مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 1ئىنكاس
  • 75كۆرىلىشى

04-مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ يۈرۈش تۇرىشىغا [ئادىرسىنى كۇچۇرۇش]

دەرىجە: ئاشپەز ئۇستام
 
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 4303
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 14
ئومۇمىي يازما: 185
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە185دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 65 دوللار
تۆھپــــــــــە: 60 ھەسسە
گۇرۇپپا:
توردىكى :155(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2011-09-30
ئاخىرقى: 2014-09-22
يازما   يوللانغان ۋاقتى : 2014-09-21 06:22:01
مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ يۈرۈش تۇرىشىغا قويىلىدىغان تەلەپلەر
تۈزگۈچى:خۇشتار

ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرى دائىم يىمەكلىك ۋە چىنە-قاچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ، شۇڭا مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ شەخسىي تازلىقىغا قاتتىق تەلەپ قويۇش كىرەك. مۇلازىمەتچى خادىملار خىزمەت كىيىمىنى پاكىزە كىيىش، ۋاقتىدا يۇيۇنۇش، چىچىنى ياسىتىش، تىرنىقىنى ئىلىش، بۇرۇت-ساقاللىرىنى ئىلىش، چىشىنى چوتكىلاش، قولىنى يۇيۇش، زىننەت بويۇملىرىنى تاقىماسلىق، قىنىق گىرىم قىلماسلىق، چىچىنى قويىۋەتمەسلىك كىرەك. مىھمانلارنىڭ ئالدىدا قۇلىقىنى، چىشىنى كوچىلىماسلىق، بىشىنى قاشلىماسلىق؛ ئەسنىمەسلىك، بۇرنىنى كوچىلىماسلىق؛ چۈشكۈرمەكچى، يۆتەلمەكچى بولسا، چوقۇم مىھمانلارغا كەينىنى قىلىپ، ئىغىزىنى قولى بىلەن توسۇپ تۇرۇپ يۆتىلىشى ياكى چۈشكۈرىشى ۋە مىھمانلاردىن ئەھۋال سورىشى كىرەك. خىزمەت ۋاقتىدا مۇلازىمەتچى خادىملار تاماكا چەكمەسلىكى، سىغىز چاينىماسلىقى كىرەك. مىھمانلارغا ئەدەپلىك، قىزغىن، باشقىلارغا ياردەم بىرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلدىغان پۇزۇتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىش كىرەك. ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرىنىڭ  پۇزۇتسىيىسى خۇشخۇي بولىشى، كىشىلىك ئالاقە ۋە ئىشلارنى بىجىرگەندە ئىنتايىن ئىھتىياتچان بولىشى كىرەك. ئەگەر كۈتۈلمىگەن ئىشلار يۈز بەرسە چوقۇم سەۋىرچانلىق بىلەن مەسلىنى ھەل قىلىشقا تىرىشىش ھەمدە ‹‹خىرىدار ھەممىدىن ئەلا›› دېگەن پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كىرەك.
تاماق چىقىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرى

1.                 زىياپەت ئوبىكتى، ئادەم سانى، مىھمانلارنىڭ سالاھىيتى، ئورۇن زاكاس قىلىش ئەھۋالى، تاماق بۇيرۇتۇش ئەھۋالى ۋە ئالاھىدە تەلەپلىرىنى چۈشىنىۋىلىش؛
2.                 تاماق-سەيلەرنىڭ ئسىملىرى ۋە تاماقلارنىڭ چىقىرلىش تەرتىپلىرىنى بىلىش ھەمدە تاماق-سەيلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە مۇلازىمەت تەرتىپلىرىگە پىششىق بولۇش؛
3.                 زىياپەتكە كىرەكلىك بويۇملارنى ۋاقتىدا تەييارلاپ قويۇش؛
داستىخان مۇلازىمىتى

(1)        مىھمانلاردىن ئەدەپ بىلەن ھال سوراش ۋە ئورۇنغا باشلاش؛
(2)        مىھمانلارغا لۆڭگە سۇنۇش؛
(3)        مىھمانلارغا ئىچىملىك ئەكىلىپ بىرىش؛
(4)        مىھمانلارغا چاي قۇيۇپ بىرىش؛
(5)        مىھمانلارغا چوكىنىڭ قىپىنى ئىلىپ، شىلگەينى ئىچىپ برىش؛
(6)        مىھمانلارغا ئىچىملىك قۇيۇپ بىرىش؛
(7)        ئارتۇق ئىستاكان، قاچا-قۇچىلارنى ئىلىۋىتىش؛
(8)        مىھمانلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كىيىن، ئاشپەز ئۇستاملارغا ئىيتىپ تاماق-سەيلەرنى چىقىرىش؛
(9)        تاماق-سەيلەرنى  چىقىرىش، تاماق-سەيلەرنى تونۇشتۇرۇش ھەمدە مىھمانلارنىڭ رازىلىقى بىلەن ئاكتىپلىق بىلەن سەي-تاماقلارنى تەقسىم قىلىپ بىرىش؛
(10) ئۈستەلدىكى قۇرۇق تەخسىلەرنى ئىلىۋىتىش، كۈلدانلىرىنى ئالماشتۇرۇپ بىرىش؛
(11) مىھمانلار تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن، مىھمانلارغا تاتلىق-تۈرۈم  ياكى مىۋە-چىۋىلەرنى ئەكىلىپ بىرىش؛
●                مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ ھەمكارلىشىش روھى: ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرى چوقۇم ئەستايىدىل مەسئۇلىيەتچان بولىشى، تىزلىك بىلەن ھەمكارلىششى كىرەك، مۇشۇنداق بولغاندىلا خىزمەتلەرنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملىرى پەقەت خىىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپلا قالماي بەلكى خىزمەتداشلىرى يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى بايقاش ۋە ۋاقتىدا ياردەم قىلىش، خىزمەتداشلار ئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ خىزمەت ئۈنىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كىرەك.
●                مۇلازىمەتچى خادىملارنىڭ سەمىمىيتى ۋە ئەدەپلىكلىكى: ئاشخانا مۇلازىمەتچى خادىملار بىرى-بىرىنى ھۆرمەتلىشى، بىر-بىرىگە ياردەم بىرىشى، ئاشخانىنىڭ تۈرلۈك قائىدە-تۈزۈملىرىگە رىئايە قىلىشى، مىھمانلارنى ئالدىماسلىقى، ئەتراپلىق، ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلىشى كىرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا مىھمانلارغا ياخشى تەسىر بەرگىلى بولىدۇ. ئادەتتە يىمەك-ئىچمەك كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار كەسپى بىلىملەرنى ياخشى ئۈگىنىپ، ئۆزىنى بىلىم بىلەن قۇراللاندۇرغاندىلا ئاشخانىنىڭ تىجارىتىنى روناق تاپقۇزغىلى بولىدۇ ۋە پايدا ئىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

داۋامى بار...
مەنبە:ئۆز ئىجادىيتىم

مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

ھەيران

تەسرلىك

خوشال

رەنجىش

ئالامەت

ياخشى

رەھمەت
دەرىجە: يېڭى  ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نومۇرى: 12400
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 7
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە7دانە
شۆھـرىتـــــى: كىشلىك
مۇنبەرپۇلـــى: 45 دوللار
تۆھپــــــــــە: 5 ھەسسە
توردىكى :3(سائەت)
ھازىر:
تىزىملىتىش: 2014-09-06
ئاخىرقى: 2014-09-24
چاققان   يوللانغان ۋاقتى : 2014-09-24 10:20:26
ياخشى تىمىكەن ،بەزى ئىشلارغا مۇلازىمەتچى خادىملارلا ئەمەس ،ئائىلىدە مىھمان كۇتىۋالغاندىمۇ دىققەت قىلىشقا  تىگىشلىك ئىشلاركەن رەخمەت سىزگە

تىز سۈرئەتئىنكاس
چەكلىك250 بايت
ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
 
ئالدىنقىسى كېيىنكىسى