كارخانا خادىملىرى،مۇلازىمەتچىلەر،يەككە تىجارەتچىلارنىڭ
يۈرۈش- تۇرۇشقا دائىر ئاساسى بىلىم
تۈزگۈچى؛خۇشتار
كىشىلىك ئالاقە جەريانىدا يۈرۈش-تۇرۇش ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى رولى ئىنتايىن زور،
كونكىرىت ئىپادىلىرى
1. ئاشكارلاش رولى 2.ئورنىغا دەسسىتىش رولى 3.قوشۇمچە رولى
4.ماسلىشىش رولى 5.ماسلاشتۇرۇش رولى
1.ئاشكارلاش رولى-ئىغىزدا ئىپادىلەش قىيىن بولغان ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىدۇ
2.ئورنىغا دەسسىتىش رولى-ئىغىز تىلىنىڭ ئورنىدا قارشى تەرەپ بىلەن بىۋاستە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ
3.قوشۇمچە رولى-ئىغىز تىلىغا ياردەملىشىپ،سۆز بىلەن ھەركەتنىڭ بىردەكلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش،ئوي-پىكىرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش،تىخىمۇ ئىنىق ئىپادىلەش مەخسىتىنى كۆرسىتىدۇ
4.ماسلىشىش رولى-شۇ كىشىنىڭ پىسخىيك، فىزىيولوگىيەلىك ئىھتىياجىغا ماسلىشىشنى كۆرسىتىدۇ
5.ماسلاشتۇرۇش رولى-بىشارەت بىرىش ئارقىلىق،ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەپ،قارشى تەرەپنىڭ پائال ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ
قول قىياپىتىگە دائىر ئاساسى بىلىم
ئاساسىي قول ھەركىتى
1. قولنى تۆۋەنگە تاشلاش 2.قولنى ئارقىسىغا قىلىش 3.چاۋاك چىلىش 4.ماختاش 5.كۆرسىتىش
1.قولنى تۆۋەنگە تاشلاش-ئاساسلىقى ئىككى خىل بولىدۇ ،1.ئىككى قولنى تۆۋەنگە تەبىئىي تاشلاپ ،ئالقاننى ئىچىگە قىلىش،قول قوشتۇرۇش ياكى قورساق تەرەپكە قويۇش،2.قولنى تۆۋەنگە ئەركىن قويىۋىتىش،ئالقاننى ئىچىگە قارتىپ يوتىنىڭ ئىككى تەرپىدە تۇرۇش،ئاساسلىقى ئۆرە تۇرغاندا.
2.قولنى ئارقىسىغا قىلىش-ئىككى قولنى ئارقىسىغا قىلىپ بقر بىرىنى تۇتۇپ تۇرۇش،ھەم شۇنىڭ بىلەن تىك تۇرۇش.
3.چاۋاك چىلىش-قارشى ئىلىشنى،تەبىرىكلەشنى،قوللاشنى ئىپادىلەيدىغان قول ھەركىتىدۇر.ئۇسۇلى:ئوڭ قولنىڭ ئالقىننى تۆۋەنگە قارتىپ سول قول بىلەن رىتىملىق ئۇرۇلىدۇ،زۆرۈر بولغاندا ئۆرە تۇرۇپ چىلىنىدۇ.
4.ماختاش-ئوڭ قولنى چىقىرىپ تۆت بارماقنى پۈكۈپ باش بارماقنى چىقىرىپ يۇقىرغا قارتىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
5.كۆرسىتىش- ئاساسلىقى مىھمانلارنى باشلاشتا قوللىنىلىدۇ،ئوڭ قولنى ياكى سول قولنى سەل كۆتۈرۈپ بەش بارماقنى جۈپلەپ،ئالقاننى يۇقىرغا قارتىپ.جەينەكنى مەركەز قىلىپ مەلۇم يۆلۈنۈشكە قولنى سوزۇش،
ئۆرە تۇرۇشقا دائىر ئاساسى بىلىم
1.ئاساسى ئۆرە تۇرۇش قىياپىتى 2.ئەرلەرنىڭ ئۆرە تۇرۇش قىياپىتى 3.ئاياللارنىڭ ئۆرى تۇرۇش قىياپىتى 4.ئۆرە تۇرۇشتىكى پەرھىزلەر
1.ئاساسى ئۆرە تۇرۇش قىياپىتى-باشنى تىك تۇتۇش،مۆرىنى تۈز قىلىش،قەددىنى رۇسلاش،قورساقنى ئىچىگە تارتىش،بەدەننىى،پۇتنى تۈز قىلىش.
2.ئەرلەرنىڭ ئۆرە تۇرۇش قىياپىتى- ئەرلەر ئۆرە تۇرغاندا ئىككى پۇتى پاراللىل ھالەتتە مۈرە كەڭلىكى بىلەن تەڭ بولۇشى،پۇت ئارلىقى پۇتنىڭ ئۇزۇنچىلىقى بىلەن تەڭ بولۇشى،پۈتۈن بەدەن تىك ھالەتتە ئىككى مۈرە سەل كەينىگە تارتىلغان،باش كۆتۈرۈلگەن،ئىككى بىلەك تۆۋەنگە تەبئىي قويىۋىتىلگەن،ئىككى قول يوتىنىڭ ئىككى تەرپىدە تۇرۇشى كىرەك،
ئەگەر ئۆرە تۇرۇش ۋاختى ئۇزىراپ كەتكەندە سول پۇتنى ياكى ئوڭ پۇتنى كەينىگە بىر قەدەم سۈرۈپ،بەدەننىڭ ئىغىرلىق مەركىزىنى ئايرىم-ئايرىم يەنە بىر پۇتقا چۈشۈرسە بولىدۇ
3.ئاياللارنىڭ ئۆرى تۇرۇش قىياپىتى-ئاياللار ئۆرە تۇرغاندا بەدەننى تىك تۇتۇشى،ئىڭىكىنى ئىچىگە تارتىشى،ئالدىغا قاراش،ئىككى قولى تۆۋەنگە سىلىنىشى،قولنى قوشتۇرۋىلىشى،ئىككى پۇتنى جۈپلىشى كىرەك.
4.ئۆرە تۇرۇشتىكى پەرھىزلەر-.
داۋامى بار،،،،،
مەنبە:ئۆز ئىجادىيتىم