قىسقىچە يەكۆنىم ۋە باياناتىم
مەن ئەمدى ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ ماھىيىتىنى بايقاپ بولغاندەك قىلىمەن.تارتىش كۈچى ئاتالغۇسى ۋە ئوقۇمىنىڭ ئورنىغا «ئېغىرلىق كۈچى»نى دەسسىتىش تەكلىۋىنى بېرىمەن.بۇھالدا ،تارتىش كۈچى ئۇقۇمى كەلتۆرۆپ بەرگەن زىدىيەت ۋە قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇپ ،ئالەمنى زىدىيەتسىز تەسۋىرلىگىلى ،فىزىكىنى بىرلىككە كەلتۆرگىلى بولىدۇ.ئەلۋەتتە مىنىڭ قىلغانلىرىم يەنىلا پەلسەپە -لوگىكىلىق ئەقلى يەكۈن ۋە بىر ئىدىيە.بۇ ئىدىيە فىزىماتلىق شەرىھلىنىشى كىرەك.شۇسى ئىنىقكى ،نەتىجە ھامان مۇشۇ ئىدىيەنى قوللايدىغان بولۇپ چىقىدۇ.ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىشلەردىن ئىرىشكەن يەكۆنىم مۇشۇ.
ئوقۇرمەنلەر قاراشلىرىمدا خاتالىق بايقىسا دادىل ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.چۈشەنمىگەن نۇقتىلارنى سورىغانلارغا چۈشەندۆرۆشكە تىرىشىمەن.
ھۆرمەت بىلەن :قاسىم سىدىق
2014.1.11
|