- تىزىملاتقان
- 2011-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8945
- نادىر
- 0
- يازما
- 436
ئۆسۈش
  78.9%
|
خەلق باغچىسىدىكى كۆلدە قولۋاققا ئىككى بالامنى سېلىپ ،ئوينىتىپ يۇرەتتىم . ئوغلۇم 13 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى . كولنىڭ ئەتراپىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشايدىغان خەنزۇ بالىلار كول ئەتراپىدىكى ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ ،مۇھەببەتلىشىشكە باشلىدى. ئۇلار بىر -بىرىنى سويۇپ قوياتتى ، قىزلارنى ئوغۇللار ئېتىكىگە ئېلىۋالاتتى . قۇچاقلىشاتتى .بۇلارنى كۆرۇپ ئىختىيارسىز 13 ياشلىق ئوغلۇمدىن ئەنسىرەپ كەتتىم . ئۇمۇ مېنىڭ ئۇلارغا قاراۋاتقانلىغىمنى كۆرۇپ ، يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى، مەن بۇنداق چاغدا پەقەتلا ئىنكاس چىقارمىسام ،ئوغلۇمنىڭ قەلبىدە خاتاغا يول قويغاندەك بولۇپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ ، ئەتراپتىكى ئاشۇ ياشلارنى تىللاشقا باشلىدىم .ھەتتە ئوغلۇمنى قىرغاققاراق ھەيدە ، مەن ئۇلارغا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاقىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۇشەندۇرۇپ قوياي دېدېم .ئوغلۇم بولسا :ئاپا ،سەتلەشمە ھازىر دەۋرر ئوخشىمايدۇ .ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالىسەن دېدى .بىر چاغدا بىر جۇپ ئۇيغۇر ياش كول قىرغىقىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ ،شۇنداق ئىشنى باشلاشقا تۇتۇندى . مەن ئۇلارغا تىكىلىپ ،غەزەپ بىلەن ئۇزمەي قارىدىم . ئۇلار مېنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى تۇيۇپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ كېتىپ قىلىشتى . مەن ئوغلۇمغا تېلىۋىزورلاردىكى شۇنداق كورۇنۇشلەرنى غەرپ مەدەنىيىتىدىن ئۆگىنىش كەلتۇرۇپ چىقارغانلىغىنى ، بۇنداق قىلمىشلارنىڭ ھايۋانلارغا خاس ئىكەنلىكىنى ، شەرمى ھايا ئىنساننىڭ، بولۇپمۇ ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئسىل ئەنئەنىسى ئىكەنلىكىنى ، ئەۋلاتلارنىڭ ھەرقانداق دەۋردە ئىسىل ئەخلاقىمىزغا ۋارىسلىق قىلىشى كېرەكلىكىنى شۇندىلا ئۇيغۇر بولالايدىغانلىغىنى سۆزلەپ چۇشەندۇرۇشكە باشلىدىم . ئوغلۇم بولسا چوڭ كىشىلەردەك كۇلۇپ ، سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىدى ۋە : ئاپا ،مېنىمۇ ئاشۇلاردەك قىلىپ يۇرەمدىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىڭمۇ ، مەن چوڭ بولسام ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن .دېدى. شۇ قېتىمقى ئاشۇ كەيپىياتىم ھەرگىزمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ . |
|