مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 0ئىنكاس
  • 58كۆرىلىشى

05- خادىملار قانداق قىلىپ خىرىدارلارغا [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: ئاشپەز ئۇستام
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 4303
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 14
ئومۇمىي يازما: 185
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە185دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 65 دوللار
تۆھپــــــــــە: 60 ھەسسە
گۇرۇپپا:
توردىكى :155(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-09-30
ئاخىرقى: 2014-09-22
يازما   يوللانغان ۋاقتى : 2014-09-21 06:28:11
مۇلازىمەتچى خادىملار قانداق قىلىپ خىرىدارلارغا پىسخىك جەھەتتىن مۇلازىمەت قىلالايدۇ؟
                                            تۈزگۈچى:خۇشتار
                بۇنى بىز تۆۋەندىكى 8 خىل ئۇسۇل بىلەن مۇھاكىمە قىلىمىز:

(1)              خىرىدارلارغا مىھمانلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىش. ئاۋدى ئالۈن :‹‹ خىرىدارلارنىڭ قەدەم-تەشرىپ قىلىشى تىجارەتتە %80 مۇۋەپىيەت قازانغانلىقنىڭ نەتىجىسى›› دېگەن. خىرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتە، %80 مۇۋەپپىقىيەت قەدەم-تەشرىپ قىلغان خىرىدارلارغا ئۆزىنىڭ مىھمانلىرىنى كۈتكەندەك كۈتۈشتىن كىلىدۇ. شۇڭلاشىقا بىز مۇلازىمەتچى خادىملارغا خىرىدارلار ئاشخانىغا كىرگەن ھامان ئەھۋال سوراش تەلىپىنى قويىمىز، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق خىرىدارلارنى مەن قارشى ئىلىنىپتىمەن دېگەن قاراشقا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
(2)              سەمىمىيلىك بىلەن ماختاش. دۇنيادا ھەممە ئادەم ماختىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا بىز خىرىدارلارنى بىر ئىككى ئىغىز ماختاپ قويساق، تىجارەت ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى ۋە خىرىدارلار بىلەن دوستلۇق ئورناتقىلى بولىدۇ. بەزى مۇلازىمەتچى خادىملار باشقىلارنى ماختاشنى بىر خىل خىجىللىق ھىس قىلىدۇ، بۇنداقلار چوقۇم باشقىلارنى ماختاش ئادىتىنى يىتىلدۈرسە، تىزلا كىشىلىك ئالاقىسىنى ياخشىلىيالايدۇ.
(3)              خىرىدارلارنىڭ ئىسىمىنى ئاتاش. بىر كىشىنىڭ ئىسمى شۇ كىشىنىڭ باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىشىغا ئەڭ ئىنتىزار بولىدىغان ۋە ئەڭ سۆيۈملۈك ئاۋازدۇر. مۇۋاپىق ۋاقىتتا مۇلازىمەتچى خادىملار ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ۋە خىرىدارلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى ئىسىدە تۇتىۋىلىش، مۇشۇنداق قىلغاندا مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ خىزمەت ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. لىكىن ھەددىدىن زىيادە يىقىنچىلىق قىلىپ كىتىشكە ۋە سىرلىقلىشىپ كىتىشكە بولمايدۇ.
(4)              كۆز نۇرى ئارقىلىق خىرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى ئۈگىنىۋىلىش. ئەگەر سىزنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا گەپ قىلىشىڭىز ئەپسىز بولسا، كۆز نۇرىڭىز ئارقىلىق خىرىدارلار بىلەن ئالاقە قىلىپ، سىزنىڭ خىرىدارغا مۇلازىمەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرسىڭىز بولىدۇ. لىكىن ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرلىشى ئىنتايىن مۇھىم. بىز سىزگە 10 سىكۇنۇت قوللىنىش تەكلىپىنى بىرىمىز.
(5)              خىرىدارلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى كۆپرەك ئاڭلاش. پەقەت ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا باشقىلارنىڭ تەنقىدىنى ئاڭلايدۇ، ئەمىلىيەتتە، تەنقىد ئاڭلاش ماھارىتى كۈتۈلمە قىممەت پۇرسىتىنى يارىتىپ بىرىدۇ. باشقىلارنىڭ تەنقىدىنى ئاڭلاش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى بەزى ئەڭ ياخشى ئاماللارنىڭ مەنبەسى ئاشۇ سىز ئاڭلىغان تەنقىدتىن كىلىدۇ. ياخشى بىر ئاڭلىغۇچى بولۇش ئۈچۈن، ئاۋۋال تەنقىدنى قوبۇل قىلىش پۇزۇتسىيىسى ۋە پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلاش ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش كىرەك. يىغىپ ئىيتقاندا، ئەڭ مۇھىمى خىرىدارلارنىڭ ئۇچۇرى ۋە پىكىر تەلەپ، ئىنكاسلىرىنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم، مۇشۇنداق قىلغاندىلا خىرىدارلارنىڭ كۈتۈلمە قىمىمىگە باھا بەرگىلى بولىدۇ.
(6)              كۈلۈمسىرەش. تەمسىللەردە ئىيتىلغاندەك ‹‹كۈلۈمسرىيەلمىسەڭ خىزمىتىڭنى ئوڭۇشلۇق قىلىشتىن ئىغىز ئاچما››.
(7)              باشقىلاردىن ھۇزۇرلىنىشنى بىلىش كىشلەر ئارىسىدىكى كۆپ خىللىقنى چۈشىنىش. خىرىدارلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلىش.
ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرىنى ئىش ئورنى تەربىيسى

ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرىنىڭ ئىش ئورنى تەربىيسى تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ:
(1)              مۇلازىمەتچى خادىملار ئەۋەتىلگەن ئورۇندا خىرىدارلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش؛
(2)              خىزمەت تەرتىپىگە ئاساسەن ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىش، مەسىلەن: ئۈستەللەرنىڭ داستىخىنىنى ئالماشتۇرۇش، چىنە-قاچىلارنى يىغىشتۇرۇش، چىنە-قاچا تەييارلاش ۋە تازلىقنى ياخشى قىلىش؛
(3)              كىرەكلىك بويۇملارنى ھەر كۈنى تالۇن ئارقىلىق ئىلىپ چىقىش.
(4)              تاماق-سەيلەرنى ئىلىپ چىقىش، تاماق سەيلەرنى تەقسىم قىلىش، چىنە-قاچىلارنى ئالماشتۇرۇش ۋە يىغىشتۇرۇش.
(5)              خىرىدارنىڭ بارلىق بۇيرۇتقان سەي-تاماقلىرىغا دېققەت قىلىش.
(6)              مۇمكىنقەدەر چىنە-قاچىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش، چىنە-قاچىلارنى يىنىك ئىلىش، يىنىك قويۇش، ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ.
(7)              ئىشتىن چۈشۈشتىن بۇرۇشن ئاشخانا تازلىقلىرىنى پاك-پاكىزە قىلىۋىتىپ ئىشتىن چۈشۈش؛
داۋامى بار.....
مەنبە:ئۆز ئىجادىيتىم

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

تەسرلىك

خوشال

رەنجىش

ئالامەت

ياخشى

رەھمەت
تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى