- تىزىملاتقان
- 2013-4-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 113
- نادىر
- 0
- يازما
- 5
ئۆسۈش
  56.5%
|
ئالدىنقى ھەپتىدە ئوغلۇم ئۇقۇيدىغان ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن ئەخلاق مۇدىرى(ئۇيغۇر)سەن مەكتەپ پورمىسىنى كەيمەپسەن دەپ ئوغلۇم بىلەن قۇشۇپ 10نەچچە بالىنى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرغۇزۇپ قۇيۇپتۇ.شۇ كۈنى چۇشتە ئوغلۇمنىڭ مەكتەپ تارقاتقان پورمىسىنىڭ ئىشتىنى يىتىلىپ كەتكەچكە باشقا ئىشتان كىيىپ كەتكەن ئىدى.شۇكۈنى ئوغلۇم ناھايتى خاپىغان ھالەتتە ئۆيگە كەلدى .سەۋەۋىنى سورسام ھىچ ئىش بولمىدى دەپ جۇۋاپ بەردى.ئوغلۇم شۇ ئمتاھاندا ئارانلا 62نۇمۇر ئاپتۇ ئەسلى ئوغلۇم سىنىپ ھەييىتى ئىدى شۇ كۈنى ئمتاھان ئالغان پەندىن 90دىن تۈۋەن نۇمۇر ئالمايتتى كىيىن نەتىجىسى چىققاندىن كىيىن ئەجەپلىنىپ ساۋاقداشلىرىدىن سۈرۈشتۈردىم ساۋاقداشلىرى ئۇيغۇر ئەخلاق مۇدىرىنىڭ بالىلاردىن چارەكلىك ئمتاھان ئېلىۋاتقانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ يېرىم مەكتەپ پورمىسىنى كەيمەپسەن دەپ يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ئوغلۇمنى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرغۇزۇپ قۇيۇپتۇ.پەقەت ئوغلۇمنىڭ سىنىپ مەسۇلى مەكتەپ مۇدىرىنى ئزدەپ ئمتاھان ئېلىنىۋاتقانلىغىنى ئېيتىپ كىرگۇزىۋېتىشنى تەلەپ قىلىپتۇ خەنلەرىن بولغان ئەخلاق مۇدىرىنىڭ تەستىغىنى ئالغاندىن كىيىنلا قۇيۇپ بىرىپتۇ .بۇ ۋاقىتتا ئمتاھان ۋاقتى تۇشۇشقا 20مىنۇتلا قالغان ئىكەن.ئوغلۇمنىڭ دىيىشچە بۇ ئۇيغۇر ئەخلاق مۇدىرى خەن ئۇقۇغۇچىلارنى تۇتۇپ قالالماپتۇ.مەكتەپ فورمىسىنى كەيمەپسەن دەپ تەنقىت تەربىيە بەرسىمۇ مەيلى بىراق مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزاملاردائۇقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بىرىش قاتتىق چەكلەنگەن تۇرغۇزۇپ قۇيۇش شەكلى ئۈزگەرگەن تەن جازاسىغا كىرىدۇ.بۇلۇپمۇ مىنىڭ ئاچچىغىمنى كەلتۈرگىنى شۇ تۇرغۇزۇپ قۇيىلغان ئۇقۇغۇچىلار فورما كەيمەسلىك سەۋەۋىنى چۈشەندۈرۈپ ئمتاھان ئېلىۋاتقانلىغىنى ئېيتىپ قۇيۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ مەكتەپنىڭ ھېلىقى ئاتالمىش ئەخلاق مۇدىرى بالىلارنىڭ ئنكاسىغا قۇلاق سالمىغان.ئىككى مىللەتتىن بولغان ئۇقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلىدە بولماي تېخى قۇرامىغا يەتمىگەن بالىلارغا ئادالەتسىزلىكنىڭ باراۋەرسىزلىك نىڭ تەمىنى تېتىتقان . |
|