يېقىندا بالىلارنى دەپ يول ئالدۇق ۋە ئاناتىل يەسلىسىنى قۇرۇش يولىدا دىگەن ئىككى تىما بىر كۈن ئىچىدىلاكەينى كەينىدىن ئۆچۈرۈلدى ،ئانا تىل يەسلىسىنى قۇرۇش يولىدا تىمىسنىڭ 1-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇلۇپلىنىشى سەۋەپ بولغان ئامىللار ھەققىدە بىز دادىللىق بىلەن تەكشۇرۈش ئىلىپ بارغان ۋە تور ئەھلى ئۆز-ئۆزىنى ئىنتىزامغا سالىدىغان ئاڭلىقلىق بىلەن ئىككىنجى تىما بالىلارنى دەپ يول ئالدۇق نى مۇۋاپىقىيەتلىك ئىچىپ ئۇ تىمىنى ساغلام ئىلىپ ماڭغان ئىدۇق .لىكىن تور ئەھىلنىڭ يوقىرى ساپا بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجسىدە دۆلەت قانوننىڭ كۈچىنى نامايەن قىلىپ مىڭىۋاتقان بۇ تىمىسىنىڭ يەنە ئالدىنقى تىمىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆچۈرۈلۈپ كىتىشى چۈشىشنىش تەس بىرۋەقە بولدى ،بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمەي تۇرۈپ يەنە تىمىنى داۋاملاشتۇرۇش كۆزىنى يۇمۇپ يول يۈرۈش بولىدىغانلىقى ئۈچۈن بىرقانچە كۈن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىنىقلاشقا تۇغرا كەلدى .ئاخىر سەۋەبمۇ ئىنىقلاندى لىكىن مەن بۇ ئىشىنىقانداق شەكىلدە تور ئەھلىگە ئالاقىدار ئورۇنلارنى رەنجىتمەي تۇرۈپ يەتكۈزىشتە بەكمۇ قىينالدىم شۇنداقتىمۇ ئەقىللىق تورداشلارنىڭ زىھنىگە تولۇق ئىشىنىپ بۇۋەقەتنى جەنۇب ھەپتە ئاخىرى گېزىتى ۋەقەسىنى تەمسىل قىلىپ تۇرۈپ چۈشەنچە بىرىشكە مەجبورمەن
رەئىس شى جىن پىڭ رەسمى دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كىيىن يەنى 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 29 -كۈنى جۇڭخۇانى گۈلەندۇرۈشنى جۇڭگو قوغلىشىدىغان مەنزىل قىلىپ تەسۋىرلىدى ۋە كەينىدىنلا يەنى 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئاساسى قانوننى ئىزچىلاشتۇرىشنى تەشەببۇس قىلىدى ، بۇماھىيەتتە خەلىقنى ئۆز ھوقوقىغا قونون بويىچە ساھىپ چىقىشىغا جاسارەتلەندۇرۈش ئارقىلىق قولىدا ئەمىلى ھوقوقى بولغان قانونسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئاۋامنى داۋاملىق ئىزىشىنى تىزگىنلەش ۋەئۇلارنىڭ ئۆزىنى سىمەرتىش بەدىلىگە خەلىق بىلەن ھۆكۆمەت ئارسىدا ھاڭ پايدا قىلىپ جەمىيەت ئىستىلىنى دۆلەت ئوبرازىنى بۇزىشىشغا چەك قويۇش چاقىرقى ئىدى .بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يەتكەن جەنۇپ ھەپتە ئاخىر گىزىتى رەئىس شى جىن پىڭنىڭ ئاساسى قانون ۋە جۇڭخۇا مىلىتى قوغلىىشدىغان مەنزىل ئۇقۇملىرىدىن ئىلھاملىنىپ 《中国梦,宪政梦》(جۇڭگونىڭ غايىسى ،ئاساسى قانون بويىچەئىدارە قىلىش مەنزىلى)دىگەن تىمىدا يىڭى يىڭىلىق باش ماقالە ھازىرلىدى ۋە جۇڭخۇانى گۈلەندۇرۈشنىڭ ئاددى كىشىلەرنىڭ ھوقوقىنى كاپالەتلەندۇرۈش ،ئارزۇلىرىنى ئەمەلگەئاشۇرىشىغا ئىلھام بىرىش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يورۇتتى لىكىن دۆلەت رەئىسى شى جىن پىڭنىڭ ئاساسى قانون ۋە جۇڭخۇا مىلىتى قوغلىنىشدىغان مەنزىل ئۇقۇملىرىدىن ئىلھاملىنىپ يىزىلغان ھىچ بىرسىياسى مەسىلىسى بولمىغان بۇ ماقالىگە گۇڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ قوپال ئارلىشىشغا دۈچ كىلىپ ۋەقە چىقتى ۋە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلىك تەسىر پەيدا قىلىدى
ئاناتىل يەسلىسىنى قۇرۇش يولىدا تېمىسىنى تولۇق كۆرۈپ چىققان تورداشلار بىلىدۇ ، بالىلار ئۈچۈن ئېلىنغان بۇ قەدەملەرنىڭ قارىغۇلارچە ئۇرۇنۇش ئەمەس . قەدەملىرىمىز ئۆز ھوقوق مەنپەتىنى قوغداشقا ئاجىز بولغان بىچارە خەلىقنىڭ قىنىنى شۇراپ يوغىناپ كەتكەن مەخلۇقلارغاقارشى كەسكىن مەيدان تۇتۇپ يولغا چىققان شى جىن پىڭ باشچىلىقدىكى يېڭى رەھبەرلىك كولىكتىۋى بىلەن پارارىلىققا ئىگە .بۇ پاراللىق سەۋەبىدىن بىزنىڭ ‹ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش يولىدا› ۋە ‹بالىلار ئۈچۈن يول ئالدۇق ›تىمىلىرىمىز جەنۇپ ھەپتە ئاخىرى گېزىتى تەييارلىغان 《中国梦,宪政梦》غا ئوخشاش تەغدىرگە دۈچ كەلدى .بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا تور ئەھلى بولغان بىزلەرنىڭ ئانا تىل يەسلىسىنى قۇرۇش يولىدا دىگەن تىما تاقالغانداكۆرسەتكەن مەدىنىلىكىمىز ۋە ساپايىمىزنى ئىككى تىمىنى ئۆچۈرۈشنى بۇيرىغان ئالاقىدار شەخسىلەردىن سوراشتىن باشقا چارىمىز يوق .بىز ساپالىق بولالىدۇق،دۆلەتنىڭ ئىنىۋاتىنى ،جەمىيەتنىڭ مۇقۇملىقىنى كۆزدە تۇتالىدۇق ، قانوننىڭ يۈز ئابرويىنى قوغدىيالىدۇق ،سىلەرمۇ شۇنداق قىلالامسىلەر ؟ سىلەرنىڭ يولداش شى جىن پىڭنىڭ ئاساسى قانون ئىلان قىلىنغاندا ئىيىتقان مۇھىم سۆزىنىقايتا ئۆگىنىشىڭلارنى ۋەقەدەملىرىمدەمەركەزنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشقان ھالدا ئىلىپ مىڭىۋاتقانلىقىمىزنى چۈشىنىڭشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز .
ھەربىر قىتىملىق مۇشكىلات پۇرسەتتىن دىرەك بىرىدۇ ،تىمىنىڭ ئۆچۈرۈلىش ۋەقەسىدىن بىز ئۆزىمنى ئالاقىدار ئورۇننىڭ ئىسىمنى تىلغا ئالماي تۇرۈپ ئۆزىمىزنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىگە ئىرىشتۇق ،بۇ تىما تەستىقلانغاندىن كىيىن بىز ئالدىنقى قىتىملىق تىمىدىن ئىرىشكەن نەتىيجىگە كۈچ ئۇلاپ ئانا تىل مەكتەپلىرىنى ئەمەلدارلارغا پارا بەرمەي ،خوشامەت قىلماي ،ئارقا ئىشىكلەردە تىمىسقىلىماي ئوچۇق ئاشكارە قانون بويىچە قۇرۇپ چىقماقچى، دۆلەت قانونىنىڭ كۈچىنى قەغەز يۈزىدە ئەمەس رىيال دۇنيادا ئۆزىنى كۆرستىشى،توغراجەمىيەت كەيپىياتىنىڭ پارلىشى ئۈچۈن بىز داۋملىق تۇردە مەكتەپ يەسلى قۇرۇش قەدەملىرىمىزدىن كۆپچىلىكنى خەۋەردار قىلىمىز
|