- تىزىملاتقان
- 2012-9-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 285
- نادىر
- 0
- يازما
- 14
ئۆسۈش
  42.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gunahkar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-1 23:52
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ئانا تىلنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان ئەزىزلەر ! ئاللاھ قەدەملىرىڭلار بەرىكەتلىك قىلسۇن ! مۇرات مەخسەتلىرىڭلارغا يەتكۈزسۇن! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەزىز قىلسۇن!
كەمىنە گۇناھكاردىن سىلەرگە ئېھتىرام!
بالىلارنى ئانا تىل مەكتىۋىدە ئوقۇتۇش ئارزۇسى ( ياق غېمى دېسەم توغرا بولغىدەك ! چۈنكى بۇ مەن ئۈچۈن ھازىرغىچە بىر غەم! ) مەن توي قىلىشتىن بۇرۇنلا مېنى قىينىغان ! ئەمما مەندە مەن بالىلىق بولۇپ بالام مەكتەپ يېشىغا توشقىچە ............................................ بالىلىرىمىز ئۆز ئانا تىلىدا خاتىرجەم ئوقىيالايدىغان بىر زامانلار كېلەر دېگەن ئۈمۈتتىمۇ بولغان . مانا ھازىر ئىككى بالىلىق بولدۇم چوڭى ئۈچ يىرىمگە كىردى ! دادام بالىنى يەسلىگە بېرىمىز دەيدۇ ، مەن بەرمەيمەن دەيمەن ! بەزىدە مۇشۇ ئىش توغۇرلۇق تاس قالىمىز ..................(مەن بالىنى <<قوش تىل >>يەسلىسىگە بەرگەننى قوزىنى چوشقىغا ئېمىتىشكە بەرگەندەكلا چۈشىنىمەن . )
باغداش مۇنبىرىدىن ئانا تىل يەسلىسى قۇرۇش يولىدا دېگەن تېمىنى ئوقىغاندىن كېيىن بولۇپمۇ بۇ يەسلىنى قۇرۇش ئېغزاكى تەستىقلانغاندىن كېيىن خۇددى بۇ يەسلى ئىشىك ئالدىمدىلا قۇرۇلغاندەك خوش بولۇپ بۇ خەۋەرنى دېمىگەن ئادىمىم ئاز قالدى !ئۈمۈدۈمگە ئۈمۈت قېتىلدى .
ئۆزەم چالا ساۋات ئادەم بولغانچە باشقا قېرىنداشلاردەك سىلەرگە ھەر تەرەپتىن توغرا تەكلىپ پىكىر، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم قىلالمىغان بولساممۇ ئەممە قانۇنى يول باشلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشى ئۈچۈن ئاللاھقا يالۋۇرۇپ تۇرۇشنى ئۇنتىمىدىم! ئاللاھ خەيىرلىك ئىشلار ئۈچۈن قەدەم ئالغان شۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ،ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قەۋىم قېرىنداشلىرىغا رەھمەت قىلسۇن! مۇرات مەقسەتلىرىگە يەتكۈزسۇن! ئۇلارنى بارچە يامانلىقلاردىن ساقلىسۇن!
تاغدىن باغدىن سۆزلەپ ئاخىرى ئاساسى مەخسەتكە كېلەي! قېرىنداشلىرىم توغرا كۆرسە تېما ئەسلىدىكى يۆلىنىشىدە يەنى ئانا تىل يەسلىسى ، مەكتىپى قۇرۇش يولىدا ماڭسا بىر - بىرىنىڭ مەخسەت مۇددىئالىرىنى خاتا چۈشۈنۈپ قالغان قېرىنداشلار گەپ بەك ئۇزىراپ كەتكىدەك بولسا بىر بىرى بىلەن قىسقا ئۇچۇر ياكى ئانا تىل چچ توپى دېگەندەك يەرلەردە پاراڭلاسشا ! قانۇنى يول ئەپەندىنىڭ مەكتەپ توغرىسىدىكى ئۇچۇرى بەزى بىر تالاش تارتىشلارىڭ ئارىسىدا كۆمۈلۈپ قالمىسۇن! ئۇندىن باشقا ئانا تىل شىركىتى بازارغا سالغان ئانا تىل ساپ ھەسىلى توغرىسىدا ئايرىم تېما يوللىنىپ ھەسەل سېتىش سېتىۋىلىش توغرىسىدىكى مەلۇماتلار شۇ يەردە يوللانسا ! (ھەسەلنى سېتىۋالغانلىق ئانا تىل مەكتىپىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللىغانلىق ، بۇنى بىلىمەن ،ئېنشا ئاللاھ پات يېقىندا سېتىۋالىمەن ھەم باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىمەن )
ھەممىمىز بۇ تېمىدا دېققىتىمىزنى ئانا تىل مەكتىپىگە قاراتساق دېگەن ئۈمۈتتىمەن! قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇ توغرىسىدا ئويلىنىپ بېقىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن ! ئاخىرىدا قانۇنى يول ، گۈلەن ئەپەندىم باشلىق بارلىق ياخشى نىيەتلىك تورداشلىرىمنىڭ ئىشلىرىغا ئاللاھتىن نۇسرەت تەنلىرىگە سالامەت قەدەملىرىگە بەرگەت تىلەيمەن! |
|