- تىزىملاتقان
- 2012-7-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 428
- نادىر
- 0
- يازما
- 20
ئۆسۈش
  7%
|
قالتىس پاراڭلاركەن، ئەخلاق دېگەن نىمە ؟ بۇ سۇئالغا توغرا جاۋاب بېرەلەيدىغانلارنىڭ توغرا ئىش قىلالىشى ناتايىن. توغرا سۆزى سۆزلەش بىلەن توغرا ھەركەتنى قىلىش ئەمىللەشكەن كۈنى بۇنچە ئاۋارە بولىشىمىزنىڭ ئورنى قالماس. « قوش تىل » ئوقۇتۇشى شارائىتىدا نۇرغۇن مەكتەپلەر قۇشۇۋېتىلگەندىن كېيىن بالىلارنىڭ كۆزى كۆرىۋاتقىنى بىز بىلەن قەتتى ئوخشىمايدىغان تەپەككۈر شەكلىگە ئىگە تۇرمۇش ئادىتىگە ئىگە يات بىر مىللەتنىڭ كۆرنىشى بولدى. كۆز كۆرگەننى قۇبۇل قىلىپ ، مېڭىگە سىڭدۈرۈپ ئۇنى ھەركىتىمىزگە سىڭدۈرىدۇ. ھەممىدىن قىزىقى « ئۇ مىللەت ئىلغار » دېگەن ئىدىيە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەخلەتلىرىمۇ ئالتۇن كۆرىنىدىغان ئەھۋال بار. يەنى كېلىپ چوڭ ئېقىمنىڭ ئىچىدىن خاسلاشقان كىچىك ئېقىم شەكىللەندۈرەلەيدىغان ،بالىلارنىڭ ئەخلاق ئادىتىگە ئويغۇن كېلىدىغان ئەخلاقى تەربىيە شەكلىنى تېپىش ئۇ ئۈستىدە ھەقىيقى ئىزدىندىغان مائارىپچىلىرىمىزمۇ كەمچىل. ماتىريال كۆرمەيدىغان، ئۇنى خىزمىتىگە تەدبىقلىمەيدىغان بىر توپ كىشىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلماق تەس!
مەكتەپ ، ئاتا- ئانا ، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ ئىچىدە قايسى ئامىل مۇھىم؟ ئوقۇتقۇچىلار قانداق چەكلىمىلىككە ئۇچرايدۇ؟ جەمئىيەت بىزگە نىسپەتەن راسلا مەسئوليىتىنى ئادا قىلالامدۇ؟
يۇقۇردا يازما يازغان قېرىندىشىمىزدەك ئەمىلىي ھەركەت قوللانغانلار قانچىلىك؟ ئوقۇغۇچىلار ئائىيلىدە تەشەبۇس قىلىۋاتقان ئەخلاق بىلەن مەكتەپتە تەشەبۇس قىلىۋاتقان ئەخلاقتىن قايسىسىنى تاللاش قۇبۇل قىلىشتا قانچىلىك زىدىيەتلىشىدۇ؟ بۇ ئەخلاق ئۆلچەملىرىنىڭ ئورتاق نۇقتىسى نىمە؟ ئۇلاردىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك؟ بالىلار كىمنىڭ بالىسى؟ ... مۇشۇنداق سۇئال قويسام سۇئال بەكلا كۆپ. قىسقىسى ھەمىمىز ئويلىشىپ، ھەركەتكە كەلسەك ئامالى تىپىلىپ قالار.... |
|