شارىدىكى ئېغىرلىق كۈچى تىزلىنىشى 9.8 مىتىر ھەر سىكونت كۇۋادىرات بۇلىدۇ. بۇ فىزىكىدا ئىشلىتىلىدىغان ئوتتۇرىچە سان. ئەگەر ئىنچىكە ھىساپلاشقا توغرا كەلسە، دېڭىز سۇيى بىلەن تەڭ ئىگىزلىكتىكى جايدىكى (شاڭخەي دەپ ئالايلى)ئېغىرلىق كۈچى تىزلىنىشى بىلەن جۇمۇلاڭما چوققىسىدىكى(ئىگىزلىك پەرقى 8848 مىتىر)  ئېغىرلىق كۈچى تىزلىنىشى ئوخشاش بۇلامدۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟
2. يەر شارىدىكى ئېغىرلىق كۈچى تىزلىنىشى 9.8 مىتىر ھەر سىكونت كۇۋادىرات بۇلىدۇ. ئاي شارىدىمۇ بۇ سان يەنىلا 9.8 بۇلامدۇ؟ قانچە بۇلىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟
ئەمدى سەل تەسرەكىنى سوراي:
3. ئالىملار ئاي شارىنىڭ يەرشارىنى چۆرىدەپ ئايلىنىش دەۋرىنى ھىساپلاپ چىققان. ئۇنداقتا ئاي شارىنىڭ يەر شارىنى بىر قېتىم تۇلۇق ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كىتىدۇ؟ بۇنى نىمىگە ئاساسەن ھىساپلاپ چىققان؟ قانۇنيىتى نىمە؟
4.ماس قەدەملىك سۈنئى ھەمرانىڭ ئىگىزلىكىنى قانداق ئۆلچەيمىز؟ قانۇنيىتى نىمە؟ ئېغىرلىقى بىر توننا بولغان ماس قەدەملىك سۈنئى ھەمرانىڭ ئوربىتا ئىگىزلىكى قانچە بۇلىدۇ؟

بۇ سۇئاللارنىڭ يۇقارقى ئىككىسىگە توغرا جاۋاپ بىرەلىسىلە كىيىنكى ئىككىسىنى كەچۈرۈم قىلدىم.
قېنى تۈر تۈرى بۇيىچە نەق جاۋاپنى بىرىۋەتكەيلا....... مۇنازىرلىشىشنى خالىمىسام قورقتى دەپلا. بوپتۇ ئاخرىنى چىقىرىۋىتەي......
uyghuray

5

تېما

1

دوست

8798

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   75.96%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11972
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 616
تۆھپە : 2240
توردىكى ۋاقتى: 401
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 02:13:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   isyankarman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-25 02:15  
ziya يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 22:01
宇宙膨胀说_百度百科

ئالەمنىڭ كېڭىيىۋاتقانلىغى  نىيوتۇن - ئېينى ...

قارىسام سىلە ئىلمى نۇجۇم تەتقىقاتى توغرىلىق جېق گەپ قىپلا، ئاسمان جىسىملىرى تەتقىقاتى ھەرگىزمۇ ئاددى بىر پەن ئەمەس، ئۇنىڭغا ماتىماتىكا، فىزىكا، خېمىيە، بىئولوگىيە قاتارلىق نۇرغۇن ساھە چېتىلىدۇ، ھەرخىل ئاسمان جىسىملىرى ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ۋە تەڭپۇڭسىزلىقلارنى نۆۋەتتىكى ئىلىم پەن بىلىملىرى تېخى تولۇقى بىلەن چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدۇ. ئەسلىرىدىن چىقىپ قالمىسۇن، ئاي شارىغا چىقىشتىمۇ نىيوتۇننىڭ ھەركەت نەزىرىيەلىرىدىن پايدىلانغان. ئاشۇ ئالىملار ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ماسسىسىنى نىمىگە ئاساسەن ھىساپلاپ چىققان بولغىيدى؟؟؟؟ ئاۋال ئاۋۇ تۆت سۇئالىمنىڭ نەق جاۋابىنى سىلىدىن ئالغاندىن كىيىن بۇ توغرىلىق سۆزلىشەيلى..... قېنى سىلىگە قاراپ قالدىم.

0

تېما

0

دوست

1333

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   33.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31466
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 414
توردىكى ۋاقتى: 150
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 08:39:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى تۇرداشلا ماۋۇ ئالدامچىلىقنى بىر ئوقۇپ باسا ۋاقتى(2010-12-ئاي)
-----------------------
--------------
مۇھىم بايقاش ۋە جىددى مۇراجەت
يوللىغۇچى: Oghuz-han| يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-23 00:25| كۆرۈلۈشى: 22513| ئىنكاس سانى: 100

مۇھىم بايقاش ۋە جىددى مۇراجەت
ئەسسالام پەزىلەت ۋە پاراسەتلەر ئىگىسى ،ھۆرمەتلىك خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە تەرجىمان ھەم تورداشلارغا:
ھەر قانداق كىشى ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشالىغاندىلا ئاندىن ئۆز مىللىتىگىمۇ شان شەرەپ كەلتۈرەلەيدۇ. كەمىينە مەزكور تەشەببۇسنامىنى يېزىش ئارقىلىق تورداشلارنى دۇنيا ئىلىم مۇنبېرىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلىشنى قارار تاپتىم ھەم شۇنداقلا ئەھمىيەتلىك بىر ئىشقا كۆڭۈل بۆلىشىنى جىددى(مەن بۇ ھەقتە خەنزۇچە تورلاردا پۇرسەت تۇتىۋىلىنسا، يىقىنقى 10يىلدا فىزىكا نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى جۇڭگو شىنجاڭدىن ۋۇجۇتقا كېلىشى
مۈمكىن[تور ئادرىسى:http://www.blogchina.com/20100824994271.html] مەزكۇر يوللانمىنىڭ خەنزۇچىسى:
http://www.blogchina.com/201012201064854.html
سەرلەۋىلىك ماقالىنىمۇ يوللىغانىتىم ) تەۋسىيە قىلماقچىمەن. غۇلجا دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيونىرى قاسىم سىدىق ئەپەندىم 32 يىلدىن بويان نەزىريىۋى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىق ساھەسىدە ئۆزىگە خاس ئۇسۇل بىلەن «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيسى» دېگەن باش تېما ئاستىدا جاپالىق ئىزدىنىپ باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئېينىشتىيىن ھەم بىر قىسىم نەزىرىيىۋى فىزىكا ئالىملىرىنىڭ قىسمەن خاتا كۆزقاراشلىرىنى «ياماپ» ۋە تۈزىتىپ تولۇقلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك فىزىكا ئىنقىلاۋىنىڭ ئىشىكىنى قاقماقتا.
«فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيسى»__ ئالاھىدە بىر خىل بىلىش ۋە پەن-تەتقىقات مىتودى بولۇپ،ئۇ زور بىر تۈرلۈك ئىلمىي نەزەرىيە ۋە سېستىما قۇرۇلىشىدۇر. ئۇنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە يادروسى: ماددى دۇنيانى شەكىلسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس، چۈنكى ھەرقانداق ماددا مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە بولغان بولىدۇ، شەكلى يوق ماددىنى ئىنسان بايقىغان ئەمەس ھەم بايقىيالمايدۇ؛ئالەم دەۋرىيلىككە ئىگە، ئالدىنقى بىر دەۋىرنىڭ ئاخىرلىشىشى كىيىنكى يەنە بىر دەۋىرنىڭ باشلىنىشىدىن دىرەك بېرىدۇ؛ ھەركەت ئەگرى بولىدۇ، ماكان ئەگرى بولمايدۇ؛ ھەركەت ئەگرىلىكى ماكاننىڭ ئەگرىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ماددىنىڭ تۈزۈلىشىدە ھەقىقى مەنەدىكى ئاساسىي زەررىچە مەۋجۇت، ئۇ قايتا بۆلۈنمەيدۇ؛ نۇرنىڭ ئەمىلىي تىزلىكى 300مىڭ كىلومىتېر سىكونتتىن يۇقىرى؛يورۇقلۇق تېزلىگى تېزلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى چىكى ئەمەس؛ زەررىچە ۋە جىسىملار ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش بىلەن بىرگە سىزىقلىق ئىلگىرلىمە ھەركەت قىلغاندا ،ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆلۈنىشى تەرەپكە ئاغىدۇ، بۇنى ئىغىش ھادىسىسى دەيمىز؛ مۇتلەق ھەجىم؛ قاپلاش ئۇقۇمى............قاتارلىقلاردىن ئىبارەت..............(سەھىپە ئىھتىياجىدىن باشقا تەپسىلاتلار قىسقارتىلدى.)ھازىرچە بۇ تەقىقات ئاز بىر قانچە ياخشى نىيەتلىك ساخاۋەتچى ۋە ئىلىم ئاشىقلىرىنىڭ خۇسۇسى قوللىشى ۋە ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئىنتايىن جاپا مۇشەققەتلىك ھالدا داۋام ئېتىۋاتقان بولسىمۇ بىراق بەزى نەتىجىلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئېنىق. شۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولۇدۇكى، ناۋادا بۇ تەتقىقات ئومۇمىيۈزلۈك قوللاشقا ئېرىشپ، سېستىمىلىق تەتقىقات-تەجرىبېلەر قانات يايدۇرلسا ئىلىمىز جوڭگۇلۇقلاردىنمۇ نوبېل مۇكاپات ساھىبلىرى بولماسلىقتەك ئاق توچكا ھالەتتە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەنىمىىزگە شان شارەپ كەلتۈرۈپلا قالماستىن ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا شانلىق تۆھپىلەر قوشۇلۇپ،ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيانى بىلىشىدە ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك يېڭى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىشى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۇنيا فىزىكا ئىنقىلاۋىنىڭ سەركىسى دەل سەھرالىق ئوقۇتقۇچى قاسىم سىېدىق ئەپەندىم بولۇپ قىلىش ئىھتىماللىقى ئىنتايىن زور. بۇ تەتقىقاتنى يەنىمۇ كۈچايتىش ۋە پەن-تەتقىقات ئىشلىرىنى قىلىپلاشتۇرۇش، قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يىقىندىن بۇيان ئاپتۇنۇم رايونلۇق پەن تېخنىكا جەمىيىتى قاتارلىق ئورۇنلارغا دوكلات سۇنۇپ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيسى تەتقىقات جەمىيىتى» قۇرۇش توغرىسىدىكى تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددى ئىشلەنمەكتە. نۆۋەتتە گەرچە قىيىنچىلىق ۋە مۈشكىلاتلار ئاز بولمىسىمۇ باسقۇچ خاراكتىرلىك بەزى نەتىجىلەرنى جاھان ئەھلىگە ۋاختىدا ئەينەن تونۇشتۇرۇش جىددى زۆرۈر بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. كۆپنىڭ كۈچى ھامان كۆپ بولىدۇ. ئىزتىراپ ،قىيىنچىلىق ۋە خىرىسمۇ ئاز ئەمەس. ئەمما، بىزنى ئەپسوسلاندۇرىدىغان بىر قىسىم ئىشلار مەۋجۈت. چۈنكى 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۇنى مەملىكىتىمىزدىكى بىر قىسىم تور بىكەتلەر ئامېرىكا فىزىكا ئالىملىرى توربىتىدە ئېلان قىلىنغان ئەنگىليە ئالىمى روگىر.پىنروز(R.Penrose) ، ئەرمەنيە ئالىمى ۋاچ.گۇسادىيان(V.G.Gurzadyan) لارنىڭ ئالەمنىڭ دەۋرىلىگىىنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتىغا ئىرىشكەنلىگىنى بەس-بەستە ئېلان قىلدى.بۇلار دەل ئۇستازىمىز، تەبئى پەن ئىزدەنگۈچىسى، تەڭرىنىڭ بىرىنچى كىتابىنى تىنىمسىز ۋاراقداۋاتقان قاسىم سىدىق ئاكىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم نەزىريىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلار دەل قاسىم سىدىق ئۇلاردىن10نەچچە يىللار بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىي قىياسلار ئىدى. دېمەك مۇشۇنىڭ بىلەن قاسىم سىدىقنىڭ 5-6 تۈردىكى بايقاشلىرى چەتئەللىك ئالىملار تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كۆرۋىلىش تەس ئەمەسكى، مۇشۇنداق كىتىۋەرسە بۇ خىل بايقاشلار چەتئەللىكلەرنىڭ نەتىجىسى بولۇپ كىتىشى ئىنىق. نىمە ئۈچۈن قاسىم سىدىقنىڭ تەتقىقاتلىرى ئىلىم دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىمىدى؟ نىمە ئۈچۈن يۇرتىمىزدىن چىقىپ كىتەلمىدى؟ سەۋەپى، قاسىم سىدىقنىڭ ئالەم نەزىريىلىرىنى ئاساس قىلغان نەزىرىيىۋى فىزىكا ماقالىلىرىنى مۇكەممەل خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ دۆلەت ئىچىدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىدىغان سەۋىيە تولىمۇ كەمچىل. ئېنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ دۇنيادىكى مەشھۇر ئىلىم-پەن ژۇرنىلى بولغان«ئىلىم-پەن»ۋە «تەبىئەت» ژۇرناللىرىغا سۇنۇشقا قۇربىمىز يەتمىدى. شۇڭا يۇرتىمىزدىن چىقالماي دۇنيا ئىلىم ساھەسىگە تۇنۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بولمىدى. ئەمدى مۇشۇنداق كىتىۋەرسەك قاسىم سىدىقنىڭ نەتىجىلىرى ۋاقتنىڭ ئۆۈشىگە بارا-بارا باشقا ئالىملار تەرىپىدىن بايقىلىپ شۇلارنىڭ نەتىجىسى بولۇپ كېتىشى مۈمكىن. بەلكىم مۇشۇنداق تەرجىمان يوقمىكەن دەپ گۇمانلىشىڭلار مۇمكىن. مەن سىلەرگە ئىچىنىشلىق ھالدا يەتكۈزسەم، دۆلەت ئىچىدە تېخى بۇ ماقالىلارنى ئۇيغۇرچىدىن ئېنگىلىز تىلىغا توپتوغراۋە دەلمۇ-دەل تەرجىمە قىلالايدىغان كىشىنى ھازىرچە تاپالمىدۇق. بۇ ساھەدىكى دوكتورلار بولسا روسچە، نىمىسچە ياكى ياپونچە ئوقىغان، ئېنگىلىزچە ھاجىتىدىن لوغەت كۆرۈپ چىقىدىكەن . پەننى ئۇموملاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان خەنزۇچە تىل تەرجىمانلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ئۈمۈر بۇيى خەنزۇچە ماقالىلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش بىلەن شوغۇللىنىپ ئەزەلدىن ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ كۆرمىگەن ئىكەن. شۇڭا قىيىنچىلىق ئاز ئەمەس. لىكىن، بىز بۇنى ساقلاپ تۇرساق بولمايدۇ. بىز چوقۇم خەنزۇچىغا ھەم ئېنگىلىزچىغا تەرجىمە قىلىپ ئۇنى دۆلەت –ئىچى سىرتىدىكى نوپۇزلۇق ئىلىم-پەن ژۇرناللارىغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.
يوقۇرقى بايانلاردىن بۇ ۋەزىپىنىڭ قانچىلىك تەخىرسىز، قانچىلىك جىددىيلىكىنى دىمىسەممۇ ئەقىللىق تورداشلار چۈشۈنۈپ يىتەلەيدۇ. شۇ ۋەجىدىن، مەزكور تەرجىمە خىزمىتىگە قاتنىشىشنى خالايدىغان ئېنگىلىزتىل مەدەنىيىتى (قانداق كەسىپ ئوقۇشى ئانچە مۇھىم ئەمەس، ئازراق تەبىئى پەن ئاساسى بولسا تېخىمۇ ياخشى)ياكى خەنزۇ تىل مەدەنىيىتىنى ياخشى بىلىدىغان، خالىس تۆھپە قوشۇشنى خالايدىغان(توغرىسى ھازىرچە بىكىرىغا ئىشلەيدۇ،بىراق، ھامان ئەمگىكىگە يارىشا ئىش ھەققى بېرىلىدۇ) تورداشلارنىڭ ئوغۇزخان بىلەن ئالاقىلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن(چ چ نومۇرى: 1587277107). بەلگىلىك شارائىت ھازىرلىغاندىن كىيىن ماقالىلارنى تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىمىز.
ئىنسانىيەت ئىلىم-پەن ئىشلىرىغا قىزىققۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تورداشلارنىڭ بۇ ئىشقا چوقۇم ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ناۋادا قاسىم سىدىقنىڭ ئىزدىنىشلىرى دۆلەت ئىچى ھەم دۇنيا ئىلىم ساھەسىنىڭ ئورتاق ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشەلىسە، بۇ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
جىددى ئەسكەرتىش: مەزكور تەشەببۇسنامە چاقچاق ئەمەس. مەن تورداشلارنىڭ ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بۇ ئىشقا كونكىرىتنى مەسئۇل ۋە ئالاقىلاشقۇچى: ئوغۇزخان
كامالىي ئېھتىرام بىلەن: قاسىم سىدىقنىڭ ئىلمىي كاتىپى ۋە ئىلمىي ئاخبارات باياناتچىسى بىلىكيار
يېڭى ئىنكاسلار


kasimsidik2010-12-23 10:28
تولىمۇ خىجىلمەن، شەكىل نەزەرىيىسى ۋە مەن ھەققىدە گەپ بولغاندا مەدھىيە خاراكتېرلىك سۆز -جۇملىلەرنى يولۇقتۇرسام بەكمۇ بىئارام بولىمەن. مەن بۇ ھەقتە بەزىلەرگە بىرقانچە قېتىم مۇشۇنداق سۆز - جۇملىلەردىن ساقلىنىشنى ئەسكەرتكەن ئىدىم، كۆرۇنەرلىك ئۈنۈمى بولمىدى. ئۇلار «بۇ بىزنىڭ ئىشىمىز، سەن ئۆزەڭ ئىلىم-پەندە دىموكىراتىيە بولۇشى كېرەك دېگەننى تەشەببۇس قىلىپ تۇرۇقلۇق بىزنىڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىمىزغىمۇ رامكا بەلگىلەپ بىرەمتىڭ» دېيىشتى. يەنىلا تەشەببۇسسۇم شۇكى، مەدھيە خاراكتېرلىك سۆز-جۇملىلەرنى ئازىراق ئىشلىتىپ، ئەمەلىي ئىشنى كۆپىرەك قىلساق

68

تېما

30

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 7220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2606
تۆھپە : 17904
توردىكى ۋاقتى: 8127
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 10:11:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-25 10:50  
isyankarman يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 00:53
سىلە فىزىكىدا چالا ساۋات ئىكەنلا دىسەم ئاچچىقلىرى كى ...


ئەمدى ئاۋۇ ئالما توغرىسىدا گەپ قىلساق:
يەر شارى تەكشى بۇلۇڭلۇق تىزلىك بىلەن ئايلىنىدۇ، ئەلۋەتتە ئالما يەرشارى ئۈستىدە بولغانلىقى ئۈچۈن يەر شارى بىلەن تەڭ تەكشى بۇلۇڭلۇق تىزلىك بىلەن ئايلىنىدۇ. شۇڭا ئالمىنىڭ يەرگە چۈشۈش ھەركەت ھالىتى تۈز سىزىق ھالىتىدە بۇلىدۇ، يەنى ھەركەت ھالىتى چەمبەرگە تىك ھالەتتە بۇلىدۇ.
سىز ئالمىنىڭ يەرگە چۈشۈش ھەركىتى رەسىمىدە پەقەت يەر شارىنىڭ ئايلىنىش يۆلىنىشىنى سىزىپ قويۇپسىز، لىكىن ئالمىنىڭمۇ يەر شارى بىلەن تەڭ تەكشى بۇلۇڭلۇق تىزلىك بىلەن ئايلىنىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قاپسىز. بۇ ھەركەتلەرنى ئەلۋەتتە ئاددى فىزىكا ساۋادى بار كىشىلەر تەھلىل قىلالايدۇ.
____________________

مانا مۇشۇنداق چۈشۈش نىيوتوننىڭ تارتىش كۈچى يۆنىلىشى ھەققىدىكى چۈشەندۆرىشىنى قانائەتلەندۇرەلەمدۇ؟.يەنى ئالما يەرنىڭ مەركىزىگە قاراپ تۆز سىزىق بۇيىچەچۈشەمدۇ؟.

باشقىچە ئېيىتساق،ئالما شېخىدىكى چاغدا ئەلۋەتتە ئالما،يەر شارىدىكى بىر نۇقتا ۋە يەرشارىنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بىر تۆزسىزىق ئۆستىدە ياتاتتى ،ئالما يەرگە چۈشۈش جەريانىدا ۋە يەرگە چۈشكەندىن كىيىن يەنىلا مۇشۇنداق مۇناسىۋەت قۇرۇلامدۇ؟.ئەمىلى تىرايىكتۇرىيە يەنىلا تۆز سىزىق بولامدۇ؟.
قەتئى قۇرۇلمايدۇ.ئەمدى سىلىنىڭكىنى ئاڭلاي!.

مۇشۇ بىرمەسىلىنى ئالدىدا ھەل قىلىپ بولغاندىن كىيىن،ئاندىن باشقىسىغا ئۆتەيلى.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )