ئادەملەر ھەرخىل. بەزىلەر ئۈمۈدۋار، بەزىلەر ئۆمۈدسىز، بەزىلەر تۆھپىكار، بەزىلەر مېۋىسىز، بەزىلەر جان باقار، بەزىلەر يۈزسىز...
ياراتقۇچى دۇنيا قانۇنىيەتلىرى ئىچىدە قىلغان نەرسىلەردە مۇمكىن بولمايدىغان بىرمۇ ئىش يوق. ئانا تىل يەسلىسى ئېچىش، ئانا تىلدا مەكتەپ ئېچىشمۇ بۇنىڭ ئىچىدە. مەيلى ھۆكۈمەتنىڭ سىتىراتىگىيلىك پىلانىغا چۈشسۇن، چۈشمىسۇن بۇ بىر توسىۋالغىلى بولمايدىغان ئىستەك، يەنى خەلق ئارزۇسى، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرخەلقىنىڭ ئارزۇسى! خەلق بۇنى ئارزۇ قىلغانغا، ھۆكۈمەتتىن ئۆز ئانا تىلىدا مائارىپ كۆرۈشنى ئىلتىماس قىلغانغا ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ، ھۆكۈمەتكە قارشى پىكىر ئېقىمى ھاسىل قىلغان بولمايدۇ... بوپتۇ، قوش تىللىق مائارىپنى دەسلەپتە ئۆزىمىز تەلەپ قىلغان بولساق، ئەمدى ئانا تىلسىز مائارىپنىڭ زىيادە سەلبىي تەسىرىنى ھېس قىلغاندىن كىيىن يەنە ھۆكۈمەتكە ئىلتىماس سۇنۇپ، دەسلەپكى تەلىپىمىزنى ياندۇرىۋالساق بولىدۇ، 50- يىللاردىكى، 70، 80، 90 - يىللاردىكىدەك ئانا تىل مائارىپىنى قايتا تەلەپ قىلساق گۇناھ بولىدىغان ھېچقانداق ئىش بولمايدۇ... ھېچ بولمىغاندا ئانا تىلدىكى شەخسى مەكتەپلەرنى، كەسپى مەكتەپلەرنى ئېچىشنى ئىلتىماس قىلساق خاتا بولىدىغان ھېچقانداق ئىش بولمايدۇ.
جوڭگودەك كۆپ مىللەتلىك چوڭ بىر دۆلەتتە بىز ئۇيغۇرلار 56 مىللەتنىڭ ئىچىدىكى نۇپۇسى 10 مىلىيوندىن ئاشىدىغان چوڭ بىر توپ. بۇ توپنىڭ مائارىپتىكى ۋە شۇنىڭ ئاساسىدا ھەر ساھەدىكى تەرەققىياتى جوڭگونىڭ تەرەققىياتىغا بەلگىلىك ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئەكسىچە، مائارىپتىكى قالاقلىق بۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن بىر قاتار سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. 10 يىلدىن يۇيان ئۇيغۇر مائارىپى كۆپ چېكىنىپ كەتتى، بالىلار چۈشكۈنلىشىپ كەتتى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەرخىل ئىجتىمايى مەسىللەرمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مەركىزى ھۆكۈمەت نەزىرىدىكى شىنجاڭدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە مۇقىملىق مەسىلىسى بولسا مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرماي، مائارىپقا تېخىمۇ زور سېلىنما سالماي، ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان كارخانىلارنى، بولۇپمۇ بىز دەۋاتقان ئانا تىلدىكى ئاساسىي مائارىپقا، كارخانىۋى مائارىپقا يېشىل چىراق يېقىپ بېرىشى بىلەن ئۈنۈملۈك ھەل بولىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق كىتىۋەرسە، تۆت بەش يىل مابەينىدە نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ پىتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق ئورۇنلىرىغا، يېزا كەنت ئامانلىق ساقلىغۇچىلىققا، ساقچىلىققا،... ئورۇنلاشتۇرغان بىلەن، يەنە نەچچە يىلدىن كىيىن بۇ ئورۇنلار تويۇنۇپ بولىدۇ، ئۈزلۈكسىز ئوقۇش پىتتۈرىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمىيەتتە مۇقىم خىزمەت تېپىش ئىشەنچى بولمىسا، خىزمەت يوق ئۆيلىنەلمىسە، پۇل يوق ئۆي ئالالمىسا،،، يا كوچىغا چىقىپ ئاياق مايلىيالمىسا نىمە ئىش قىلىدۇ؟ چۈشكۈنلىشىدۇ، جەمىيەتتىن، ھۆكۈمەتتىن نارازى بولۇشقا باشلايدۇ... مانا بىر ئوبدان باللىرىمىز ئۈچۈن يەسلىگە، ئۇلارنى قىينىمايدىغان ئانا تىل يەسلىسىگە ئېھتىياجىمىز چۈشكەن ئىكەن، ئارىمىزدىن مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش تەجىربىسى بار بىر ئىككەيلەن چىقىپ مۇشۇنداق يەسلىنى، مەكتەپنى، كەسپى تەربىيلەش ئورۇنلىرىنى ئاچسا، خەلىقنىڭ پۈتۈن قىزغىنلىقى ئانا تىل بولغاندىن كىيىن، ئانا تىل، ئانا تەپەككۇرغا چاڭقاپ كەتكەن خەلقنىڭ بۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرغاچ جەمىيەتكە تۆھپە قوشسا، ئىشسىز ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرسا، چۈشكۈن ياشلارغا ئىشەنچ ئاتا قىلسا، جەمىيەتنىڭ ئىناق، قاينام تاشقىنلىق، ئىللىق ھالىتىنى ھېس قىلدۇرسا،... ھۆكۈمەتكە نىمە زىيان؟! شۇ بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقانلار ھۆكۈمەتكە شۇنداقلارنى قانداقتۇر سەلبى كۆرسىتىشكە تۆھپە قوشۇپ سالماي، خەقنىڭ سەمىمىيتىنى بىر چۈشىنىپ بېقىپ، ئومۇمى خەلىقنىڭ ئارزۇسىنى ھۆكۈمەتكە توغرا يوسۇندا بايان قىلىپ باقسا بولمامدۇ!؟ ھۆكۈمەتنىڭ خەلقكە ئىشەنچى قالمىسا، خەلىقنىڭ ھۆكۈمەتكە ئىشەنچى قالمىسا قانداقمۇ ھەقىقى ماھىيەتتىكى ئىناق ۋە مۇقىم جەمىيەتكە ئېرىشكىنى بولسۇن؟
ئادەم جەمىيەتتە ياشىغان ئىكەن، جەمىيەتكە زىيىنى تەگمەي زەررىچە بولسىمۇ پايدىسىنى قالدۇرۇپ ياشىشى كىرەك! بۇ قانداقتۇر، «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، جەمىيەتكە، ۋەتەنگە تۆھپە قوشۇش» دىگەندەك قۇرۇق گەپ بولماستىن ئۆز ھاياتىنى قامداش يولىدا جەمىيەتكە تۆھپە يارىتىش، ئۆز كەسپىنى قىلىشتىن ھوزۇرلىنىش يولىدا جەمىيەتكە مەنپەئەت يارىتىش، ئۆز ئائىلىسىنى ياخشى بېقىش، پەرزەنتلىرىنى ياخشى مائارىپ تەربىيەسىگە ئىگە قىلىش، ئۆز ساغلاملىقى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلۈش،... قاتارلىلارنىڭ ھەممىسى ۋەتەن ۋە خەلققە قوشۇلغان تۆھپە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ؛ ئەكسىچە، پارىخورلۇققا كۆز يۇمۇش، چىرىكلىككە سەل قاراش، ھۆكۈمەتنىڭ كۆزىنى بوياپ، ھۆكۈمەت مەبلىغى بىلەن ئۆز چۆنتىكىنى توپلاش، خەلقتىن ئېلىنغان باجدىن مائاش ئېلىپ تۇرۇپ، ئەڭ جاپاكەش خەلق ئاممىسى بولغان دېھقانلارنىڭ قان تەرى بەدىلىگە كىلىۋاتقان ئاشلىق، كۆكتات، گۆشلەرنى يەپ تۇرۇپ، يەنە شۇلارغا قۇلايلىق ياراتماقتا يوق، خۇددى ئۇلارنىڭ خۇجايىنى بولىۋالغاندەك، ھۆكۈمەتكە ۋەكىل بولىۋالغاندەك، ياكى ئۆز ئالدىمىزغا ھۆكۈمەت بولىۋالغاندەك ئۇلارنى قورقۇتساق، دۆلەتكە، خەلققە زىياس سېلىپلا قالماي، دۆلەتنىڭ خەلق قەلبىدىكى سەلبىي ئوبرازىغا تۆھپە قوشۇپ قويغان بولىمىز. بۇ گەپلىرىم ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەپ، ھۆكۈمەتتىن مائاش ئېلىپ ياشاۋاتقان ھەرقانداق ئۇيغۇرغا قارىتىلغان...
ئەمدى، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز دەپ ھۆكۈمەت ئورۇنىغا چىققانلار، جەمىيەتكە مەنپەئەت يەتكۈزۈشنىڭ كويىغا چۈشمەي، ئالغان مائاشى يەتمىگەندەك يانچۇق توپلاشنىڭ، جان بېقىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ كەتسە؛ ئەكسىچە مائاش ئالمىغانلار ئۆزى تىرىشىپ پۇل تېپىپ، يەنە ھۆكۈمەتكە باج تۆلەپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇپ، ئىجتىمايى مۇقۇملىققا بىر كىشلىك تۆھپىللىرىنى قوشۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ يۈكىنى يىنىكلەتسە، بۇنى قوللاپ قۇۋەتلىمەكتە يوق، ئەندىشىلىنىپ توسقۇن بولساق... ئويلاپ باقساق نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىمىز، ئۆز مەنپەئەتىمىز ئۈچۈنمۇ؟ بىزگە نىمە زىيان، نىمە پايدا؟ بىزنىڭمۇ باللىرىمىز بار، ئۇلارنى بىزنىڭمۇ ئۇيغۇر بولمىساڭمۇ مەيلى، جان باقساڭلا بولىدۇ دىگۈمىز كەلمەيدۇ بەلكىم. ياراملىق ئادەم بولسىكەن، كۆپنى بىلسىكەن دەيمىز، بىزمۇ پىنسىيەگە چىقىمىز، قېرىيىمىز، ئەلە-مەھەللە، جامائەت بىلەن ئارلىشىمىز، پىنسىيە مائاشىمىز غېرىپلىققا دال بولالمايدۇ، جامائەتكە قېتىلىپ توي-تۆكۈن ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىمىزنى يەنىلا ئەنئەنە ۋە ئىتىقاد چەمبىرىكى ئىچىدە قىلىمىز... شۇنداق بولغاندىن كىيىن، خەلققە ئارلىشىپ، خەلقنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا ئۆز خىزمەت دائىرىسىدە قۇلايلىق يارىتىپ بەرسە ئۆز كۆڭلىمۇ ئالەمچە راھەت ۋە سۆيۈنچ ئىچىدە ئۆتىدۇ، خەلق ۋە دۆلەت ئۈچۈنمۇ ئالقىشلانغان كادىر بولىدۇ. بۇنداق قىلىش ئەمەلىيەتتە بەك ئاسان، پەقەت ئۆز نەفسىنى سەل كونترول قىلسىلا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھۆكۈمەتكىمۇ سەمىمى، خەلققىمۇ سەمىمى بولۇپ، ئالغان مائاشقا يۈز كىلىپ ياشاۋاتقان كادىرلارمۇ يوق ئەمەس، ھەممە ئادەم جان بېقىشنىڭ كوچىسىغا، ئۈمۈدسىزلىكنىڭ يولىغا كىرىۋالغىنى يوق. خەلق ئۇنداقلارنى كۆرىدۇ ۋە ئالقىشلايدۇ، ھاياتىغا بەرىكەت تىلەيدۇ...
خەلق ئۆزىگە يېقىن ھەرقانداق بىرىنى ھامان سېزىپ تۇرىدۇ، مەيلى ئۇ دۆلەت خىزمەتچىسى بولسۇن، مەيلى تىجارەتچى بولسۇن، مەيلى يازغۇچى شائېر مائارىپچى، بولسۇن ئۆزىگە زەرىچە نەپ ئېلىپ كىلىۋاتقانلىرىنى باشلىرىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ. خەلق ئۇنچىۋالا دۆت ئەمەس، خەلقنىڭ ياخشىلارغا مايىللىقى ئۇلارغا قارۇغۇلارچە بىلىپ بىلمەي ئەگەشكەنلىك بولماستىن، ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكى، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ كۆپ بولغانلىقى، خەلق كىمنىڭ پايدىلىق ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى، پايدىلىق گەپ قىىۋاتقىننى ئېنىق نازارەت قىلىپ تۇرالايدۇ. گۈلەن ۋە قانۇنى يوللارنى شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ ھېمايە قىلىشى قانداقتۇر بىلىپ بىلمەي ئۇلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئوينىغانلىق بولماستىن ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان كۆڭۈلدىكى سۆزلەرنىڭ يۈرەكلىرىگە تەسىر قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ دەۋاتقانلىرى، قىلىۋاتقانلىرىنىڭ دەل ئۇلارنىڭلا ئەمەس مۇتلەق كۆپ ئۇيغۇرنىڭ ئورتاق ئارزۇلىرىغا ئۇيغۇن بولغانلىقى، ئۇلارنىڭ مەكتەپ ئېچىشى ۋە يەسلى قۇرۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خەلىققە مەنپەت كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى ھىمايە قىلىدۇ. ئۇلار يالغۇز گۈلەن ۋە قانۇنى يول ئەمەس، 10 مىلىيون ئۇيغۇر...
يىغىپ ئېيتقاندا، بۇ ئىش، خۇدا خالىسا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۆز ئارا ئىشەنچ بولسا، ئۈمۈد بولسا، قانۇنى تەرتىپ بولسا بۇ ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، بىزنىڭ پىسخىك توسالغۇمىزدىن باشقا ھېچقانداق توسالغۇ يوق! ھۆكۈمەت بۇنىڭغا توسالغۇ بولىۋالىدۇ دەپ تۇرىۋالغانلار، ئاز ساندىكى ئوڭشسىزلىقلارنى كۆرۈپ ئۈمۈدىنى ئۈزگەنلەر ئىشىنى قىلسۇن!
|