مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 0ئىنكاس
  • 48كۆرىلىشى

03-يىمەك-ئىچمەك مۇلازىمەتچى خادىملىرى [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: ئاشپەز ئۇستام
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 4303
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 14
ئومۇمىي يازما: 185
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە185دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 65 دوللار
تۆھپــــــــــە: 60 ھەسسە
گۇرۇپپا:
توردىكى :155(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-09-30
ئاخىرقى: 2014-09-22
يازما   يوللانغان ۋاقتى : 2014-09-21 06:19:35
يىمەك-ئىچمەك مۇلازىمەتچى خادىملىرى تەربىيسى
تۈزگۈچى:خۇشتار
يىمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت جەريانى

1.         مىھمانلارنى قارشى ئىلىش. مىھمانلارنى چوقۇم كۈلۈمسىرەپ قارشى ئىلىش، قىزغىنلىق بىلەن: ‹‹ياخشىمۇ سىز! قارشى ئالىمىز، زاكاس ئورۇن زاكاس قىلغانمۇ؟›› دېيىش، ئەگەردە تونۇشلار بولۇپ قالسا ئۇلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى بىلەن چاقىرىش كېرەك.
2.         ئورۇنغا باشلاش. مىھمانلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئۇلارنى ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلارغا باشلاش كېرەك. مىھمانلارنى ئورۇنغا باشلىغان ئىمكان قەدەر مىھمانلارنىڭ تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش، ئەگەر مىھمانلار كۆرسەتكەن ئورۇن باشقا مىھمانلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بولسا، مۇلازىمەتچى خادىملار مىھمانلاردىن كەچۈرۈم سورىغاندىن كىيىن، باشقا ئورۇنلارنى كۆرسىتىش كىرەك.
3.         ئورۇندۇق تارتىش. مىھمانلار ئاشخانىغا كىرىپ كەلگەندە، مۇلازىمەتچى خادىملار ئالدى بىلەن ئايال مىھمانغا كىيىن ئەر مىھمانغا، ئاۋۋال ساھىپخانغا كىيىن ئادەتتىكى مىھمانلارغا تەرتىپ بويىچە ئىككى قولى بىلەن ئروۇندۇقنى تارتىپ بىرىش كىرەك.
4.         ئىچىملىك سوراش. مىھمانلارغا چاي ئىلىپ چىققاندا مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ قولى پىيالە-ئىستاكانلارنىڭ لىۋىگە تىگىپ قالماسلىقى كىرەك. مىھمانلارغا چايلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تەملىرىنى تونۇشتۇرۇپ، مىھمانلارنىڭ ئۆزىنىڭ تاللشىغا ھۆرمەت قىلىش؛
5.         تاماق-سەي بۇيرۇتۇش. تاماق-سەي بۇيرۇتقاندا، مۇلازىمەتچى خادىملار تاماق تىزىملىكىنى مىھمانلارغا ھۆرمەت بىلەن سۇنىشى، ھەرگىزمۇ قوپاللىق بىلەن ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويماسلىقى كىرەك. ئەگەر مىھمانلار ئىككىلىنىپ قالسا، مۇلازىمەتچى خادىملار قىزغىنلىق بىلەن تاماق-سەيلەرنىڭ تۈرلىرى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تونۇشتۇرۇش، تاماق-سەيلەرنى بۇيرۇتۇپ بولغاندىن كىيىن، مىھمانلار بىرە ئىچىملىك ئىچىدىغان بولۇپ قالسا، ئۇلارغا مەزكۇر ئىچىملىكنى ۋاقتىدا ئەكىلىپ بىرىشى كىرەك.
6.         داستىخان مۇلازىمىتىنى قىزغىن، ئىنچىكە، ئەتراپلىق قىلىش.
(1)            تاماق-سەيلەرنى ئىلىپ چىققاندا مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ قولى چىنە-تەخسىلەرنىڭ ئىچ لىۋىگە تىگىپ قالماسلىقى، ھەر بىر سەي-تاماقنى چىقارغاندا تاماقنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ قويىشى، گەپ قىلغاندا شال-تۈپرۈكچىلرىنى چاتراتماسلىقى كىرەك.
(2)            ئەگەردە مىھمانلارنىڭ ئىھتىياتسىزلىقىدىن چىنە-قاچىلىرى، چوكىلىرى يەرگە چۈشۈپ كەتسە، مۇلازىمەتچى خادىملار سۈرتىۋەتسەملا بولدى دەپ قارىماسلىقى كىرەك.
(3)            تىجارەت مەيلى كىچىك ياكى چوڭ بولسۇن مىھمانلارغا ئوخشاش قاراش كىرەك. ھىيت-بايرام كۈنلىرى مىھمانلاردىن ھىيىتلىق-بايراملىق ھال سوراش كىرەك.
(4)            ئاشخانىدىن بارلىق مىھمانلار چىقىپ كىتىپ بولغاندىن كىيىن ئاشخانىنى پاك-پاكىزە تازلىۋىتىش كىرەك.
7.         مىھمانلارنى ئۇزىتىش. ھېساۋات قىلىپ بولغاندىن كىيىن مىھمانلاردىن تالۇن يىزىپ بىرىش كىرەكمۇ –يۇق سوراپ، ئەگەر يىزىپ بىرىش كىرەك بولسا، يىزىپ بىرىش ھەم مىھمانلارغا مۇھىم نەرسە-كىرەكلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى ئەسكەرتىپ قويىشى  كىرەك.

داۋامى بار،،،،
مەنبە:ئۆز ئجادىيتىم

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

تەسرلىك

خوشال

رەنجىش

ئالامەت

ياخشى

رەھمەت
تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى