- تىزىملاتقان
- 2013-3-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 812
- نادىر
- 0
- يازما
- 95
ئۆسۈش
  1.71%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئىلنازە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-2 14:46
ھېلىراقتا ھەسەلنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، قارىسام قويۇقلۇقىمۇ باشقا ئىش قوشۇلغان ھەسەللەردىن كۆپ ياخشىكەن، ئەمدى مۇشۇ كىچىككىنە تەكلىپىم: ھەسەلنىڭ ئوراپ قاچىلىنىشىغا ئازراق ئەھمىيەت بېرىلسە، چۈنكى مەھسۇلاتنىڭ سىرتقى ئورالما قېپىمۇ بەلگىلىك ئېلان تەشۋىقات رولىنى ئوينايدۇ، ھەم شۇ ئېلان تەشۋىقاتلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايمەن، مەن تاپشۇرۇۋالغاندا ئېچىپ قارىسام، كۆكتاغ-ئانا تىل ھەسىلى مەيچۈئېر ياڭاقلىق سۈتلىرىنىڭ قېپىغا قاچىلىنىپ ئەۋەتىلىپتۇ... جاپا تارتىپ ھەسەلنى ئىشلەپ چىقارغان شىركەتنىڭ يەنە ئازراق غەيرەت قىلىپ بۇ مەسلىنىمۇ ھەل قىلىپ كېتىەلەيدىغىنىغا ئىشىنىمەن.
تورداشلار خاتا چۈشەنمەڭلار، بۇ مىنىڭ قۇسۇر تاپقىنىم ئەمەس، مەن ھەم ئىقتىساد كەسپىدىمۇ ئوقۇمايمەن، رايونىمىزدا ئىقتىسادى مەھسۇلاتلار ئاز ئەمەس، شۇنداق تۇرۇپ نىمىشقا ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتالمايمىز؟ يىل بويى جاپا چېكىپ ئېتىزدىن كىرەلمىگەن دىھقان ئاتىلىرىمىز، ئانىلىرىمىز نېمىشقا گەدىنىدىكى قەرزدىن خالىي بولالمايدۇ؟؟؟؟؟؟
قارايدىغان بولسساق، شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىدىن بادام، ياڭاق، چىلان(چىلان كۆپرەك)ناھايىتى ئەرزان باھادا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ كېلىنگەندىن كىيىن، ئاددىيغىنا ئوراپ قاچىلانغان مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى دىمەيلا قوياي، بەزىدە ئۈچ-تۆت ھەسسە قاتلىنىدۇ،.بەزىلەر يەنە باشقا يۇرتلارنىڭ سورتلىرىنى شىنجاڭنىڭكىگە ئوخشىتىش ئۈچۈن چىلاننى سۇغا چىلاپ كۆپتۈرۈپ ، قۇرۇتقاندىن كىيىن بازارغا سالىدۇ، بۇنداق مەھسۇلاتنىڭ تەمىنى قويۇپ تۇرايلى، ئۇنىڭ شەكىل جەھەتتىن لاياقەتلىك بولۇشىمۇ قىيىنغا چۈشىدۇ. قالدۇق يىمەكلىكلەردىن ئازگال مېيى ئىشلەپ چىقارغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بۇنداق ئىشلار ھېچقانچە گەپ ئەمەسلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدۇ.
مۇشۇ 来一份ماركىسىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئوراپ قاچىلىنىشى يامان ئەمەس، ئانا تىل شىركىتىنىڭ مۇشۇنداق لايىھەنى ئويلىشىپ كۆرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن،
بۇنىڭدا قۇرۇق مېۋە-چىۋىلەر كىچىك خالتىلارغا قاچىلىنىدۇ، ئاخرىدا ھەرخىلىدىن ئارىلاشتۇرۇپ چوڭ بىر ئېغىزى ھەرىكەتچان( بىلمىدىم مۇشۇنداق ئېلىشىم توغرىمىكىن)خالتىغا قاچىلىنىدۇ، بۇ ھەم كۆڭۈلدىكىدەك سوۋغات بولالايدۇ، دەپ قارايمەن. بۇ خىيالنى سۈرىشىمدىكى سەۋەپ، دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بولغان كىشىلەر بىلەن بىر جايدا، بىر قانچە يىل تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدا ئاز تولا دوستلۇق مۇناسىۋىتى شەكىللىنىدىكەن، سوۋغا-سالاملار بىېرىلىپ-تاپشۇرۇۋېلىنپ دىگەندەك... ھازىر ياخشى، قۇرۇق مېۋىلەر ھېچ بولمىسا ئېغىزى ھەرىكەتچان خالتىلارغا قاچىلىنىدىغان بولدى، لىكىن مىقدارى بەك كۆپ، بىزدە"ھەسەلنى كۆپ يىسە ئەمەن تېتىيدۇ" دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ؟ ئاز-ئازدىن، ھەرخىلىدىن ئىخچام سۈپەتلىك قاچىلانغان شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بازارغا سېلىنسا، بىزمۇ ئىپتىخارلانغان ھالدا كۆتۈرۈپ بېرىپ سوغات سۈپىتىدە دوستلىرىمىزغا يەتكۈزسەك، خەقنىڭ ھەققى بىزدە قالمىسا...
بىلمىدىم باشقىلار قانداق ئويلايدىكىن؟
گەرچە تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ، ئانا-تىل شىركىتىدىكىلەرگە بۇ بالىلارچە تەكلىۋىمنى قانداق يەتكۈزۈشنى بىلمىگەچ، مۇشۇ تىمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە قالدۇردۇم، تورداشلارنىڭ پىكىرى بولسا، ئۇچۇر قىلساڭلار، تىمىنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر يەتمىسە دەيمەن. |
-
|