مۇنبەر ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرۇشكەڭ ئېكران

  • 13ئىنكاس
  • 2326كۇرىلىشى

ئۇستاملار نېرى تۇرسۇن [ئۇلىنىشنى كوپىيەلەش]

 
ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى
311
جىنسى:
قىز
دەرىجىسى
باشقۇرغۇچى
يازما
944
نادىر تىما
17
مۇنبەرپۇلـــى
2570
شۆھـرىتـــــى
630
تۆھپــــــــــە
44
سودا پۇلــــى
10004850
ياخشـى باھا
8388607
تەجىربىسى
36792%
ھالىتى
توردا:
  • 969 سائەت
  • تىزىم:
    2009-04-18
    ئاخىرقى:
    2012-10-12
    شەرەپ مىدالى

    مۇنبەردىغۇ نۇرغۇن ئالىي دەرىجىلىك كەسپى ئاشپەزلەرنىڭ دۆۋىسى موچەن بوپ كەتتى ، بىراق ئائىلىدە ھالىمىزغا بېقىپ ئىش قىلمىساق بولمىدى ، يىڭى يوللانغان تاماقلارنىڭ خۇرۇچلىرىغا يېتىشىپ بولالماي ئاخىرى ۋەيران بولدۇم ،
    بۈگۈن كەچكە توڭلاتقۇنى ئاچسام قولۇمغا ئىككى تال بەرەڭگە ، يېرىم باش پىياز،بىر تەرخەمەك ، ئىككى شوخلا ، بۇرما مۇچتىن ئىككى تال چىقتى ، تويە مانا بار تەئەلۇققەت مۇشۇكەن ، چۈشتە تاماق ئېتىپ بولغان ، كەچتە مۇندىقىراق ئەپلەپ -سەپلەشكە مەن ئۇنىغان بىلەن ، مەندىن باشقا 3 گال ئۇنىمايدۇ ، ھىلىمۇ گال دەپتىكەن ، ئىتتىك دىگەن بولسا ، جاھاننى يالماپ يۇتاركەنمىز ، ئامال يوق ،
    قاتتىق ئازاپ بىلەن تارتمىنى ئاچسام گۆشمۇ يوق ، قاچاندۇر بىر چاغدا تۇخۇم بىلەن بەرەڭگىنى قورسا يەل تاشما پەيدا قىلىدۇ دەپ ئاڭلىۋاپتىكەنمەن ، تۇخۇمنى سىلاپ قويۇپ  ئالمىدىم ،
    شۇنىڭ بىلەن بار كۆكتاتنى ئاقلاپ قازانغا ئوت ياقتىم ، ئاۋال بەرەڭگىنى توغراپتىمەن ، قازان قىززىدى يېرىم ساپلۇقتىن جىقىراق ماي قۇيدۇم ، ماي قىزىغاندا بەرەڭگىنى سالدىم ، بەرەڭگە پىشاي دىگەندە باش پىيازنى سالدىم ، ئىككى ئۆرۆپلا شوخلىنى ئىتتىك ئېزىلگىدەك قىلىپ سېلىۋەتتىم ، شوخلا ئېزىلىپ سۈيى چىققاندا تەرخەمەك بىلەن بۇرما مۇچنى سالدىم ، كەينىدىن ئازراق سۇ قۇيۇپ قاينىغاندىن كىيىن پەققەت تۈزلا سالدىم تەمىنى ئوتلاپ ،ئوتنى ئۆچەردىم ،قىززىق چاينى دەملەپ ، ناننى نېپىز يالپاغداپ توغراپ كەچلىك تاماقنىڭ غەلۋىسىدىن قۇتۇلدۇم .،
    بىراق ئېسىڭلاردا بولسۇن ! سىناپ باقماقچى بولساڭلار ، تېتىتقۇ بىلەن جاڭيۇنى قەتئى ئىشلەتمەڭلار ! تەركىۋى ھارام دەپ ئىنىقلىنىپتۇ ، چۈنكى سۈڭەك يىلىمىنى تېتىتقۇغا قوشسا ، چاچ قاتارلىق مەينەت نىمىلەردىن جاڭيۇ ياسايدىكەن ،
    ئادەم مۇشۇ كۈنلەردە سېرتتىن تاماق يىيىشتىنمۇ قورقىدىغان بوپ قالدى ، بۇرۇن بىلمەي يىگەن بولساق ئەمدى بىلدۇق ، يىمەيلى ماقىما !

    مەزكۇريازماغا بولغان كۆز - قارىشىڭىزنى يوللاپ بېقىڭ

    ھەيران

    تەسرلىك

    خوشال

    رەنجىش

    ئالامەت

    ياخشى

    رەھمەت
     
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    882
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    باشقۇرغۇچى
    يازما
    612
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    1164
    شۆھـرىتـــــى
    6610
    تۆھپــــــــــە
    4
    سودا پۇلــــى
    6165
    ياخشـى باھا
    699
    تەجىربىسى
    87%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 246 سائەت
  • تىزىم:
    2010-08-03
    ئاخىرقى:
    2012-10-15
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 1 ئېلان قىلىنغان: 2011-05-29
    ئاڭلىمىغانلا گەپلەركەنغۇ بۇ؟ بىرەر دەلىلى بارمىكەن؟

    ماڭا بىرنى ئويلىساڭ، اللا ساڭا ئوننى بەرسۇن.
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    311
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    باشقۇرغۇچى
    يازما
    944
    نادىر تىما
    17
    مۇنبەرپۇلـــى
    2570
    شۆھـرىتـــــى
    630
    تۆھپــــــــــە
    44
    سودا پۇلــــى
    10004850
    ياخشـى باھا
    8388607
    تەجىربىسى
    36792%
    ھالىتى
    توردا:
  • 969 سائەت
  • تىزىم:
    2009-04-18
    ئاخىرقى:
    2012-10-12
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 2 ئېلان قىلىنغان: 2011-05-29
    بار يوللاپ بېرەيما ؟

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    311
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    باشقۇرغۇچى
    يازما
    944
    نادىر تىما
    17
    مۇنبەرپۇلـــى
    2570
    شۆھـرىتـــــى
    630
    تۆھپــــــــــە
    44
    سودا پۇلــــى
    10004850
    ياخشـى باھا
    8388607
    تەجىربىسى
    36792%
    ھالىتى
    توردا:
  • 969 سائەت
  • تىزىم:
    2009-04-18
    ئاخىرقى:
    2012-10-12
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 3 ئېلان قىلىنغان: 2011-05-29
       مۇسۇلمان قېرىنداشلار سەمىگە!چوقۇم ئاخىرىغىچە ئوقۇڭ!!!
           ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم!مەن تۆۋەندە تىيەنجىن شەھرىدىكى   مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز‹‹ئۈرۈمچى››نىڭ تەكشۈرىشىدە بايقالغان،مۇسۇلمانلار ئىستىمالىدىكى ھارام(ياكى شۈبھىلىك) يېمەكلىكلەرنى سىلەرگە بىلدۈر   مەكچىمەن.
            بۇ ھەر بىر مۇسۇلمان قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە بولغاچقا دانىش مۇنبىرىدىن ئېلىندى.ھەممىڭلارنىڭ كۆرۈپ،بۇنىڭدىن كېيىن يېمەكلىك مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن  ھەم ئۇلۇغ ئاللاھتىن ياردەم تىلەيمەن.
    ئاپتورى:تىيەنجىن شەھرىدىكى مۇسۇلمان،تەخەللۇسى ئۈرۈمچى.
    لىنشىيا شەھەرلىك تەشۋىقات كومتىتى بېسىپ تارقاتتى.
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مېھرىبان ئاللاھقا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن.
    ھازىر مۇسۇلمانلار ياشاۋاتقان رايونلاردا بۇلغىنىش مەسىلىسى ناھايىتى
    ئېغىر.نۆۋەتتە پۈتۈن مۇسۇلمانلار ھالال بولمىغان يېمەكلىكلەرگە يۈزلەنمەكتە.بۇنىڭ سەۋەبى،تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشى،يېمەكلىك تاللاشتا سەرخللىشىش،ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇش،شەكىل جەھەتتىن دەۋرلىشىش ئەھۋاللىرى سەۋەبلىك كىشىلەر ئېڭىدا‹‹خەنزۇچە››دەپ يېزىلماي،‹‹مۇسۇلمانچە››ياكى‹‹ھالال››دېگەن خېتى بار يېمەكلىك بولسىلا بولىۋېرىدۇ دەيدىغان قاراش پەيدا بولدى.ئاللاھ تائالا قۇرئاندا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى،قاننى،چوشقا گۆشىنى ھەم ئاللاھنىڭ نامى بىلەن زىكىرى قىلىنماي بوغۇزلانغان ھايۋاننى يېيىشنى ھارام قىلدى››(2-سۈرە بەقەرە173-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىستىكى بايانلار مۇسۇلمانلارنى ئۆز ھالىمىز توغرىلىق ئويلىنىپ بېقىشقا دالالەت قىلىشقا كۇپايە.ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:‹‹روھنى پاك قىلغان ئادەم مۇرادىغا يېتىدۇ.نەپسى(كۇفرى ۋە پىسقى-فۇجۇر بىلەن)كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ››.(91-سۈرە شەمىس10-ئايەت).بىر مۆئمىن ئېھتىياتسىزلىقتىن ھارام نەرسە يەپ سالسا،چىن دىلىدىن تەۋبە قىلىشى كېرەك.ئەگەر ھازىرقى جەمىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەر ھەر كۈنى ھارام نەرسىلەرنى ئېستىمال قىلىۋەرسە ئۇنى قانداقمۇ ئىسلامغا ئەقىدە قىلغان مۇسۇلمان دېگىلى بولسۇن؟تۈرلۈك يېمەكلىكلەر ھالال-ھاراملىقى ئايرىلماي تۇرۇپلا بازارلىرىمىزغا تولۇپ كەتتى.ئۇنى ئايرىپ ئىستىمال قىلىش سەل قاراشقا بولمايدىغان ،مۇسۇلمانلار قاتتىق ئېتىبار قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە.مەن ئاللاھنىڭ رىزاسى ئۈچۈن نەچچە يىللىق جاپالىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشكەن پاكىت ئاساسلىرىمنى قەلەم بىلەن بايان قىلىپ ئەھلى ئۆلىما ۋە مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندۇم.
    مەن ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن لىنشيادىكى داشىگۈەن جامەسىدە جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ،بېيجىڭ،تىيەنجىن،خېبېي،شەندۇڭ،يۈننەن،شىنجاڭ قاتالىق رايونلاردا بازارغا سېلىنىۋاتقان ھەر خىل‹‹مۇسۇلمانچە››ئەمەس يېمەكلىكلەرنى تەكشۈرۈش جەريانىدىكى ئەمەلىي ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلىش
    قىلىش شەرپىگە ئېرىشتىم.
    1-چوڭ مەسىلە سۆڭەك يىلىمى(骨胶)دۇر.سۆڭەك يىلىمى بولسا،تۈرلۈك ھايۋانلارنىڭ سۆڭىكىدىن ۋە تېرىسىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن،يېپىشقاقلىقى كۈچلۈك بولغان يىلىم،بۇنى كۆپچىلىك ھەممەيلەن بىلىدۇ.بۇ ئەنئەنىۋى مەھسۇلات ئەسلى ياغاچ ماتىرىياللارنى يەملەشكە ئىشلىتىلەتتى.تېخنىكا تەرەققىياتى بىلەن ھازىر سۆڭەك يىلىمىنى يېمەكلىكلەرگە ئىشلىتىدىغان سۈزۈك،چاپلىشاڭغۇ بولغان تۈرلۈك يىلىملەر پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان بولدى.بۇ ئىنچىكە پىششقلاپ ئىشلەنگەن يىلىم ھازىرقى سېغىز(口香糖)،كەمپۈت،شاكىلات ۋە تۈرلۈك سۈت كەمپۈتلىرىگە قوشۇلىدۇ.يىلىم بولمىسا بۇ مەھسۇلاتلارنى ياساش مۇمكىن ئەمەس.ھازىرقى تېخنىكا يىڭىلاش دەۋرىدە يېمەكلىككە ئىشلىتىدىغان يىلىم يەنە سوغاق يېمەكلىكلەرنى ياساشقا ئىشلىتىلمەكتە.مەسىلەن:‹‹قايماقلىق سۈت پاراشوگى،سۈتلۈك چوكا مۇز،سۈتلۈك ماروژنا،مېۋە ئۇيۇتمىسى........قاتارلىقلار.سۆڭەك يىلىمىنىڭ قاتۇرۇش رولى بولۇپ،مەھسۇلاتنىڭ ئاسانلىقچە ئېرىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.مەن تىيەنجىن شەھەرلىك سوغۇق ئىچىملىكلەر زاۋۇتىغا يەنى كاڭلى سوغۇق ئىچىمىكلەر زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۈردۈم.تېخنىك خادىم بىزگە زاۋۇت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ياسىلىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇردى.
    1).بۇ زاۋۇتنىڭ مەھسۇلاتلىرى مۇسۇلمانلار رايونىغا كۆپلەپ يۆتكىلىدۇ.زاۋۇت ئىشچىلىرى بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىش-كەلمەسلىكىنى ئەلۋەتتە ئويلاشمايدۇ.بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىدە سۆڭەك يىلىمى بار.
    2).پوتۇلكىغا قاچىلانغان مۇراببا ۋە شەربەتلەر،يەنى شاپتۇل،ئامۇت،ئەنجۈر،ئاپلىسىن،ئۈزۈم قاتارلىقلارنى ياساش مەسىلىسى بولۇپ،بۇ مەھسۇلاتلارنى ياساشتا 85-يىلدىن ئىلگىرى 500گىرام دىتسىلەنگەن سۇغا ئالتە جۈپ قەنت سېلىپ،ھاۋانى سۈمۈرىۋېلىپ،ئاغزىنى ھىم ئېتىپ دېزىنفىكسىيە قىلاتتى.ھازىر دىئابىت كېسىلى،زىيادە سېمىزلىك كېسىلى،يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىرى كۆپەيدى.بۇنىڭ بىلەن زاۋۇتلارغا يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەشتە قەنت مىقدارىنى ئازايتىش توغرۇلۇق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.كېيىن بۇ زاۋۇتلار سۆڭەك يىلىمىنى دىتسىلەنگەن سۇغا قوشۇپ قەنت مىقدارىنى ئازايتىش ئامالىنى قوللاندى.ھازىرقى كونسىرىۋالارنىڭ سۈيىنى تۆكىۋەتسەك،تەركىۋىدە ئۇماچقا ئوخشاش بىر قەۋەت قويۇق ماددا بارلىقىنى كۆرىمىز.مانا بۇ سۆڭەك يىلىمى ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.
    3).ھازىرقى خالتىلىق ناۋات(يەنى كىرىستاللانغان ناۋات دەپمۇ ئاتىلىدۇ).يىگەندە چۈرۈك،تەمى تاتلىق،قاتتىق ئەمەس ھەمدە نۇر ئۆتكۈزۈشچانلىقى ياخشى،تېخىمۇ مۇھىمى يۇقىرى تېمپىراتۇرا پەسلىدە ئاسانلىقچە ئېرىمەيدۇ،ساقلاشقا ئەپلىك،ئەمەلىيەتتە بۇنىڭغا سۆڭەك يىلىمى ئىشلىتىلگەن.
    4).مېۋە قېتىشمىلىرى بولسا پۈتۈنلەي سۆڭەك يىلىمىگە رەڭ كىرگۈزگۈچى ۋە تەم قوشقۇچى قاتارلىقلاردىن ياسالغان بولۇپ،بالىلار ئىچىملىكلىرى خېمىيىلىك چەكلەنگەن مەھسۇلاتتۇر.بۇنداق مەھسۇلاتنىڭ تەمى ۋە قەنت تەركىۋى ئىلگىرىكى ئۇسۇل بويىچە تەييارلانغانلىرىدىن15 ھەسسە كۆپ بولىدۇ.ياسالمىلىرىغا مەبلەغ ئاز،پايدا كۆپ بولىدىغان سۆڭەك يىلىمىدىن پايدىلىنىدۇ.
    5).كېسىلگەن چۆپ(挂面)ئىچىگە سۆڭەك يىلىمى سېلىش ــ بىر ئاش كېسىش زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۈرگەندە،زاۋۇت خادىملىرى بىرگە ئوچۇقلا قىلىپ:‹‹ئەگەر كېسىلگەن ئاشنىڭ خېمىرىغا مۇۋاپىق مىقداردا سۆڭەك يىلىمى ئارىلاشتۇرمىساق،سۇدا ئۇزاق قاينىتىلسا ئۇماچقا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ››دېدى.سىز چۆپ كېسىش ئورنىدا كېسىلگەن چۆپنى قازاندا قاينىتىپ،سۈيىنى پۇراپ باقسىڭىز سۆڭەك يىلىمىنىڭ ھىدى كېلىدۇ.
    6).پىنتوزا ياساش:پىنتوزا پۇرچاق تۈرىدىكى ئەشيالار،كۆممەقوناق،ياڭيۇلاردىن پىششىقلاپ ئىشلىنىدىغان بولۇپ،يۇقارقى خامئەشيالارغا بەلگىلىك نىسبەتتە سۆڭەك يىلىمۇ قوشۇلىدۇ.بولۇپمۇ لازىچاڭ ۋە تېتىتقۇ ئىچىگە سۆڭەك يىلىمى قوشۇلىدۇ.باشقا تۈرلەرنىڭ سەل ئازراق.ئەگەر لازا كونسىرىۋاسىنى بىر كۈن قايناتسىمۇ ئۇماچتەك بولۇپ قالمايدۇ،بۇلار دەل سۆڭەك يىلىمىنىڭ كۈچلۈك يېپىشتۇرۇش رولىنىڭ كۈچى.سىز زاۋۇتلاردا ياسالغان مەلۇم بىر خىل سەي كونسىرىۋاسىنى(菜浆)نى قايناق سۇغا قۇيۇپ ئېرىتسىڭىز،ئۇنىڭدىن سۆڭەك يىلىمىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالايسىز،يۇقارقى مەسىلىلەرگە ھەر بىر ئۆلىمادىن تارتىپ ئاددىي كىشىلەرگىچە دىققەت قىلىشى كېرەك.
            بۇ پاكىتلار شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى:چوشقا سۆڭىكى يىلىمى يۇقارقى ئىستىمال بۇيىملىرىنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلىدۇ.جوڭگودا1مىليارد300مىليون خەلقنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار 95%نى ئىگەللەيدۇ.ھەرقايسى شەھەر،ناھىيىلەردىكى يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى خەنزۇلار بولۇپ،پەقەت تازلىق،سەھىيە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولسىلا،تۈرلۈك تېتىتقۇلارنى قوشىۋېرىدۇ.يېمەكلىككە قوشىلىدىغان سۆڭەك يىلىمىغا ئاساسلىقى:چوشقا سۆڭىكى،كالا سۆڭىكى خام ئەشيا قىلىنىدىغان بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە كالا،قوي سۆڭىكى ئېختىياجنى قاندۇرالمايدۇ.چوشقا سۆڭىكى مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا پىششىقلاپ ئىشلىنىشىدىن قەتئىنەزەر ھارام،شەرىئەتكە خىلاپ!ئۆسۈملۈكلەردىن تاللاپ ئېلىنغان مايلار،مەسىلەن:دېڭىز يىلىمى،كۆكتات يىلىمى قاتارلىق ماتىرياللارنىڭ تەننەرخى ھايۋان سۆڭىكىنىڭ تەننەرخىدىن10 ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ.بۇلار ئاساسلىقى تىببىي داۋالاش،دۆلەت مۇداپىئەسى،تەجرىبە تېخنىكىسىدا ئىشلىتىلىدۇ.بىر ئادەتتكى يېمەكلىك زاۋۇتىدا بۇ خىل ئۆسۈملۈك مايلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىغا بىز ھەرگىز ساددىلىق بىلەن ئىشىنىپ قالماسلىىمىز،ئۇلارنىڭ ئېلان ۋېۋىسكىلىرىدا جار سېلىپ ماختاشلىرىغا ئالدىنىپ قالماسلىقىمىز كېرەك.
    بىز يەنە جاڭيۇنىڭ تەركىبىگە دىققەت قىلىپ باقايلى:
           ئاساسلىقى ئادەمنىڭ چېچى بىلەن ھايۋانلارنىڭ يۇڭىنى ئاساس قىلىپ ياسالغان.بۇ ئاساسەن خۇنەن جاڭيۇ زاۋۇتىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدا ياسىلىدۇ.جاڭيۇ تەڭشۈگۈچ قوشۇپ كونسىرىۋا قۇتىسىغا چاپلىغاندا تازلىققا قىلچىمۇ ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.
           ئەڭ خەتەرلىكى چوشقا مېيىنى ئىستىمال قىلىش مەسىلىسى بولۇپ،مەملىكەت مىقياسىدا ھەممە يېمەكلىك زاۋۇتىدا چىقىۋاتقان سۈنئىي سۈت پاراشوگى،سۈنئىي قايماق،تورت مېيى،قاتۇرغۇچ ۋە باشقا تېتىتقۇچلار چوشقا مېيىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن.بىز تىيەنجىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى توپ سېتىش بازىرىدا تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،چوڭ خوجايىن-بايۋەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ يېمەكلىك زاۋۇتلىرىنىڭ ئىشلىتىدىغىنى ئاساسەن چوشقا مېيى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق.يېمەكلىك سىرتقى يۈزىگە بىر قەۋەت چوشقا مېيى سۈرىۋەتسە،يېمەكلىكنى يېڭى پېتى ئۇزۇن مۇددەت ساقلىغىلى بولىدۇ.ھازىرقى تېخنىكا شارائىتىدا ھايۋانات مېيىدىن چەكلىنىپ،تەمسىز،پۇراقسىز،سۈزۈك،سۇغا ئوخشاش سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرىلىدۇ.97-يىلى چاڭچى خېمىيە سانائىتى زاۋۇتى يۇقىرى تېمپىراتۇرا شارائىتىدا ئاساسىي ئېرىتمىدىن سۈزۈپ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ھايۋانات مېيۇنى مۇۋەپەقىيەتلىك چەكلەپ،ھازىرقى يېمەكلىكلەرگە سىڭدۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان زەھەرسىز،غەيرى پۇراقسىز،رەڭسىز سۇيۇقلۇقنى ئىشلەپ چىقاردى.سىز بارمىقىڭىزدا سىلاپ بېقىپمۇ شەكلى ئۆزگەرتىلگەن چوشقا مېيىنى پۇراپ بىلەلىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس.بىز تىيەنجىن شەھەرلىك سۈنئىي سۈت پاراشوگى(سۈت مەھسۇلاتلىرى)زاۋۇتىغا بېرىپ تەكشۈرسەك،سۈت پاروشوگىنىڭ ئەسلى مەنبىئىي پۇرچار تۈرىدىكىلەر بولۇپ،پۇرچاق مېيىنى يۇقىرى تېمپىراتۇرىدا پۈركۈپ چىقىرىش ئۇسۇلى بىلەن قاتۇرغۇچىغا سىڭدۈرۈپ،سۈنئىي پاروشۇك ياساپ چىقىدىكەن.بۇ يەردىكى ئاساسىي مەسىلە قاتۇرغۇچى چوشقا مېيىدىن ياسالغان.تورت دۇكانلىرىدا ئەگەر زاۋۇتنىڭ تەم كىرگۈزگۈچى بۇيۇملىرىنى ئىشلەتسە بۇمۇ يۇقىرىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ.پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى چوشقا مېيىنى چەكلەپ سۈزۈك سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇپ،ھەر خىل نام بىلەن رېستۇرانلارنىڭ تاماق شىرەسىگە چىقارغاندىن كېيىن بۇ خەۋەرلەر لەنجۇدىكى خۇيزۇ مۇسۇلمانلارنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.بۇ ھەقتىكى جەمىيەت مۇنازىرىسى بىلەن لەنجۇدىكى سودا-سانائەت،سەھىيە ۋە ج خ ئورگانلىرى بىرلىشىپ جىددىي تەكشۈرۈپ،ھارام بۇيۇمنىڭ چىقىش مەنبىيىنى ئىزلەپ،تىگخشلىك جازاسىنى بەرگەەندىن كېيىن،مۇسۇلمانلارنى بۇلغايدىغان بۇ قىلمىشلار ئەمدى باشقىچە شەكىلدەباشقا جايلاردا يامرىماقتا.
    2.يەنە بىر چوڭ مەسىلە:كالا،قوي،توخۇلارنى بوغۇزلاز مەسىلىسى.خېنەن،خېبېي قاتارلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم خۇزۇلارنىڭ قۇشخانىلىرىدا شەرىئەتكە خىلاپ كالا قوي ئۆلتۈرۈش ئەۋج ئالدى.بىز شەندۇڭ لۇەنشەن ناھىيىسىدە بىر خۇيزۇ يېزىسىنى تەكشۈرىگەندە،بۇ يېزا مەھشۇر پاسساپلار يېزىسى بولۇپ،بىز ئۆز كۆزىمىز بىلەن مۇنداق ئەھۋاللارنى كۆردۇق.ىۇيزۇلار كالىنىڭ بۇرنىغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ پۈركۈگۈچنى تىقىپ كالىنى سۇ بىلەن تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرىدىكەن.بۇ ئارقىلىق كالىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرىدىكەن.بەزى قاسساپلار ئۇچلۇق بىگخزنى كالىنىڭ مىڭىسى ئوتتۇرىدىكى نېرۋا مەركىزىگە تىقىپ ئۆلتۈرىدىكەن.ئۇلارنىڭ دىيىشىچە،مۇنداق قىلغاندا جان چىقمىغاچ گۆشنىڭ ئومىي ئېغىرلىقى ئاشىدىكەن.مۇنداق ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى شەرىئەتكە پۈتۈنلەي خىلاپ.مۇنداق گۆش ھارام بولىدۇ.خالتىلارغا قاچىلانغان گۆشلارگە مەيلى‹‹ھالال››ياكى‹‹مۇسۇلمانچە››دەپ يېزىلغان بولسۇن،بۇ گۆشلەر قوي-كالا فېرمىلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن.جەمىيىتىمىزدىكى تۈرلۈك تاۋارلارغا يېزىلغان‹‹مۇسۇلمانچە››دېگەن خەتكە ھېچكىم  قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرەلمەيدۇ.ئاشۇ پۇل-مال ئۈچۈن ھەرقانداق ئىش قىلىشنى يوللۇق ھېسابلايدىغانلار ئىماننىڭ قارىشىسىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.بۇنداق يېمەكلىكلەر ئائىلىلەرگە سىڭىپ كىرىپ،سەبىي بالىلارنىڭ پاك قەلبىنى بۇلغايدۇ.بۇ كۆپ يىللاردىن بېرى كۆرىلىۋاتقان ئەمەلىيەت.
               ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە :‹‹زېمىندىكى ھالال پاك نەسىلەردىن يەڭلار،سىلەر مۆئمىن بولساڭلار ئاللاھتىن قورقۇڭلار››دېدى.(5-سۈرە مائىدە78-ئايەت)
    ئاللاھقا كۆپ شۈكرى،بىزنىڭ تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشىلانسىمۇ،لېكىن ھالال نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش ئىماننىڭ بىر تۈرلۈك تەلىۋى.ھۈرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىنداشلار،بىز بىر چوڭ كۆلەملىك بالا-قازاغا دۈچ كەلدۇق.نېمىشقا بىزنىڭ ئېتىقادىمىز سۇس؟ئىمانىمىز زەئىپ؟نېمىشقا ئىبادىتىمىز قەلبىمىزنى تىترىتەلمەيدۇ؟نېمە سەۋەپتىن قەلبىمىز قېتىپ قالدى؟سەۋەپ بىرلا،ئۇ بوڭلسىمۇ ھارام بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كەتكەن.ھارامنى يىشىش قەلىبنى بۇلغايدۇ.بۇ مۇنازىرىسىز پاكىت.
    بۇ بىر مەيدان ئاپەت ئالدىدا ھەر بىر مۇسۇلماندىن شۇنى ئىلتىماس قىلماقچىمەنكى،ئى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى قېرىنداشلار!قەددىڭىزنى رۇسلاپ،كۆز ئالدىڭىزدىكى ھارامغا نىسپەتەن يۈكسەك ھۇشيار بولۇڭ.ھارامنىڭ مۇسۇلمانلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشىگە رۇخسەت يوق.بىز تاماق داستىخانلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم قېقىۋېتەيلى.نەپسانىيىتىمىزنىڭ ھەۋىسىگە ئەگەشمەيلى.گۈدەك بالىلىرىمىزنىڭو پاك قەلبى بۇلغانمىسۇن.ئۇلارغا ساپ ئىمانى مۇھىت،ئىمانى ھايات،ئىمانى داستىخان كېرەك.بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئىدىيىۋى تونۇشىنى ئۆستۈرۈش،سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇپ،بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىن بىزنىڭ ئەقىدىمىزگە قاراپ ئېتىلىۋاتقان زەھەرلىك بولغانمىلارنى بايقاپ،بىرلىكتە نەپسىمىزنى ۋە ۋۇجۇدىمىز پاك ھالدا كەرەملىك ئاللھتىن تىلەيلى!
           ئى ھەممىگە قادىر ئاللاھ!بىزگە ياردەم قىلغايلا!بىزنىڭ نەپسىمىزنى پاك قىلغايلا!ۋۇجۇدىمىزنى پاك قىلغايلا!دۇئايىمىزنى ئىجابەت قىلغايلا!بىزنى ھالال نەرسىلەر ئارقىلىق ھارامدىن بىھاجەت قىلغايلا ۋە ساقلىغايلا!بىزدىن رازى بولغايلا!......ئامىن!بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى يوللىغۇچىسى ئۇرغۇر ئىسلام مۇنبىرىدىن جەڭگىۋار ئەپەندى بولۇپ،بۇ ماقالىنى كۆرگەن ھەر بىر مۇسۇلمان تورداشلارنىڭ باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا يۈتكۈزۈپ قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىپ بۇ توربەتكە يوللىدىم.
    ھازىر يۇرتىمىدا يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنىڭ‹‹مۇسۇلمانچە››ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلمايدىغان ئىشلار ئىنتايىن ئېغىر،بولۇپمۇ كىچىك بالىلار ئېلىپ بېرىلىدىغان تاتلىق تۈرمىلەرنىڭ.........

      يوللىغۇچىدىن:تېما  ئارىسىدكى بەزى ھەدىسلەرنىڭ رىۋايەت قىلغۇچىسى ئەسكەرتىلمىگەچكە،قىسقارتىۋەتتىم.توغرا چۈشەنگەيسىلە~~~~

    مەنبە: تور دۇنياسى

    سىرلىق تورىدىن ئوغۇرلاندى !

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    1785
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    چولپان ئەزا
    يازما
    948
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    9750
    شۆھـرىتـــــى
    9700
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    9690
    ياخشـى باھا
    972
    تەجىربىسى
    28%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 238 سائەت
  • تىزىم:
    2010-11-30
    ئاخىرقى:
    2012-08-24
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 4 ئېلان قىلىنغان: 2011-05-29
    شەخلا ھەدىنىڭ ئىجادچانلىق ئېڭى يۇقىرىكەن - ھە؟! دېمىسىمۇ ھەممە خۇرۇجلارنى تەل قىلىپ بولغىلى بولمايدىكەن ....

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    1785
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    چولپان ئەزا
    يازما
    948
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    9750
    شۆھـرىتـــــى
    9700
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    9690
    ياخشـى باھا
    972
    تەجىربىسى
    28%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 238 سائەت
  • تىزىم:
    2010-11-30
    ئاخىرقى:
    2012-08-24
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 5 ئېلان قىلىنغان: 2011-05-29
    شاھ تائام ئەپەندىنىڭ سوئالى قىززىقتە توۋا..........

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    1288
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    چولپان ئەزا
    يازما
    609
    نادىر تىما
    2
    مۇنبەرپۇلـــى
    6571
    شۆھـرىتـــــى
    6340
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    6320
    ياخشـى باھا
    686
    تەجىربىسى
    93%
    ھالىتى
    توردا:
  • 249 سائەت
  • تىزىم:
    2010-10-09
    ئاخىرقى:
    2012-08-21
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 6 ئېلان قىلىنغان: 2011-05-29
    قىزىق ئىش مەن بۇتېمىنى2ئاينىڭ ئالدىدا مۇشۇ مۇنبەردە كۆرۈپ ،كۆچۈرۈپ تۇققانلارغا ۋە ئۆيدىكىلەرگە ئوقۇپ چۈشەندۇرۇپ قويدۇم.مېھماندارچىلىققا بارساممۇ ئۆيدە قوسىقىمنى توقلىۋېلىپ ئاندىن بارىدىغان بولدۇم.بىراق ياز كىرگەندىن بېرى تۇققانلارنىڭ قوللىرىدىن شۇ سوغاق ئىچىملىكلەر چۈشمەيۋاتىدۇ قولىدىن ئېلىپلا تاشلىۋەتتىم،ھەتتا مېنىڭ 4 ياشلىق ئوماق قىزىمنىڭ ئىدىيىسىگىە ئۆزلەشكەن بۇ ئۇقۇمنى ئۇلار چوپ-چوڭ يىگىت تۇرۇپ نىمىشقا ئۆزلەشتۈرەلمەيدىغاندۇ؟تاللا بازارلىرىنى ئېچىۋالغان.< .مۇسۇلمان >قىزلىرىمىزمۇ دۇكانغا سالغان بەزى تاتلىق-تۇرۇملەرنىڭ،ئىچىملىكلەرنىڭ ھالال ئەمەسلىگىنى بىلمەيدىكەن ئەمەسمۇ؟

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    882
    جىنسى:
    ئوغۇل
    دەرىجىسى
    باشقۇرغۇچى
    يازما
    612
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    1164
    شۆھـرىتـــــى
    6610
    تۆھپــــــــــە
    4
    سودا پۇلــــى
    6165
    ياخشـى باھا
    699
    تەجىربىسى
    87%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 246 سائەت
  • تىزىم:
    2010-08-03
    ئاخىرقى:
    2012-10-15
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 7 ئېلان قىلىنغان: 2011-05-29
    بۇ مەزمون5قەۋەتتىكىرەھىمسىزنىڭ2011-05-29 11:08دە يوللىغان يازمىسى  :
    شاھ تائام ئەپەندىنىڭ سوئالى قىززىقتە توۋا..........

    قايسى سۇئالىمنى قىززىق دەيسىز؟
    مەن تاماقخانا ئاچىمەن، ئىشلىتىدىغان خۇرۇچلار كۆپ ، شۇڭا قانداق خۇرۇچلار ھالال، قايسى ھارام دەلىلى بىلەن ئۇقۇۋالغىنىم ياخشى دەپ قارايمەن،  
    سۇئالىمنىڭ قايسى يېرى سىزگە قىززىق بىلىنگىنىنى چۈشىنەلمىدىم.

    ماڭا بىرنى ئويلىساڭ، اللا ساڭا ئوننى بەرسۇن.
    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    957
    جىنسى:
    قىز
    دەرىجىسى
    ئالىي ئەزا
    يازما
    1922
    نادىر تىما
    2
    مۇنبەرپۇلـــى
    21899
    شۆھـرىتـــــى
    20710
    تۆھپــــــــــە
    108
    سودا پۇلــــى
    18670
    ياخشـى باھا
    2173
    تەجىربىسى
    56%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 451 سائەت
  • تىزىم:
    2010-08-18
    ئاخىرقى:
    2011-11-23
    شەرەپ مىدالى

    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 8 ئېلان قىلىنغان: 2011-05-29
    رەھمەت شەھلا ھەدە...نان يوق ئەھۋالدا گۇرۇچ تامىقى بىلەن يىسىمۇ بولغىدەك....

    ئەزا ئۇچۇرى
    تىزىم نۇمۇرى
    1785
    جىنسى:
    مەخپى
    دەرىجىسى
    چولپان ئەزا
    يازما
    948
    نادىر تىما
    1
    مۇنبەرپۇلـــى
    9750
    شۆھـرىتـــــى
    9700
    تۆھپــــــــــە
    0
    سودا پۇلــــى
    9690
    ياخشـى باھا
    972
    تەجىربىسى
    28%
    ھالىتى
    ئالاقەQQ
    بۇ يەرنى چېكىپTAپاراڭلىشىڭQQ
    توردا:
  • 238 سائەت
  • تىزىم:
    2010-11-30
    ئاخىرقى:
    2012-08-24
    مۇشۇ ئاپتورنىڭكىنىلا كۆرۈش 9 ئېلان قىلىنغان: 2011-05-30
    بۇ مەزمون7قەۋەتتىكىشاھ تائامنىڭ2011-05-29 15:37دە يوللىغان يازمىسى  :
    قايسى سۇئالىمنى قىززىق دەيسىز؟
    مەن تاماقخانا ئاچىمەن، ئىشلىتىدىغان خۇرۇچلار كۆپ ، شۇڭا قانداق خۇرۇچلار ھالال، قايسى ھارام دەلىلى بىلەن ئۇقۇۋالغىنىم ياخشى دەپ قارايمەن،  
    سۇئالىمنىڭ قايسى يېرى سىزگە قىززىق بىلىنگىنىنى چۈشىنەلمىدىم.

    ئاللاھ....ئاللاھ.....ما باشلىقنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدۇممۇ نىمە مەن؟؟؟؟؟؟ ۋاي توۋا نىمە دەپ چۈشەندۈرسەم بولا ئەمدى؟؟؟ مۇنداقچە ئېيتسام شەخلا ھەدە يوللاپ بەرگەن ئاۋۇ تىما مۇنبەر يۈزىدە ئاز دىگەندىمۇ بىرەر ئاي تۇردىچۇ....شۇڭا سىزنىڭ شۇ تىمىنى .كۆرمىگىنىڭىز يەنە كىلىپ <ئاڭلاپ باقمىغان گەپكەن > دىيىشىڭىز ماڭا باشقىچە بىلىنىپ قالدىچۇ شۇڭا...ھالال-ھارامنى ئايرىپ بىلىۋالغىنىڭىز ياخشى ئىش......بەلكىم ئالدىراشچلىقتا شۇ تىمىغا دىققەت قىلامىغان بولىشىڭىز مۇمكىن......

    تىز سۈرئەتئىنكاس
    چەكلىك250 بايت
    ئىنكاس يوللىغاندا تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسلارنى يوللىماڭ ، خاسلىقنى ساقلاڭ،  بىزنى قوللاڭ !!!
     
    ئالدىنقىسى كېيىنكىسى