قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 18496|ئىنكاس: 1067

"نىيوتۇننىڭ ئالمىسى"ئۆستىدە قايتا ئويلۇنۇش

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

69

تېما

20

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   90.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 4716
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2603
تۆھپە : 11872
توردىكى ۋاقتى: 5895
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 15:06:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"نىيوتۇننىڭ ئالمىسى"ئۆستىدە قايتا ئويلۇنۇش

قاسىم سىدىق

ئاپتۇرنىڭ ئىزاھاتى:
نىيوتۇن ئالمىنىڭ يەرگەچۈشىشىدىن ئىلھاملىنىپ «ئالەملىك تارتىش كۈچى»نى ئويلاپ تاپقان ئىدى.ئېينىشتېيىن زامان -ماكان ئەگرىلىگى ئىدىيىسىنى تارتىش كۈچىنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى.لىكىن ،ھازىرغىچە كەڭ مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى ئۆزۆل - كېسىل ئىسپاتقا ئىرىشەلمىدى.ئۇنىڭ ئۆستىگە نۇۋەتتە گىراۋىتۇن،تارتىش كۈچى دولقۇنى ۋەتارتىش كۈچى مەۋجۈت ئەمەس دەيدىغان تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ مەيدانغا كەلمەكتە.
مەن بۇ تېمىدا نىيوتۇننىڭ ئالمىسىنى مەركەز قىلغان ھالدا ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونى ،ھەركەت شەكلى قاتارلىق ئۇقۇملار نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ دەسلەپكى يەكۆنلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن.ئوخشىمىغان تەپەككۆر يوللىرىدىن مېڭىپ كۇرۆش تارتىش كۈچىنىڭ ماھىيىتىنى بىلىشتە زۇرۇرى ۋاستە.ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئوخشىمىغان قاراشلىرى بولسا دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.


ياش نىيۇتون ئالمىنىڭ يەرگە چۈشىشىدىن ئىلھاملىنىپ"ئالەملىك تارتىش كۈچى"نى ئويلاپ تاپتى

1

«ئېغىرلىق» _ خۇددى ھەركەتكە ئوخشاشلا زەررىچە ياكى جىسىم «ئۇزىدىكى نەرسە» دەپ قارالسا «تارتىش كۈچى»ھەققىدە بەزى يېڭىچە پەرەزلەرنى كەلتۆرۆپ چىقىرىشقا بولىدىغاندەك قىلىدۇ.مەسىلەن نىيوتۇننىڭ ئالمىسىنىڭ ئېغىرلىغى مۇشۇئالما «ئۇزىدىكى نەرسە».ئالمىنىڭ بېغىدىن ئۆزۆلۈپ تۇۋەنگە چۈشكەن ھەركىتىمۇ ئالما ئوزىنىڭ ھەركىتى.ئالما تېخى شاختىكى ۋاقىتتا يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش ھەركىتى بىلەن ،قوياشنى چۆرىدىگەن ئوربىتىلىق ھەركىتىگە تەڭ قاتنىشاتتى.بېغىدىن ئۆزۆلگەندىن كىيىن ھەركەت يۆنىلىشىدە ئۆزگىرىش يۆز بەردى ۋە تۆۋەنگە چۈشتى.ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونى بېغىدىن ئايرىلغان ئالمىنى مۇئەللەقتە جىم تۇرغۇزماي يەرگە چۈشۈشكە مەجبۇر قىلدى.ۋەھاكازا دىگەندەك.

بۇ خىل تەپەككۆر يۆنىلىشىدە يەنە ئىزچىل مېڭىپ باقساق مول تەساۋۋۇر دۇنياسى ئالدىمىزدا زاھىر بولىدۇ.مەسىلەن:
1.يەرگە چۈشكەن ئالمىنىڭ ئۇزىدە ئەزەلدىنلا بار ئومۇمى ھەركەت مىقدارى يەنىلا تۇراقلىق بولىدۇ.ئالما بېغىدىن ئۆزۆلگەن دەسلەپكى پەيىتلەردەئىنىرىتسىيە تۆپەيلى ئونىڭ ھەركىتى يەر شارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى تەرەپكە ئاغقان ھالدا تۆۋەنلەش بولىدۇ.تەدىرىجى ئېغىش مىقدارى قىسقىراپ،يەرگە يۆزلەنگەن يۆنىلىشتىكى تىزلىكى ئېشىپ بارىدۇ.لىكىن يەنىلا ئومۇمى ھەركەت مىقدارى تۇراقلىق بولىدۇ.يەنى ،ئالما شاختىكى ۋاقىتتا قانچىلىك ھەركەت مىقدارىغا ئىگە بولغان بولسا،يەرگە چۈشۈش جەريانىدىمۇ يىغىندى ھەركەت مىقدارى ئۆزگەرمەيدۇ.

2.ئالما يەر يۆزىگە چۈشكەندىن كىيىن قارىماققا «جىم»تۇرغىنى بىلەن ماھىيەتتە ئونىڭ ئومۇمى ھەركەت مىقدارى يەنىلا تۇراقلىق بولىدۇ.چۈنكى ئۇ ئەمدى يەر شارى بىلەن ھەم ئوقىدا ئايلىنىش ھەركىتىگە ھەم ئوربىتىلىق ھەركەتكە قاتنىشىۋاتقان بولىدۇ.يەر شارىنىڭ بارلىق تەركىپلىگۆچىلىرىمۇ ھەم شۇنداق.

يۇقۇرقىلاردىن بىز ھەركەت يۆنىلىشىنىڭ ئۇزگىرىشى سەۋەپلىك ھەركەتنىڭ ئومۇمى مىقدارىدا ئۆزگۆرۈش بولمايدىغانلىغىنى پەرەز قىلالايمىز.يەنى بۇ يەردىكى ئۇزگۆرۆش پەقەت ھەركەت  شەكلىدىكى ئۇزگۆرۈش،ھەركەت شەكلىنىڭ ئالمىشىشى بولۇپ،ئومۇمى ھەركەت مىقدارىدىكى ئۇزگۆرۈش ئەمەس.

2

بەزىلەر يۇقۇرقى تەشەببۇسلىرىمنى ئاڭلاپ«ئۇنداقتا ئېغىرلىق ھەممىگە ئايان پاكىتقۇ،بۇنىڭغا نىمە دەيسەن؟!»دېيىشى مۆمكىن.تۇغرا،ئېغىرلىقنىڭ مۇئەييەن شەرىتلەر ئاستىدا ئىپادىلىنىدىغانلىغى پاكىت.لىكىن مىنىڭ نەزىرىمدە ئېغىرلىقمۇ سىكاليار(يۆنىلىشكە ئىگە مىقدار) بولۇپ،ئېغىرلىقنىڭ يۆنىلىشى بار دىگەن قاراش بەزى چۈشەنمەسلىكلەرنى ھەل قىلىشى مۆمكىن.بېغىدا ئېسىلىپ تۇرغان نىيوتۇن ئالمىسىنىڭ ئېغىرلىغى يەر مەركىزىگە يۆزلەنگەن بولغاچقىلا  بېغىدىن ئاجىرىغاندىن كىيىن يەر يۆزىگە چۈشكەن!.
يۇقۇرقىچە قاراشتا «تارتىش كۈچى »ئارتۇقچە ،كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ كەلگەن ئۇقۇم ۋە خاتا سەزگۆ بولۇپ قالىدۇ.يەنى بۇ ھالدا بىز "تارىتىش كۈچى"ئۇقۇمى ۋە ئاتالغۇسىدىن ۋازكېچىپ ،ئۇنىڭ ئورنىغا "ئېغىرلىق كۈچى"ئۇقۇمىنى ۋە ئاتالغۇسىنى دەسسەتسەك بولىدۇ.چۈنكى ھەرقانداق شەكىلدىكى«كۈچ» يۆنىلىشكە ئىگە.

بەزىلەر يەنە ئالەم بوشلۇغىدىكى ،بەزى ئەمىلى تەجىربە ۋە ئىدىيال تەجىربىلەردىكى ئېغىرلىق كېمىيىش،يوقۇلۇش ھادىسىسىنى شىپى  كەلتۆرۆپ"ئەمدى بۇنىڭغا نىمە دەيسەن؟!"دىيىشى مۆمكىن.بۇ سوئالنىڭ جاۋابىمۇ بەك ئاددى.

ئېغىرلىق يوقالمايدۇ،پەقەت ئۆز شەرىتلىرىگە كۇرە بەزىدە بىز ئۇنى ئۆلچىيەلمەيمىز.يەنى ئۇ بەزىدە «مۆكۆۋالىدۇ».
يىتەرلىك تىزلىكتە پىقىراۋاتقان ،سىزىقلىق ھەركىتى ،تەۋرىنىشى ئىنتايىن كىچىك بولغان زەررىچە ۋە جىسىمنىڭ «ئېغىرلىغى» ھەممە يۆزىگە دىگىدەك تەقسىملەنگەن بولىدۇ.ھازىرقى تېخنكا شارائىتىدابىزنىڭ ئۇنى تارتىپ چىقىدىغان تارازىمىز يوق.بىز ئۇنىڭ مەۋجۈتلىكىنى پەقەت نەزەريىۋى جەھەتتىن مۇ ئەييەنلەشتۆرەلەيمىز.دىمەك ئېغىرلىقنىڭ نەزىرىمىزدىكى كېمىيىشى ياكى يوقۇلىشى ئونىڭ ھەقىقەتەن يوقالغانلىغىغا تەڭ ئەمەس.پەقەت ئىپادىلىنىش شەكلىنى ئۇزگەرتتى خالاس.

3

مىنىڭ يۇقۇرقى تەشەببۇسلىرىم ھەركەت مىقدارىنىڭ ساقلىنىش قانونى بىلەن ماسسا -ئىنىرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانونى ئاساس قىلىدۇ.
يەكۈنىم شۇكى: نەچچە ئەسىرلەپ باش -ئاخىرىغا چىقىپ بولغىلى بولمايدىغان «تارتىش كۈچى»دىن ۋازكېچىپ «ئېغىرلىق كۈچى»نى دەسسىتىش كېرەك.«ھەركەت _ ھەركەت قىلغۇچى ئوبىكىتنىڭ ئۇزىدە بولىدۇ»دىگەن ئالدىنقى شەرىت ئاستىدا نىيوتوننىڭ ئالمىسىنى يەرگە چۈشۈشكە مەجبۇر قىلغان كۈچ يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ئەمەس بەلكى نىيوتۇننىڭ ئالمىسىنىڭ ئۇزىدىكى ئېغىرلىق كۈچى ۋە  ئۇنىڭ سىزىقلىق يۆنىلىشى.بىز بۇ راسىت ۋە يالغان كۈچلەرنىڭ خاسلىقلىرىنى ،شەرىتلىرىنى ،يۆنۆلۈشلىرى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلساق يۇقۇرقى تەشەببۇسنىڭ ئورۇنلۇقلىغىنى ھېس قىلالايمىز.

ئەسكەرتىش :
قالغان مۇلاھېزىلەرنى داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە تولۇقلايمەن.تورداشلارنىڭ بۇ  تەشەببۇسلارنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى كۇرسۆتۆپ بېرىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.قىززىقمايدىغانلارنىڭ تېمىنى بىر ياققا تاشلاپ قويۇپ ماڭا ئازار بېرىپ كەتمەسلىكىنى سەممى ئۆتۆنىمەن!.


2014.1.9


0

تېما

0

دوست

139

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   46.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24670
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 15:40:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس مەن ئاززىراك چۇشەندىم رەخمەت ئەجىرىڭىزگە
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

69

تېما

20

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   90.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 4716
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2603
تۆھپە : 11872
توردىكى ۋاقتى: 5895
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 16:07:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-9 21:16  

موھىم تۆزۆتۈش:
تېما 2-ئابزاستىكى "سىكاليار(يۆنىلىشكە ئىگە مىقدار) بولۇپ،ئېغىرلىقنىڭ يۆنىلىشى بار دىگەن قاراش بەزى چۈشەنمەسلىكلەرنى ھەل قىلىشى مۆمكىن."دىگەن جۆملىدىكى "سىكاليار" دىگەن سۇز"ۋىكتۇر"دەپ تۆزۈتۆپ ئوقۇلسۇن.
____________________
ئادەتتە بىز ئېغىرلىقنى ئۆلچەشتە تارازىغا تاينىمىز.ئېغىرلىقنىڭ سىزىقلىق يۆنىلىشى تارازا يۆزىنى باسقان ئەھۋالدىلا ئاندىن ئۇنىڭ ئېغىرلىغىنى ئۆلچىيەلەيمىز.مۇبادا ئېغىرلىق مۇقىم بىر سىزىقلىق يۆنىلىشكە ئىگە بولمىسچۇ؟.مەسىلەن ئوقىدا ئايلىنىۋاتقان سېستىمىلاردا ئېغىرلىق پۈتۈن يۆزگە تەڭ تارقىلىپ كەتسە ئۇنى ئادەتتىكى تارازىلاردا ئۆلچىيەلمەيمىز ياكى پەقەت تارازا يۆزىگە چۈشكەن قىسمىنىلا ئۆلچىيەلەيمىز.يەنە بىر شەرىت بار،ئۇ بولسىمۇ تارزىنىڭ بىر تاينىش نۇقتىسى بولۇش.ئالەم بوشلۇغىدا ئېغىرلىق يوقۇلۇش ۋە ياكى كېمىيىپ كېتىشى مۇشۇنداق بىر تاينىش نۇقتىسىنىڭ بولمىغانلىغىدا دەپ قاراشمۇ نەزەر دائىرىمىزگە ئېلىنىشى كېرەك.لىفىتتا ئېغىرلىق كېمىيىش ھادىسىسىنىڭ يۆز بېرىشى مۇشۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك.

2

تېما

0

دوست

502

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23782
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 158
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 16:22:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  دۇنيادىكى بارلىق ۋەقە -ھادىسىلەرنى ئاللا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ، دەۋر چاقپىلىكى چۆگىلىپ مەلۇم ئىش سىزگە كېلىپ قالسا سىزمۇ بىلىپ بىلمەي ئالىم ياكى كەشپىياتچى بوپ قالىسىز ، پەقەت شۇ ئورۇنلاشتۇرۇش سىزگە كەپ قالغان بولسىلا . بۇنى ھېچكىم ئۇقمايدۇ .
    بۇ نىيوتۇن دىگەن پەرەڭ ھەجەپ چوڭ -كىچىك تەرەت قىلغاندا يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى بارلىقىنى ھېس قىلالماپتۇ ، بۇنىڭ چوڭ كىچىك تەرەتلىرى تۆۋەن تەرەپكە چۈشمەي ئاسمانغا چىقىپ كەتمىگەن بولغىيتتى .
  ئالما بېشىغا بىر قېتىم چۈشكەن بولسا نىيوتون كۈندە نەچچە قېتىم تەرەت قىلار بولغىيتتى .  
  دىمەك شۇ ۋاقىت ، شۇ ماكان ، شۇ زامان ، ئىنسانلارنىڭ يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچىنى بىلىشى زۆرۈر بوپ قالغان بىر ۋاقىت ، نىيوتون پەقەت بۇنىڭغا تاللىنىپلا قالغان .

69

تېما

20

دوست

4 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   90.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 4716
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2603
تۆھپە : 11872
توردىكى ۋاقتى: 5895
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 16:22:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-9 16:25  

مانا مۇشۇنداق تەپەككۆر قىلغاندىلا ئېغىرلىقنىڭ كېمىيىپ كېتىشى ياكى يوقۇلىشىنىڭ ماسسىنىڭ كېمىشى ياكى يوقۇلۇشىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىغىنى كۇرىۋالغىلى بولىدۇ.يەنە مۇشۇنداق بولغىنىدىلا  فىزىكىدىكى ماسسا ساقلىنىدۇ،يوقالمايدۇ دەيدىغان پىرىنسىپال ئىدىيە بىلەن ئېغىرلىقنىڭ كېمىيىپ كېتىشى،يوقۇلۇشى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئۆنۆملۆك ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

0

تېما

0

دوست

26

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   8.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14497
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 8
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 16:32:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىم، سىزنىڭ ئىلىمگە بولغان قىزىقىشىڭىز ۋە ئىزدىنىش روھىڭىزغا ئاپېرىن!
ئەمما يازمىڭىزنى باشتىن ئاخىرغىچە ئوقۇپ نېمىنى ھېس قىلدىم بىلەمسىز؟ ئوتتۇرغا قويغان نەزىرىيىڭىز باشلىنىش نۇقتىسىدىلا توغرا بولمىغان، شۇڭا پۈتۈن دېگەنلىرىڭىزنى يىغىپ كەلگەندە ئاساسسىز بىر مەنتىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن. مەسىلەن:

1. ئالما شاختىكى ۋاقىتتا قانچىلىك ھەركەت مىقدارىغا ئىگە بولغان بولسا،يەرگە چۈشۈش جەريانىدىمۇ يىغىندى ھەركەت مىقدارى ئۆزگەرمەيدۇ.

مۇشۇ يەردىلا سىز نېمە خاتالىقى ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز؟ سىزنىڭ دېگەن يىغىندى ھەركەت مىقتارى دېگىنىڭىز ۋاقىت ۋە يۆنىلىشكە قاراپ مەنىسى ئوخشىمايدۇ. ئالما دەرەخ ئۈستىدىكى تۇرغۇن ھالەت بىلەن يەرگە چۈشۈپ بولغاندىن كىيىنكى تۇرغۇن ھالىتىگىلا قارىسىڭىز ئەلۋەتتە يەرشارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ۋە قۇياشنى چۆرىدەپ ئايلىنىش ھەركىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن بۇ نۇقتىدىن يىغىندى ھەركىتى سىز دېگەندەك بولىدۇ. ئەمما يەرگە چۈشكىچە بولغان ھەركەت ھېساپلانمامدىكەن؟ فىزىكا نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ئېنىرگىيە سەۋەپسىز يوقالمايدۇ ياكى پەيدا بولۇپ قالمايدۇ. ئۇنداق بولسا ئالما يەرگە چۈشكىچە سەرپ بولغان ئېنىرگىيە نەگە كەتكەن بولىدۇ؟؟
مۇنداقلا مىسال قىلاي: مەن بۈگۈن ئەتىگەن كارۋىتىمدا ئويغاندىم، ئەتە ئەتىگەنمۇ يەنىلا شۇ كارۋىتىمدا ئويغانغان بولسام سىز مېنى بۇ ئارلىقتا ھىچقانداق ھەركەت قىلمىدىڭىز دېمەكچىمۇ؟

2. ئالما يەر يۆزىگە چۈشكەندىن كىيىن قارىماققا «جىم»تۇرغىنى بىلەن ماھىيەتتە ئونىڭ ئومۇمى ھەركەت مىقدارى يەنىلا تۇراقلىق بولىدۇ.چۈنكى ئۇ ئەمدى يەر شارى بىلەن ھەم ئوقىدا ئايلىنىش ھەركىتىگە ھەم ئوربىتىلىق ھەركەتكە قاتنىشىۋاتقان بولىدۇ.

ئەجىبا ئالما دەرەختىكى ۋاقتىدا يەرشارىنىڭ ئوقىدا ئايلىنىش ۋە ئوربېتىلىق ھەركىتىگە قاتناشماپتىكەنما؟؟ دەرەختىكى ۋاقتىدا باشقا بىر پىلانىتتاكەنتۇقمۇ يا؟

3. لىكىن مىنىڭ نەزىرىمدە ئېغىرلىقمۇ سىكاليار(يۆنىلىشكە ئىگە مىقدار) بولۇپ،ئېغىرلىقنىڭ يۆنىلىشى بار دىگەن قاراش بەزى چۈشەنمەسلىكلەرنى ھەل قىلىشى مۆمكىن.
ئېغىرلىق يوقالمايدۇ،پەقەت ئۆز شەرىتلىرىگە كۇرە بەزىدە بىز ئۇنى ئۆلچىيەلمەيمىز.يەنى ئۇ بەزىدە «مۆكۆۋالىدۇ».


«مۆكىۋالىدۇ» دەپسىز، ئۈستىدە دېگىنىمدەك ئېنىرگىيە سەۋەپسىز يوقاپ كەتمەيدۇ، يەنى سىزنىڭ گېپىڭىز بويىچە «مۆكىۋالمايدۇ». سىز ئەڭ ئاۋۋال فىزىكىنىڭ ئەڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى بىر ئۆگىنىپ ئاندىن كۆز قارشىڭىزنى قايتا ئويلىشىڭ.

مېنىڭ نەزىرىمدە پۈتۈن قاراشلىرىڭىز ئاساسسىز بولدى. بۇنداق دېسەم شەخسىيىتىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ، مەن سىزنى تونىمايمەن ھەم بىلمەيمەن. پەقەت ئوتتۇرغا قويغان پىكرىڭىزگىلا قارىتا ئويلىغانلىرىمنى دېدىم. دېگىنىمدەك سىزنىڭ ئىلىمگە بولغان قىزىقىشىڭىز ۋە زوقىڭىزدىن بەك خوشال بولدۇم، ئەمما ھەممە ئىشنىڭ باشلىنىشى توغرا بولىشى كېرەك. مېڭىشنى بىلمەيدىغان بالا يۈگىرەشنى قاملاشتۇرالمىغاندەك، مەلۇم بىر نەرسىنى ئەڭ ئاساسىي قىسىملىرىدىن باشلاپ ئۆگىنىپ ئاندىن ئۇلار توغرىسىدا تەنقىدىي پىكىردە بولۇش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.

گەرچە بىز ھازىر 21-ئەسىردە ياشاۋاتقان بولساقمۇ ھالا يەرشارىنى يۇمىلاق ئەمەس بەلكى تۈز دەپ قارايدىغانلار ئاز ئەمەس، ۋە بىلىشىمچە تېخى ئۇلارنىڭ «مۇرت»لىرى بەزىبىر دۆلەتلىرىدە كۆپىيىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ «يەرشارى يۇمىلاق» دېسىڭىز ئۇ پۇتى بىلەن يەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «قارا، بۇ يەر تۈزمۇ ياكى يۇمىلاقمۇ؟» دەپ سورايدۇ. يۇقىرىقى نەزىرىيە ماڭا مۇشۇنى ئەسلەتتى. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

6

تېما

66

دوست

5706

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 1706
توردىكى ۋاقتى: 328
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 16:38:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىملارنى ئۇنداق ھاقارەت قىلماڭلا ،ھازىرقى ئالىملىرمىزنۇ بۇرۇنقىلارنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن بىلىمىنى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ .يەنى ئۇلارنىڭ مۇرىسگە دەسسەپ شۇنداق بايقاشلارنى قولغا كەلتۈرۋاتىدۇ.نەچچە يىل ئۆتمەيلا ئەۋلاتلىرمىز بۇ تىئورما قانۇننىلارنىمۇ مەسخىرە قىلىدىغان بولۇپ قالمىسۇن. مۇنداق ئويلاپ باقسام ئالىمنىڭ قەدرىنى ئالىملا بىلىدۇ دىگەن راس گەپتە

2

تېما

0

دوست

502

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23782
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 158
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-9 16:55:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئۈستىدىكى مەزموندە ئالمىنىڭ ئېغىرلىك مەركىزى يۈر يۈزىگە مەركەزلەشكەن بولغاچقا ئالما بېغىدىن ئايرىلغاندا ئېغىرلىق كۈچى ئارقىلىق يەرگە چۈشكەن ، بۇ يەردە يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنى ئويلاشمايمىز دەپسىز .

دىمەك سىزچە بولسا مەلۇم ئېغىرلىقتىكى نەرسە بولسىلا ئۆز ئېغىرلىقى بىلەن يەر يۈزىگە چۈشىدۇ دىگەننى بىلدۈرىدۇ .
    ئۇنداقتا سىز دىگەندەك بولسا يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچىنى قانداق ئىسپاتلايمىز . نىيوتون ئالما يەرگە چۈشكەندىن كېيىن يەرشارىنىڭ تارتىش كۈچى بار دىگەن تۇرسا، سىز بۇ يەردە ئالما ئېغىرلىقى بىلەن يەرگە چۈشتى دەيسىز . بۇ يەردە مۈجىمەللىك بارمۇ قانداق ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )