- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-16
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 34302
- نادىر
- 6
- يازما
- 1309
 
ئۆسۈش
  100%
|
mamatmarxal يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 22:13 
قانداق بولغاننى ئەمەس قانداق قىلىش كىرەكلىكىنى يېزىڭ!
ئالدى بىلەن بالىڭىزغا دىننى چۈشەندۈرۈڭ .دىنىمنى ئۆگىنىمەن دىگەندەك كىتاپلار بىلەن تەۋھىد ئۆگىتىڭ .
ئىسلامى كارتون فىلىملەرنى كۆرسىتىڭ .ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا زىنانىڭ ئىسلامدا قانداق گۇناھ بولىدىغانلىقىنى ۋە شەرىئەتتە قانداق جازالار كېلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بىرىڭ .قۇرئان كەرىمدىكى زىنا توغرىسىدىكى بايانلارنى ئوقۇپ بىرىڭ .سىز قۇرئانى كەرىم تورىغا كىرىپ ئىزدەش رامكىسىغا زىنا دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىز قۇرئاندىكى زىناغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر چىقىدۇ .شۇلارنى ئوقۇپ بىرىڭ .
ماۋۇ ئۇلانمىدىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ .
http://bbs.kangsay.com/read.php?tid=7102&page=6
ئىشقىلىپ ئامال قىلىپ زىنانىڭ بىر قەبىھ جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈڭ .قۇرئانى كەرىمدە زىنا توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك بايانلار بار ..
5. سۈرە بەنى ئىسرائىل، 32 ـ ئايەت
زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، يامان يولدۇر.
7. سۈرە نۇر، 2 ـ ئايەت
زىنا قىلغۇچى ئايال ۋە زىنا قىلغۇچى ئەرنىڭ ھەر بىرىنى يۈز دەررىدىن ئۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەر اﷲ غا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدىغان بولساڭلار، اﷲ نىڭ دىنىنىڭ (ئەھكامىنى ئىجرا قىلىشتا) ئۇلارغا رەھىم قىلماڭلار، ئۇلارنى جازالىغان چاغدا مۆمىنلەردىن بىر تۈركۈم كىشى ھازىر بولسۇن.
8. سۈرە نۇر، 3 ـ ئايەت
زىنا قىلغۇچى ئەر پەقەت زىنا قىلغۇچى ئايالنى ياكى مۇشرىك ئايالنىلا ئالىدۇ، زىنا قىلغۇچى ئايال پەقەت زىنا قىلغۇچى ئەرگە ياكى مۇشرىككىلا تېگىدۇ، ئۇ (يەنى زىنا) مۆمىنلەرگە ھارام قىلىندى.
11. سۈرە نۇر، 30 ـ ئايەت
مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نا مەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، اﷲ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار.
12. سۈرە فۇرقان، 68 ـ ئايەت
ئۇلار اﷲ غا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، اﷲ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ (گۇناھلار)نى قىلىدىكەن، (ئاخىرەتتە) ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ.
14. سۈرە مۇمتەھنە، 12 ـ ئايەت
ئى پەيغەمبەر! مۆمىن ئاياللار ساڭا كېلىپ، اﷲ غا ھېچ نەرسىنى شىرىك كەلتۈرمەسلىككە، ئوغرىلىق قىلماسلىققا، زىنا قىلماسلىققا، بالىلىرىنى (جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك قىز بالىلىرىنى نۇمۇستىن ياكى كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ) ئۆلتۈرمەسلىككە، باشقىلارنىڭ بالىسىنى يالغاندىن ئەرلىرىنىڭ بالىسى قىلىۋالماسلىققا، سەن بۇيرۇغان ياخشى ئىشلاردىن باش تارتماسلىققا بەيئەت قىلسا (يۇقىرىقى شەرتلەر ئاساسىدا) ئۇلارغا بەيئەت قىلغىن، ئۇلار ئۈچۈن اﷲ دىن مەغپىرەت تىلىگىن، اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر |
|