- تىزىملاتقان
- 2012-12-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 226
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
ئۆسۈش
  13%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tumaq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-2 19:02
مايكىنىڭ پاسونى ئوبدان بوپتۇ، لېكىن لايىھەلەردە ئاز تولا مەسىلە بار. مېنىڭچە، ھېيتگاھ ۋە بادام دوپپىنىڭ ئانا تىل بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىغانىكەن، ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. مەيدىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېلىنغان ئانا تىل ماركىسىنى ساقلاپ قېلىپ، تېگىگە «Mother Language» دېگەننى كىچىكرەك، سالقىن رەڭدە ئالغان ياخشى. لايىھەلەردە «Language» دەپلا ئېلىنىپتۇ. تىل دېگەن تولا، بىزنىڭ تەكىتلەۋاتقىنىمىز ئانا تىل بولغاندىكىن، «Mother Language» دەپ ئېلىش كېرەك. يەنە بىر نۇسخىغا ئۇيغۇرچە «ئانا تىل» دېگەننى ئوقۇغىلى بولىدىغان خەت نۇسخىسىدا كىچىكرەك، سالقىن رەڭدە ئېلىش كېرەك. خەت بىرلا قۇر بولسا بولدى. ئىككى خىل تىلدا ئىككى قۇر يېزىلسا، مەتۇلاشقىنى شۇ. ئالدىدا ماركا رەسىمى بولغاندىكىن، كەينىگە بىر نەرسە باسمىسىمۇ بولىدۇ، بەك بولمىسا، ئانا تىل دېگەن خەتنى تەئلىق نۇسخىسىدا چىرايلىق ياساپ، ئىككى تاغاقنىڭ ئارىسىغا كەلتۈرۈپ قويسا بولىدۇ.
بەك زۆرۈر بولمىسا، سېممىترىكلىكنى بۇزماسلىق كېرەك. شېئىر باسىدىغان ئىشنى قىلمايلى. ئانا تىل ماركىسى ئاسمان كۆكى بىلەن بەك ماسلىشىدىغاندەك قىلىدۇ. |
|